بالىلاردىكى زىققە كېسىلى

بالىلار زىققە كېسىلى

بالىلاردىكى زىققە كېسىلى بولسا __ كاناي زىققە كېسىلىنىڭ بىر تۈرى.

غەرب تېبابىتى نامى بالىلاردىكى زىققە كېسىلى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بالىلار
كېسەللىك ئورنى يۇقىرى نەپەس يوللىرى
باشقا نامى كىچىك بالىلار دەم سىقىش كېسىلى
خەنزۇچە نامى 小儿哮喘
تەۋە بۆلۈم بالىلار بۆلۈمى
چەتئەلچە نامى infantile asthma

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلار زىققە كېسىلىبالىلاردىكى زىققە كېسىلى بولسا—كاناي زىققە كېسىلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار:

1. بىمارلارنىڭ يېشى ئادەتتە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بولىدۇ، كېسەلنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن كۆپ بولىدۇ.

2. كېسەل قوزغالغاندا، نەپەسلىنىش جەريانىدا ئاڭلاش ئەسۋابى ئارقىلىق ئۆپكىنىڭ ئىككى قانىتىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، كېسەل ئېغىرلاشقاندا ئاڭلاش ئەسۋابىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ. نەپەسلەنگەن ۋاقىت ئادەتتىكى ۋاقىتقا قارىغاندا بىر ئاز ئۇزۇن بولىدۇ.

3. بالىلارنىڭ تېنى زىيادە سەزگۈرچان بولۇپ كېتىدۇ.

4. ئاتا-ئانىلار زىققە كېسەل تارىخى بولىدۇ، ئەگەر بالىدا يۇقىرىقى ئىپادىلەر كۆرۈلسە ياكى ئالاھىدىلىكلەر بولسا، زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار بولۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

بالىلار زىققە كېسىلىنۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ناھايىتى كۆپ بالىلار تانا قۇرتى تۈپەيلىدىن بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا شەخسىي تازىلىققا قاتتىق دىققەت قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆيدە پانا قۇرتى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك: ئالدى بىلەن شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا مۇنچىغا كىرىش. مەخسۇس لۆڭگە ۋە مۇنچا ئەسۋابلىرى بولۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆينىڭ مۇھىتى ۋە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئادەتتىكى ئەھۋالدا باھار، ياز پەسلىدە بۇ خىل قۇرتنىڭ يۇقۇملىنىش ۋاقتى يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن ۋاقىت بولغاچقا، بۇ پەسىلدە تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىپ، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆينى قۇرغاقراق تۇتۇش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل قۇرت گىلەم ئارىسىدا تېز كۆپىيىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەرگە گىلەم سالماسلىق، ھەر ھەپتىدە كىرلىك، پەردە قاتارلىقلارنى ℃55 ئەتراپىدىكى سۇدا يۇيۇپ چايقاش كېرەك. ئۆينىڭ چاڭ-توزان بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆيدە بالا يوق چاغدا ئاندىن سۈپۈرۈپ، تازىلاش، بالىلارنىڭ يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلىرىنى دائىم پاكىزلاپ، ئاپتاپقا سېلىش شۇنداقلا زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئىزدەشكە دىققەت قىلىش ۋە بۇ خىل مەنبە بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 

بالىلار زىققە كېسىلىبۇ كېسەللىك جۇغراپىيىلىك ئورنى، ياشىغان مۇھىتى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك - ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلرانىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەم زۇكامنىڭ تەسىرىدىن نەپەس يوللىرى ياللۇغلانغاندىن كېيىن ئۇزاققىچە ساقايماسلىق، ھەرخىل ئۇزاققا سوزۇلغان ياللۇغلىنىشلارنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.[0]

بالىلار زىققە كېسىلىئالامىتى: كۆپىنچە كېچىسى تۇيۇقسىز دېمى سىقىلىش بىلەن باشلىنىپ، نەپەس قىيىنلىشىش، بالىلار ياتالماي ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش، تىنىقى چىقماي، چىرايى قىزىرىپ كېتىش، بەزىدە ئىسقىرتقاندەك ئاۋاز چىقىرىپ نەپەسلىنىش، كۆپۈكلۈك بەلغەم چىقىرىش ۋە كالپۇك، بارماقلىرى كۆكىرىش، شۇنداقلا رىتىمسىز تۇتقاق تۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 

بالىلار زىققە كېسىلى 1.  كېسەللىك ئەھۋالىنى تولۇق كونترول قىلىپ  تىزگىنلەش ھەم  ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش كېرەك.

2. ئىمكانقەدەر نورمال ئۆپكە فۇنكسىيىسى قوغداش ۋە ساقلاش. 

3. دورىنىڭ ناچار تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك. 

 بۇ نۇقتىغا يېتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى نىشان ، ھالقىلىق مۇۋاپىق داۋالاش لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋالاش لازىم. پۇرىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى بولسا بىر قەدەر ياخشى داۋالاش، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ ھەم  نەپەس سىقىلشنى ئازايتىپ، نەپەسلىنىشنىڭ قىيىن بۇلشىنى يىنىكلەتكىلى بولدۇ. 

1-رېتسېپ 

بالىلار زىققە كېسىلىتەركىبى: زىغىر 90 گرام، قەردمانە 30 گرام، ھەسەل مەلۇم مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سامساقتىن 50 گرام، ئالقاتتىن 50 گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى چەككىلەپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: خەشخاش 150 گرام، رۇببىسۇس، تاتلىق بادام مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرامدىن، قەنت 280 گرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: خەشخاشتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، خەشخاشنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سىقىپ سۈزۈپ، قەنتنى سۈيىدە قىيام قىلىپ، ئۈستىگە تالقانلانغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#