بوستان يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. بوستان يېزىسى (مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى)
  2. بوستان يېزىسى (چىرا ناھىيەسى)
  3. بوستان يېزىسى (توقسۇن ناھىيەسى)
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى

بوستان يېزىسى

بوستان يېزىسى

بوستان يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بوستان يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1624 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 博斯坦乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون سانجى ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 3619 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى bó sī tǎn xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورنى

بوستان يېزىسىبوستان يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. غەربىي بەيياڭخې يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتە چوقبارتاش يېزىسى بىلەن چېگرىداش، جەنۇبتا قارلىق ئورمان ۋە پىچان ناھىيەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمالدا ئاقدالا بىلەن چېگرالىنىدۇ.

يەر شەكلى

بوستان يېزىسى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئېدىرلىققا جايلاشقان بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400 مېتىر. بوستان يېزىسىنىڭ جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 28 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 1624 كۋادرات كىلومېتىر. جەنۇبىي تاغلىق رايونى ھەيۋەتلىك تاغلار، تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، بوستان يېزىسىنىڭ يازلىق يايلىقى. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېدىرلىق يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز-پەس، ھاۋا كىلىماتى سوغۇق، شىمالى چۆل بەلۋاغ، ئوتلىقى ئاساسەن قۇملۇقتا، پۈتۈن يېزىنىڭ قىشلاق چارۋىچىلىق مەيدانى.

بوستان يېزىسى تەۋەسىدە: بوستان كەنتى، خېرەن تۆبە كەنتى، سەنگېچۈەنزە كەنتى، ئاقيول كەنتى، ئىرقاباق كەنتى قاتارلىق بەش مەمۇرىي كەنت بار، ھەممىسى چارۋىچىلىق كەنتى.

بوستان يېزىسىبوستان يېزىسى تەۋەسىدە 1073 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 4096 ئادەم، قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە : قازاق مىللىتى 2434 ئادەم، ئۇيغۇر 838 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 525 ئادەم، چارۋىچىلىق نوپۇسى 3619 ئادەم.

يەر بايلىقى

بوستان يېزىسىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر 16 مىڭ 800 مو، بۇنىڭ ئىچىدە پۈركۈپ سۇغىرىش كۆلىمى 15960 مو، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ مو.

سۇ بايلىقى

تەڭرىتاغ نىڭ ئىچكىرىسىدىكى بوستان دەرياسى پۈتۈن يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، يىللىق سىرغىم مىقدارى 8 مىليون 10 مىڭ كۇب مېتىر. يېزا تەۋەسىدە يەنە ئاقسۇ (ئەتىر دەريا غولى) سارسەركە، قاشا غولى، دالانساينىڭ 4 تارماق بۇلاق سۇ جىلغىسى بار، يىللىق ئېقىم مىقدارى 2 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىر، ھازىر تەۋەلىكىدە سىغىمچانلىقى 2 مىليون 10 مىڭ كۇب مېتىر بولغانسۇ ئامبىرى بار.

چارۋىچىلىق بوستان يېزىسىنىڭ مەركىزىنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈك كەسپى، 2007-يىلى، ئەڭ كۆپ چارۋا بېقىلىش مىقدارى 110069 تۇياق، يىل ئاخىرىدىكى قوتاندا قالغان چارۋا سانى 66304 تۇياق بولغان.

بوستان يېزىسى تەۋەسىدىكى ساياھەت مەنزىرە نوقتىسىدىن خوجا مازىرى بىلەن شېنشۇيچۈەن بۇلاق بار.

بوستان يېزىسىخوجا مازىرى: مورى ناھىيەسى بوستان خوجا مازىرى (ئەۋلىيا قەبرىسى)، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا جايلاشقان، مورى ناھىيەسى دىكى بوستان يېزىسى تەۋەسىدە بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.

شېنشۇيچۈەن بۇلاق: شېنشۇيچۈەن بۇلاق 20 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ قاپتىلىغا ئاستىغا يېقىن بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىردىنبىر بۇلاق. شېنشۇيچۈەن بۇلىقىنىڭ سۈيى سۈزۈك تاتلىق، پاكىز، يەنە تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان، ناھايىتى ياخشى تەبىئىي مىنېرال ئىچىملىك سۇ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#