بۇرچىن بازىرى

بۇرچىن بازىرى

بۇرچىن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇرچىن ناھىيەسى گە جايلاشقان، ناھىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى. 

ئۇيغۇرچە نامى بۇرچىن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 7.8 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 布尔津镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۇرچىن ناھىيەسى
نوپۇسى 18000ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇرچىن بازىرىبۇرچىن بازىرى بۇرچىن ناھىيەسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جاي، ناھىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى. ناھىيەنىڭ ئۈچ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ بېرىدىغان مۇھىم كۆزنەك، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى ئۈچ ناھىيەنىڭ قاتناش تۈگۈنى، قاناس مەنزىرە رايونىغا كىرىشتىكى بىرىنچى مەنزىرە نۇقتىسى ۋە مۇھىم ئۆتەڭ. 2004-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق كىچىك بازار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

7.8 كۋادرات كىلومېتىربۇرچىن بازىرى بۇرچىن دەرياسى بىلەن ئېرتىش دەرياسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 7.8 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەلىكىدە ئالتە مەھەللە، بىر مەمۇرىي كەنت بار، تەۋەلىكىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تارمىقى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار 140 نەچچە. خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، رۇس، موڭغۇل قاتارلىق 21 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، نوپۇس 18000ئادەم.

بۇرچىن بازىرى بۇرچىن بازىرى تەۋەلىكىدە ئالتە مەھەللە: جەنۇبىي ئايلانما شەرقىي يولى مەھەللىسى، غالبىيەت يولى مەھەللىسى، شىمالىي شياڭياڭ يولى مەھەللىسى، مىللەتلەر يولى مەھەللىسى، شىڭفۇ ئوتتۇرا يولى مەھەللىسى، بەخت شەرقىي يولى مەھەللىسى؛ بىر مەمۇرىي كەنت: چىگىتاي كەنتى بار. 

بۇرچىن بازىرىبۇرچىن ناھىيەسى نىڭ بايلىقى مول.

بىرىنچى، يېرى كەڭ، سۈيى مول. 1 مىليون 900 مىڭ مو دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار، 325 مىڭ مو ئېچىپ ئىشلىتىلگەن؛ ئېرتىش دەرياسى، بۇرچىن دەرياسى ئوبلاست چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن، يىللىق سىرغىم مىقدارى 175 مىليون كۇب مېتىر، سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى 1705000 كىلوۋاتقا يەتكەن، سۇغۇرۇش ۋە توك چىقىرىش يىللىق سۇ باشلاش مىقدارى 640 مىليون كۇب مېتىر.

ئىككىنچى،ئوت-چۆپلەر بايلىقى مول. ئوتلاق كۆلىمى 10151000 مو، بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلىمى 8201600 مو؛ بەرپا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 2217900 مو، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %20.03، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۈچىنچى، كان بايلىقى مەھسۇلاتى يۇقىرى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قىزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، كۈمۈش، قوغۇشۇن، كۆك سېغىز قاتارلىق 36 خىل بولۇپ، گېئولوگىيىلىك زاپاس مىقدارى كۆپىنچە بىر مىليون توننىدىن ئارتۇق.

تۆتىنچى، مەنزىرىسى ئۆزگىچە. ساياھەتچىلىك مەنزىرە نۇقتىسىدىن 32 سى بار، ئالتە چوڭ تۈر، 20 ئاساسىي تىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 56 ئاساسىي تىپىنىڭ ٪ 35.7 ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 11 يۇقىرى سەۋىيەلىك مەنزىرە نۇقتىسى بار. شىنجاڭدىكى 5 تەبىئەت مەنزىرىسىنىڭ بېشى بولغان قاناس تەبىئىي ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى دەل مۇشۇ بازار تەۋەسىدە. قاناس، قۇم، رەڭدار كېرېش، قۇياش نۇرى ساھىلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلغان.

بەشىنچى، ئورنى ئەۋزەل. بۇرچىن بازىرى مەملىكەت بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان تۆت دۆلەت چېگرىلىنىدىغان رايونغا جايلاشقان بولۇپ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ناھايىتى روشەن، قاناس مەنزىرە رايونىغا كىرىشتىكى مۇقەررەر يول، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى ئۈچ بازارنىڭ قاتناش تۈگۈنى. قۇمقاناس مۇڭغۇل يېزىسى دۆلەتنىڭ غەربىي رايونىدىكى بىردىنبىر رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان چېگرا رايونى.

بۇرچىن بازىرىبۇرچىن بازىرىنىڭ سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ يىللىق سىرغىم مىقدارى 74.72مىليون كۇب مېتىر، ئالتاي ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئېرتىش دەرياسى خەلقئارا خاراكتېرلىك تاشقى دەريا، شەرقتىن غەربكە قاراپ بازار تەۋەسىدىكى قابا بازىرىنى  كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 80.5 كىلومېتىر، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 3 مىليارد 180 مىليون كۇب مېتىر، ئەڭ چوڭ يىللىق سىرغىم مىقدارى 62.52 مىليون كۇب مېتىر، ئەڭ كىچىك يىللىق سىرغىم مىقدارى 8.86 مىليون كۇب مېتىر، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 92.0 كۇب مېتىر/ سېكۇنت، ئەڭ چوڭ ئېقىم مىقدارى 1640 كۇب مېتىر/ سېكۇنت، ئەڭ كىچىك ئېقىم مىقدارى 1.79 كۇب مېتىر/ سېكۇنت، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە لاتقا ئېقىش ئومۇمىي مىقدارى 395 مىڭ توننا، ئەڭ چوڭ يىللىق لاتقا ئېقىتىش مىقدارى مىليۇن 710 مىڭ توننا، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە قۇم مىقدارى 0.065 كىلوگىرام / كۇب مېتىر، ئەڭ زور قۇم تەركىبى 0.381 كىلوگىرام/كۇب مېتىر. بۇرچىن دەرياسى ئېرتىش دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى، مەنبەسى دوستلۇق چوققىسى، بازارنى شىمالدىن جەنۇبقا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇرچىن بازىرى غەربىدە ئېرتىش دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 269.6 كىلومېتىر، ھاۋزىسىنىڭ كۆلىمى 9960 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 42.73 مىليون كۇب مېتىر، يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، ئېقىننىڭ يىللار ئارا ئۆزگىرىشى چوڭ، ئۆزگىرىش پەرقى كوئېففىتسېنتى 0.224، يىل ئىچىدىكى تەقسىملىنىشى تەكشى بولماسلىق 8-6 ئايغىچە يۈز بېرىدۇ، ئېقىم مىقدارى بىر يىلدىكى %74.9 نى ئىگىلەيدۇ، ئەڭ چوڭ يىللىق سىرغىم مىقدارى 63.3 مىليون كۇب مېتىر، ئەڭ كىچىك يىللىق سىرغىم مىقدارى 2 مىليارد 640 مىليون كۇب مېتىر، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 135كۇب مېتىر/ سېكۇنت، ئەڭ چوڭ ئېقىم مىقدارى 1720 كۇب مېتىر/ سېكۇنت، ئەڭ كىچىك ئېقىم مىقدارى 7.78 كۇب مېتىر/ سېكۇنت، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە قۇم ئېقىتىش مىقدارى سانى 293 مىڭ توننا، ئەڭ چوڭ يىللىق لاتقا ئېقىتىش مىقدارى 583 مىڭ توننا.

بۇرچىن بازىرىبۇرچىن بازىرى چارۋىچىلىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈلگەن بازار، ئاپتونوم رايون بويىچە 21 نۇقتىلىق چارۋىچىلىق بازىرىنىڭ بىرى، پۈتۈن بازاردىكى چارۋىچىلار 3878 ئائىلە. چارۋىچىلىق بۇرچىن بازىرىدىكى ئەنئەنىۋى كەسىپ ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ يىللاردىن بېرى چارۋىچىلىق پۈتۈن بازاردىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ كەلگەن. 2006-يىلى پۈتۈن بازارنىڭ چارۋىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 156126400 يۈەن، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.95 ئاشقان؛ پۈتۈن بازاردىكى ئەڭ كۆپ چارۋا بېقىلىش مىقدارى 667 مىڭ تۇياق، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %2.25 ئاشقان؛ يىل ئاخىرىدىكى چارۋا سانى 3806 تۇياق (دانە)، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.587 ئاشقان. 9261.9 توننا گۆش مىقدارى كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.3 ئاشقان؛ 12202 توننا سۈت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 23.24 ئاشقان؛ قوي يۇڭى مەھسۇلاتى مىڭ 672 توننا كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4.90 ئاشقان؛ تۇخۇم ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 509 توننا كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14.58 ئاشقان؛ تاۋار نىسبىتى كۆپىيىپ، 2006-يىلى چارۋىچىلىقنىڭ پۈتۈن بازاردىكى دېھقان–چارۋىچىلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى 1563.4 يۈەن كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.97 ئاشقان.

بۇرچىن بازىرىبۇرچىن بازىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئون مەدەنىي كەنت»، «دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشقان شەھەر»، «مەملىكەتلىك شەھەر مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر بازار»، «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى» قاتارلىق نۇرغۇن شان-شەرەپكە ئېرىشكەن.

2007-يىلى بۇرچىن ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىلغار تەشكىلات بولۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#