ئۈجمە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئۈجمە (خام دورا)
  2. ئۈجمە (مېۋە)
  3. ئۈجمە ()
خام دورا
ئۈجمە

ئۈجمە ئۈجمە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئۈجمىگە ئۇرۇقداش بولۇپ، مېۋىسى، يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈجمە
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 桑椹
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈجمەئۈجمە ئۈجمە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئۈجمىگە ئۇرۇقداش بولۇپ، قوۋزىقى تېيىز يېرىلىدۇ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى تاق جىنسلىق، گۈل يېپىنچىسى سارغۇچ يېشىل كېلىدۇ. يوپۇرمىقى بىلەن پىلە بېقىلىدۇ، يۇمران شاخلىرىنىڭ ئەۋرىشىم قوۋزىقىدىن چىققان تالالىرىنى ماتېرىيال قىلىپ قەغەز ئىشلىگىلى بولىدۇ. مېۋىسى ئاق ياكى قارا قوڭۇر بولۇپ، تاتلىق كېلىدۇ، ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەلغەم بوشىتىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قىزىتما ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىگە رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

ئۈجمىنىڭ مېۋىسى، يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ.

ئۈجمەھۆل ئۈجمىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تال، جىگەر كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ؛ باھنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنىڭ ياغلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، كىشىنى سەمرىتىدۇ. 

ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ غار غار قىلىپ بەرسە، گال ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئۈجمىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە سىركە قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قىزىتمىلارنى ياندۇرىدۇ. 

ھۆل ئۈجمىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، گالنىڭ يىرىكلىكى، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، گال ئىششىقى ۋە يۇتقۇنچاق، بادامسىمان بەز ياللۇغى، تېرە قۇرغاقلىشىش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 35 گرام، سوغىگۈلدىن تۆت گرام، ئاق تۇرۇپتىن 70 گرام، نەشپۈتتىن بىر تال، ئاق شېكەردىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 500 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھورداپ يۇيۇپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئۈجمە يوپۇرمىقى، ۋاسالغۇ ۋە خام ئەگرىسۇنانىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقىنى 12 گرام يۇلغۇن، ئۈچ پارچە خام زەنجىۋىل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقىنى تۆت گرام يالپۇز، سەككىز گرام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، يەتتە گرام ئىزىلگەن بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام پەربۇن، تۆت گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ باشلىنىشىدىكى قىزرىپ يۆتىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئۈجمە يوپۇرمىقى، قىرىقبوغۇم، سەبدىگۈل، مامكاپلارنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#