چۆچەك شەھىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۆچەك شەھىرى-دۆربىلجىن ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتى، تارباغاتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى دۆربىلجىن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي چاغانتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ۋە شىمالى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 153 كىلومېتىر) ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 58 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى4356.6 كۋادرات كىلومېتىر.
چۆچەك شەھىرىگە 6 يېزا، 3 مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 26 ئاھالە كومىتېتى، 103 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9-شىسىنىڭ 3 تۈەن مەيدانى بار.شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 637 كىلومېتىر.
2012-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 153 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار % 15.31 نى، % 3.33 نى، خەنزۇلار% 64.06 نى، باشقا مىللەتلەر% 17.30 نى تەشكىل قىلىدۇ.
چۆچەك شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ ئوڭ ئوق يېرى ئالغان. تاڭ دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولۇپ، بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغارلارنىڭ چارۋا باقىدىنغا يېرى بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 31-يىلى (1766-يىلى) تارباغاتاي مەسىلھەتچى ئامبىلى تۇرۇشلۇق جاي بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۇ 14-يىلى(1888-يىلى) تارباغاتايغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئەمىنىيە نازارىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 2-يىلى(1913-يىلى) چۆچەك ناھىيىسى قىلى ئۆزگەرتىلگەن ۋە ئىگلىرى-كېيىن بولۇپ تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسىگە، 5-مەمۇرىي رايونغا ۋە تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارىغان. 1984-يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىندى. چۆچەك ھازىر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي.
چۆچەك شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق تېمپېراتۇرىسى 6.0، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.3، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 39.2-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2947.3 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇراىسى 2858.1، قىروسىز مەزگىلى 136 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 291.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1604.9 مىللىمېتىر.
بۇ شەھەرنىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 68 مىڭ 900 گېكتار(1 مىليون 34 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 238 مىڭ گېكتار(3 مىليون 580 مىڭ مو) وتلىقى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كۆك پۇرچاق، ئاپتاپپەرەس، قىچا، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن قوي، ئات، كال، تۆگە قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە چۆچەك كالىسى ئەڭ مەشھۇر. سانائىتىدىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپى، ئېچىتىش كەسپى، يېمەكلىك كەسپى، توقۇمىچىلىق، كۆن-خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى كەسپى، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. شەھەر-يېزا يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسفالىت، چۆچەك ئايرودرومىغا ئوتتۇرا تىپلىق ئايروپىلان قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ئۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان قەرەللىك قاتناپ تۇرىدۇ. ئوپتىكىلىق كابىل، مىكرودولقۇن، سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كۆچمە تېلېفو، سىمسىز چاقىرغۇ يۈرۈشلەشتۈردى، 10 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى. چۆچەك شەھىرى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر، 1992-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى تەسىس قىلىندى، ئۇنىڭ كۆلىمى 5.6 كۋادرات كىلومېتىر پىلانلانغان، تەرەققىيات كۆلىمى بىر كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ شەھەر تەۋەلىكىدىكى باقتو چېگرا ئېغىزى شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇھىم سودا ئىغىزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.