يەمەن جۇمھۇرىيىتى

يەمەن جۇمھۇرىيىتى قىسقارتىلىپ يەمەن دېيىلىدۇ. غەربى-جەنۇب ئاسىيا دۆلىتى، ئەرەب دېڭىزى ۋە قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. ئامان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى (شىمالىي يەمەن) ۋە يەمەن دىموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلىشىشىدىن قۇرۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى يەمەن جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى يەمەن 也门
ۋاقىت رايونى UTC+3
دۆلەت شېئىرى 《联合共和国》
سىياسى تۈزۈلمىسى فېدېراتسىيە تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 也门共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
پايتەختى سانا
دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى
نوپۇسى 26 مىليون 800 مىڭ (2015-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەمەن جۇمھۇرىيىتىيەمەن جۇمھۇرىيىتى (ئىنگلىزچە: The Republic of Yemen) قىسقارتىلىپ يەمەن دېيىلىدۇ. غەربى-جەنۇب ئاسىيا دۆلىتى، ئەرەب دېڭىزى ۋە قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. ئامان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى (شىمالىي يەمەن) ۋە يەمەن دىموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلىشىشىدىن قۇرۇلغان. 

نوپۇسى: 26 مىليون 800 مىڭ (دۇنيا بويىچە 53 ئورۇندا تۇرىدۇ)، نوپۇسىنىڭ زىچلىقى 45.1/ ئادەم كۋادرات كىلومېتىر، (دۇنيا بويىچە 29-ئورۇندا تۇرىدۇ). پايتەختى: سانا (Sana'a).

يەمەن جۇمھۇرىيىتىئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرىكى تەۋرات دەۋرىدە، يەمەن «سابا (Sheba) پادىشاھلىقى» دەپ ئاتىلاتتى، سابا پادىشاھلىقى ئىلگىرى بابىلون ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر سابا ئايال پادىشاھى بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ ھېكايىسى تارقىلىپ يۈرىدۇ. 7-ئەسىردىكى يەمەن بولسا ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى.

يەمەن ئەسلى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، 1918-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان، 1962-يىلى ئىنقىلاب يۈز بېرىپ، ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

يەمەن ئەسلى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولۇپ، 1839-يىلى ئەنگلىيە ئادەن (Aden) پورتىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 9-ئايدا بۇ يەردىمۇ مۇستەملىكە قۇردى؛ 1863-يىلىدىن 1882-يىلىغىچە جەنۇبىي قىسىمدىكى ھەدرەمەۋت قاتارلىق 30 نەچچە قەبىلىلىكنى بېسىۋېلىپ، ئۆز ھامىيلىقىدىكى «ئادەن» رايونىنى قۇرغان.

1967-يىلى ئەنگلىيە چېكىنىپ چىقىپ، جەنۇبىي يەمەن دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1970-يىلى دۆلەت نامىنى يەمەن دىموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىپ، سوۋېت ئىتپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزىمىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

1990-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىمالى، جەنۇبى يەمەن بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، يەمەن جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.

1994-يىلى يەمەننىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنىڭ رەھبەرلىرى مەسىلىلەر ئۈستىدە بىرلىككە كېلەلمەي زىددىيەت كېلىپ چىقىپ، ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. 7-ئايدا ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلىشىپ، جەنۇب تەرەپنىڭ ھەربىي قىسمى مەغلۇپ بولغان.

2006-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى يەمەن دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزگەن. ئەلى ئابدۇللا سالىھ داۋاملىق ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى پرېزىدېنت سالىھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەلى مۇھەممەد مۇجاۋەرنى باش مىنىستىرىلىككە تەيىنلىگەن. يەرلىكتە سېپراتىزىمنىڭ ئومۇملىشىشى تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، سالىھنىڭ بىر ئۆمۈر پرېزىدېنت بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارالغاچقا، يەمەننىڭ پايتەختىدىكى مىڭلىغان ئادەم ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەركىتىگە قاتنىشىپ، نۆۋەتتىكى ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلگەن لاھىيىسىگە قارشىلىق بىلدۈردى. بۇ لايىھىدە پرىزدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەربىر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7 يىل، پرىزدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىل قىلىپ بېكىتىلگەن، ھەمدە  پرىزدېنتنىڭ ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە ئۆتەش نامزاتىغا كۆرسىتىش ھوقوقى بېرىلگەن.

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، سالىھ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتىكى خان ئوردىسىدا دېڭىز قولتىقى ھەمكارلىق كومىتىتى  ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئاستىدا پرېزىدېنتلىقتىن ئىستېپا بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، ئۇنىڭ 33 يىللىق  پرېزىدېنتلىق ھاياتى رەسمىي ئاياغلاشقان.

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھادى 34 مىنىستىردىن تەركىب تاپقان ئۆتكۈنچى مەزگىللىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھۆكۈمىتىنى ئېلان قىلدى. ھوقۇق يۈرگۈزۋاتقان دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسى بىلەن ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى بۇ 34 ئورۇنغا تەكشى بۆلۈندى: دۆلەت مۇداپىئە قىسمى، سىرتقى ئالاقە قىسمى، نېفىت ۋە كان ئىشلىرى، ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى، دىننى فوند ۋە دىنىي يېتەكچىلىك قىسملىرىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسىنىڭ  ئەزالىرى ئۈستىگە ئالدى؛ ئىچكى سىياسىي ئىشلار، مالىيە،خەلقئارالىق پىلان ۋە ھەمكارلىق، ئەدلىيە، ئاخبارات ساھەلىرىنىڭ مىنىستىرلىكىنى ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى ئىتىپاقىنىڭ ئەزالىرى ئۈستىگە ئالغان.

ئورنى

يەمەن جۇمھۇرىيىتىيەمەننىڭ جەنۇب تەرىپى ئەرەب دېڭىزى بولۇپ، دېڭىز قىرغىرغىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1906 كلومېتىرغا يېتىدۇ؛ شەرقى ئامان بىلەن، شىمالى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۇتىشىدۇ، چېگرا سىزىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1746 كلومېتىر.(ئامان بىلەن بولغان چېگرىسى 288 كلومېتىر، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان چېگرىسى 1458 كلومېتىر).

يەمەننىڭ يەر شەكلىدە تاغلىق، ئېگىزلىك رايونلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، قۇملۇق ۋە يېرىم قۇملۇق رايونلار كۆپ، نەبئى شۇئەيىب (Nabi Shu'aib) چوققىسى (دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3760 مېتىر) دۆلەت بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا. جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقى رايونى بىلەن ھىجاز ئوخشاش نەم ئىسسىق؛ غەربىي تاغلىق رايون كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. شەرقىي قىسمى بولسا قۇرغاق، قاقاس قۇملۇق بەلباغقا تەۋە.

بايلىقى

يەمەننىڭ ئاساسلىق رۇدا مەنبەلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، قوغۇشۇن، نىكېل بار؛ تۇز، مەرمەرتاشتىن باشقا يەنە يەمەننىڭ دېڭىز قىرغىقىدا بېلىقچىلىق سانائىتى بار.

مۇھىتى

يەمەننىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى دۆلەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %3 گىمۇ يەتمەيدۇ، گەرچە يەمەن خەلقى ئىلگىرى تېرىقچىلىق بىلەن شوغۇللانغان خەلق بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى سۇ  كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كەلمەي قالدى. شۇ سەۋەپتىن ئاشلىقتا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەي قالدى. يەمەندە ياز پەسلىدە قۇملۇقلاردا دائىم قۇم بوران كۆرىلىدۇ، ھەددىدىن ئارتۇق باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبىدىن، قۇملىشىش بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن.

يەمەن جۇمھۇرىيىتى20 مىليون 770 مىڭ ئادەم بار (2011-يىلى)، ئەرەبلەر كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ، ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى، ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ.

ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، شىئە مەزھىپى بىلەن سۈنئى مەزھىپى ھەر قايسىسى %50 نى ئىگەللەيدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنى كۆپ قىسمى زەيد مەزھىپىگە تەۋە، ئاز بىر قىسمى 12 ئىمام مەزھىپىگە تەۋە. سۈنئى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئاساسلىقى شافىيە (Shafi'iyyah) مەزھىپىگە ئەمەل قىلىدۇ.يەمەن ئاساسلىقى سوۋفىزىم (Sufism) گۈللەنگەن جاي. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەمەندە خرىستىئان دىنى، يەھۇدى دىنى، ھىندى دىنى مۇردلىرى بار.

يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىكاھ ئالماشتۇرۇش تۈزىمى: يەمەن بىر نامرات دۆلەت، شۇنداقلا بالىلارنى توي قىلىش ئەۋج ئالغان دۆلەت. تويلۇقنى تېجەپ قېلىش ئۈچۈن «تويلۇق ئالماشتۇرۇش» تۈزۈلمىسى شەكىللەنگەن، يەنى ئاكا بولغۇچى كېلىنچەكنى ئالغان چاغدا، سىڭلىسىنى كېلىنچەكنىڭ ئاكىسىغا ياتلىق قىلىشتىن ئىبارەت. 2008-يىلىدىكى نۇجۇد ئەلىنىڭ كىچىك توي قىلىپ ئاجرىشىش دىلوسى بىلەن ئەرەبلەردىكى  بالىلارنىڭ توي قىلىش مەسىلىسى دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن «سېھرىي كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ «2008-يىللىق يىللىق ئايال» لىقىغا تاللانغان، ھەتتا ھىلارى (Hilary) نىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. «مەن ئون ياشتا ۋە ئاجرىشىش» ناملىق كىتابى بار.

بايراملىرى

1-ئاينىڭ 1-كۈنى: يېڭى يىل؛

5-ئاينىڭ 22-كۈنى: بىرلىككە كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەش كۈنى؛

9-ئاينىڭ 26-كۈنى: 1963ئىنقىلاب بايرىمى؛

10-ئاينىڭ 4-كۈنى: دۆلەت بايرىمى؛

11-ئاينىڭ 30-كۈنى: مۇستەقىللىق كۈنى؛

ئىسلام كالىندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 10كۈنى: قۇربان ھېيت؛

ئىسلام كالىندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى: روزا ھېيت؛

ئىسلام كالىندارى بويىچە 1-ئاينىڭ 1-كۈنى: ئىسلام كالىندارنىڭ يېڭى يىلى؛

ئىسلام كالىندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 12-كۈنى: مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى؛

يەمەن جۇمھۇرىيىتىيەمەن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنى يۈگۈزىدىغان جۇمھۇرىيەت. پرېزىدېنت دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى، باش مىنىستىر بولسا ھۆكۈمەت باشلىقى.

قانۇن تۈزۈش ئورگىنى ئىككى پالاتالىق تۈزۈمنى يۈرگۈزىدۇ: ۋەكىللەر يىغىنى (Assembly of Representatives of Yemen) دا 301 ئورۇن بار بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سايلىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ؛ كېڭەش يىغىنى (Shura) دا 111 ئورۇن بار بولۇپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئىككى پالاتا ھەر ئالتە يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزىدۇ.

پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانغا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككى نامزات بولىشى، ھەر بىرى ئاز دىگەندىمۇ 15 پارلامىنېت ئەزاسىنىڭ قوللىشىشىغا ئېرىشىشى، ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىشى كېرەك، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەتتە يىل، بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدۇ. باش مىنىستىر زۇڭتۇڭ تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، پارلامېنتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندە ئاندىن ۋەزىپىگە ئولتۇرالايدۇ. سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ يېشى 18 ياشقا توشىشى كېرەك.

يەمەننىڭ ئاساسىي قانۇنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىلىقىنى ئېنىق بېكىتكەن بولۇپ، ئىسلام دىنى قانۇنى بۇ دۆلەتنىڭ ئەدلىيە سوتىدا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

ئەلى ئابدۇللا سالىھ بولسا يەمەن قايتا بىرلىككە كېلىپ، «پرېزېدېنت خەلق تەرىپىدىن سايلىنىش» يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تۈنجى خەلق سايلىغان پرېزېدېنت، بىراق ئۇ 1978-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە شىمالىي يەمەننىڭ پرېزېدىنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 1990-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن پېرېزېدىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2006-يىلىدىكى پېرېزدېنت سايلىمىدا ئۇ يەنە غەلىبە قىلىپ ئۇدا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى، پىلان بويىچە 2013-يىلى ۋەزىپە مۇددىتى توشىدۇ. خەلقئارالىق تەكشۈرۈپ-كۆزەتكۈچىلەرنىڭ باھالىشىچە سالىھنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشى يەمەننىڭ «قىسمەن ئەركىن» دۆلەت ئىكەنلىكىنى-سايلام جەريانىدا بىر قىسىم زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش، مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە نىسبەتەن تاجاۋۇز قىلىش ۋە بوزەك قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2003-يىلى 4-ئايدا يەمەن پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ باردى، سالىھ رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسى (GPC)ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ئومۇمىي 301 ئورۇننىڭ 238 ى نى ئىگەللەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ پارتىيە ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ. باشقا پارتىيە-گوروھلار، خەلق ئىسلاھ قىلغان پارتىيىلەر (Yemeni Congregation for Reform) 46ئورۇنغا ئىگە، يەمەن سوتسىيالىستىك پارتىيىسى سەككىز ئورۇنغا، ناسېرىت فېدېراتسىيە ئۇيۇشمىسى (Nasserite Unionist People's Organisation) ئۈچ ئورۇنغا، ئەرەب سوتسىيالىستىك گۈللىنىش پاتىيىسى ئىككى ئورۇنغا، مۇستەقىل نامزاتلار تۆت ئورۇنغا ئىگە.

2011-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، يەمەندىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشى سەۋەبىدىن، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلاشتى، سىياسى جەھەتتىن چىرىكلىشىشنىڭ ئېغىرلىشىشى سالىھنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ھوقۇق يۈرگۈزىشىگە نىسبەتەن نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تۇنىس ۋە مىسىر قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى دېمۇكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، يەمەننىڭ ئىچكى قىسمىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پارتىلىدى. ئۇلار ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھاكىمىيەت رەھبىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پېرېزدېنت بولىۋاتقان سالىھنىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلدى. كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشى ۋە يارىدارلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۈچىنىڭ يەنە بىرقەدەم كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاخىرىدا قوراللانغان قەبىلىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا پايتەختتە تۇتىشىپ قالدى.

2001-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراف خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە جەنۇبىي سۇدان غەلبىلىك ھالدا سۇداندىن مۇستەقىل بولدى، يەمەننىڭ جەنۇبى قىسمىدىمۇ مۇستەقىللىق دولقىنى كۆتۈرۈشكە تەييارلاندى. پرېزدېنت سالىھمۇ ئالدىنقى ئايدا تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ داۋالاندى. مەركىزىي ھۆكۈمەت شىمالىي قىسىمدىكى دىموكراتىك كۈرەشلەر بىلەن جەنۇبىي قىسىمدىكى ئىسلام ئۇرۇشقاق تەشكىلاتىنى جېنىنىڭ بارىچە ئەپلەشتۈرۈپ، ھەربىي تەرەپنىڭ ئۈزۈل–كېسىل بۆلىنىشىگە كەسكىن قارشى تۇردى.

2007-يىلى قۇرۇلغان بۆلگۈنچى تەشكىلات «جەنۇبىي يەمەن ھەركىتى» (Al Harak) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۈچىنى زورايتىپ، جەنۇب مۇستەقىللىقىغا ئۇرۇندى. «جەنۇبىي يەمەن ھەركىتى» نىڭ رەھبىرى جەنۇبىي يەمەننىڭ «سىياسىي  خىزمەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تەشكىلىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئاللىقاچان تەييار بولغانلىقىنى» بىلدۈردى.

2001-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراف خەۋىرى، يەمەن پرېزدېنتى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تەخىتتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

لېكىن 33 يىل ھوقۇق يۈرگۈزگەن سالىھ، ھوقۇقنى دۈشمەن قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاممىنىڭ نامايىشى ۋە ھەربىي قىسىمدىكى بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ چىقىۋاتقان ئاسىيلىق قىلمىشلىرىغا دۈچ كېلىۋاتقان سالىھ، ئىلگىرىمۇ نەچچە قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، بىراق ھەممىسىدە ئەڭ ئاخىرقى پەيىتتە توختىۋالاتتى.

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، داۋالغۇپ تىنچىمايۋاتقان ئەنسىزلىك ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، 33 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 69 ياشلىق پرېزدېنت سالىھ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا كېلىشىم ئىمزالاپ، ھوقۇقنى 66 ياشلىق باش مىنىستىر ھادىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى ۋە تۇققانلىرىنىڭ ئەيىبلىنىش ھوقوقى ۋە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقوقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بىراق ئامما يەنە نارازى بولۇپ، «قاتىلنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ، خائىننى قوغداشقا بولمايدۇ» (No immunity for murderers, no guarantee for the betrayer) دېگەن شوئارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كوچىلاردا ئېتىراز بىلدۈردى. كېلىشىم بويىچە، بارلىق ھوقۇق باش مىنىستىر ھادىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، سالىھ ھېچقانداق ئەمىلى ھوقۇقى بولمىغان مۇددىتى 90 كۈنلۈك پەخرى پرېزدېنت بولدى؛ شۇنىڭدىن كېيىن باش مىنىستىر ھادى مۇۋەققەت پرېزدېنتلىقنى ئۈستىگە ئالدى، ھۆكۈمەت تەرەپ سىياسىي پارتىيىسى يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇپ، پرېزدېنت سايلىمى ئۆتكۈزگەن.

يەمەن جۇمھۇرىيىتىيەمەن بىر قەدەر نامرات بولغان ئەرەب دۆلىتى، ئاساسلىقى نېفىتقا تايىنىپ كىرىم قىلىدۇ، دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

ئاشلىقى دائىم ئۆز ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ، تەخمىنەن يېرىمىنى ئىمپورت قىلىدۇ. پاختىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ھەر يىلى كۆپ مىقتاردا ئىكىسپورت قىلىدۇ. قەھۋە تېرىلغۇ مەيدانى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ھۆكۈمەت ئاشلىق، كۆكتات، مىۋە-چىۋىدە ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېزا-ئىگىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزائىگىلىك قەرزلىرىنى كېڭەيتىپ، سۇ ئىنشائاتى  قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ باردى. دېڭىزغا يېقىن بولغاچقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مول بولۇپ، تۇنا بېلىقى، سادىنا بېلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلىرى بار. زور كۈچ بىلەن نېفىت ۋە باشقا قېزىلما بايلىقلىرىنى ئاشقان. مىللىي كاپىتالنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەتئەل پروۋوتىنى جەلپ قىلىشقا ۋە چەتئەلنىڭ كاپىتالى ۋە ياردىمىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەن.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت قىزىل رەقەم ۋە ھۆكۈمەت راسخوتىنى ئازايتىشنى مۆلچەرلىگەن، تىرىشىپ پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ھۆكۈمەت يەنە نېفىتنىڭ قېدېرىپ تەكشۈرۈلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان نېفىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، شۇنداقلا نېفىت ۋە باشقا قېزىلما بايلىقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي كىرزىسنى يېڭىشكە ئۇرۇندى، ھەمدە يېڭى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلىش ۋە ئادەن شەھىرىنى ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قىلىپ قۇرۇش ئارقىلىق سىرتنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلدى، لېكىن 1998-يىلى نېفىت باھاسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىشىگە دۈچ كەلدى. نېفىت باھاسى قايتا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يەمەن ھۆكۈمىتى چىقىمنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئاساسىي ئىگىلىكنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇردى. بىراق دېڭىز قولتىقى ئۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن ئشسىزلىق، سىرتقى پروۋوتنىڭ كەسكىن تۆۋەنلىشى شۇنداقلا 1994-يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇش يەمەن ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەمەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ  تەسىر كۆرسەتتى. يەمەن نوپۇسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3.4 دىن يۇقىرى بولدى، ھۆكۈمەت راسخوتىنىڭ ئېشىشى ناھايىتى تېز بولغان.

1995-يىلى 3-ئايدا، ھۆكۈمەت ئۈچ يىللىق ئىقتىسادى ئىسلاھات پىلانىنى يۈرگۈزگەن، ئاساسلىق مەزمۇنى ھۆكۈمەت راسخوتىنى ئازايتىش، مالىيەنى قىسقارتىش، باجنى كۈچەيتىش، بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بېرىدىغان تولۇقلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

يەمەن دۆلىتىدىن ئاساسلىقى نېفىت، قەھۋە، پاختا، خۇرۇم، رۇدا، نىلون بويۇملار ۋە بېلىق، راك مەھسۇلاتلىرى چىقىدۇ؛ شېكەر، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، تىرانسىپورت قوراللىرى، ماشىنىلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرى، يىنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. سودىدىكى شېرىكلىرى ئاساسەن  ئامېرىكا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىتالىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت.

قاتنىشى

ئاساسلىقى تاشيول قاتنىشىغا تايىنىدۇ. سانا، ئادەندە خەلقئارالىق ئايرودروم بار. ئادەن، ھۇدايدا ئاساسلىق پورتلىرىدۇر.

يەمەننىڭ مەمۇرىي رايونلىرىيەمەندە ئۆلكە ۋە بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بار:

1. ئادەن ئۆلكىسى (亚丁省Adan)؛

2. ئامرەن ئۆلكىسى (阿姆兰省Amrān)؛

3. ئابيەن ئۆلكىسى (阿比扬省Abyān)؛

4. ئاد-دەلى ئۆلكىسى (达利省Ad-Dāli)؛

5. ئەل-بايدە ئۆلكىسى (贝达省Al-Baydā)؛

6. ئەل-ھۇدايدا ئۆلكىسى (荷台达省Al-Hudaydah)؛

7. ئەل-جاۋىف ئۆلكىسى (焦夫省Al-Jawf)؛

8. ئەل-ماھراھ ئۆلكىسى (马哈拉省Al-Mahra)؛

9. ئەل-ماھۋىت ئۆلكىسى (迈赫维特省Al-Mahwīt)؛

10. سانائا بىۋاستە قاراشلىق شەھىرى (沙那直辖市Sana'a)؛

11. دىھامەر ئۆلكىسى (扎玛尔省Dhamār)؛

12. ھادراماۋت ئۆلكىسى (哈德拉毛省Hadramawt)؛

13. ھاججاھ ئۆلكىسى (哈杰省Hajjah)؛

14. ئىب ئۆلكىسى (伊蔔省Ibb)؛

15. لاھىج ئۆلكىسى (拉赫季省Lahij)؛

16. مارىپ ئۆلكىسى (马里蔔省Ma'rib)؛

17. رائىما ئۆلكىسى (赖马省Raimah)؛

18. ساداھ ئۆلكىسى (萨达省Sa'dah)؛

19. سانا ئۆلكىسى (沙那省San'ā)؛

20. شەبۋەھ ئۆلكىسى (舍蔔沃省Shabwah)؛

21. تائىز ئۆلكىسى (塔伊兹省Ta'izz)؛[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#