داغۇر مىللىتى

داغۇر مىللىتى

داغۇرلار ئاساسلىقى نوننى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇ يەرنىڭ بايلىقى مول، دەريا ئېقىنلىرى كۆپ بولۇپ، يىل بويى بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى داغۇر مىللىتى
نوپۇسى 131992
تىلى داغۇر تىلى
خەنزۇچە نامى 达斡尔族
چەتئەلچە نامى Daur
ئېتقان قىلىدىغان دىنى شامان دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داغۇر مىللىتىداغۇرلار ئاساسلىقى نوننى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇ يەرنىڭ بايلىقى مول، دەريا ئېقىنلىرى كۆپ بولۇپ، يىل بويى بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ؛ ئۇلار تۇرغان جايلارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، كۆممىماش، قوناق، شال قاتارلىق زىرائەتلەر كۆپ چىقىدۇ، تاغ-ئورمانلاردىن ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلار، قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرى ۋە ياۋا ئىقتىسادىي زىرائەتلەر چىقىدۇ.

 تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، داغۇرلار ئىپتىدائىي كوممۇنا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى بەزى ساددا ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. داغۇرلارنىڭ ئىلگىرى 18 قەبىلىسى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ئىچىدە ئۆزئارا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغانىدى. نىكاھ تامامەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە بولاتتى، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە چوڭ-كىچىك سوۋغىلارنى بەرگەندىن كېيىن كېلىننى يۆتكەپ كېلىدۇ. يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە بىردەك ھاراق، گۆش ۋە تاتلىق-تۈرۈملەر بېرىلىدۇ. ئىچ كۈيئوغۇل بولۇش بىرقەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، كۈيئوغۇل قېيناتىسىنىڭ ئۆيىدە ئەمگەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، پەرزەنتلىرى دادىسىنىڭ جەمەتىگە تەۋە بولىدۇ. بىر ئائىلە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، باشقىلار مەردلىك بىلەن ياردەم قىلىدۇ. بىرەر ئائىلىدە مال سويۇلسا، قوشنا-قولۇملىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن تەڭ يەيدۇ. ئوۋ ئوۋلاپ ياكى بېلىق تۇتۇپ قايتقانلار ئوۋ غەنىمەتلىرىنى يولدا ئۇچرىغانلارغا بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈپ بېرىدۇ. 

داغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى بار، ئەمما يېزىقى يوق.

 ئۇلار ئاساسلىقى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

 ئەنئەنىۋى ناخشا-ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرىدۇ، «مۇكۇليەن» دەپ ئاتىلىدىغان مىللىيچە چالغۇنى دائىم چالىدۇ. ئاياللىرى قەغەز قىيىشقا ۋە كەشتىچىلىككە ماھىر بولۇپ، ھەر خىل نەپىس گۈل بېزەكلەر ئارقىلىق تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

داغۇر مىللىتىتال چىۋىقتىن توقۇلغان چىتلاق ئىچىدە شەكىللىك كەپە بار بولۇپ، كەپىدە بىر داغۇر ئايال پىلەك سۇپىدا ئولتۇرۇپ تېرە يەكتەك تىكىۋاتاتتى. ئۇ توختىماستىن يىڭنە ئىشى قىلاتتى، پۇتىمۇ ھەدەپ يۆتكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ پۇتى يۆتكىلىشى بىلەن پۇتىغا باغلانغان ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچى باغلانغان بۆشۈكنى تەۋرىتەتتى، بۇنىڭ بىلەن بۆشۈكتىكى تاراقلىغان ئاۋاز ئۇنىڭ بالىسىنى ئەللەيلىتىپ ئۇخلىتىش رولىنى ئوينايتتى. بوۋاق بۆشۈككە تاسما ۋە تانا بىلەن باغلاپ قويۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاقلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا كۈچلۈكلەردىن بولۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#