رىزوفورا دەرىخى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇمۇمى گۈل سېپى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، يوپۇرماق سېپى قىسقا، ئىككى تال گۈل بار؛ گۈل سېپى يوق، رومكا شەكىللىك كىچىك ئورىغۇچى ياپرىقى بار؛ گۈل كاسىسى يېرىقچىسى ئۇزۇن ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، قىسقا ئۇچلۇق، ئۇزۇنلىقى 10-12 مىللىمېتىر؛ گۈل قاپقىقى ئۇزۇنلىقى 6-8 مىللىمېتىر، تۈكسىز، تاقىر؛ ئاتىلىق تەخمىنەن 12 تال، تۆت دانە گۈل بەرگى يېپىشىپ ئۆسكەن، 8 دانە گۈل كاسىلىق يېپىشىپ ئۆسكەن، گۈل بەرگىسىدىن قىسقا؛ ئۇرۇقدان ئۈستى قىسمى دىقماق كونۇس شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5.1-2.5 مىللىمىتىر، گۈل تەخسىسى ئوراپ تۇرىدۇ، ئانىلىق بوينى ئىنتايىن روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ، ئانىلىق تۇمشۇقى تېيىز يېرىلىدۇ. مېۋىسى تەتۈر نەشپۈت شەكىللىك، سەل دانلىق، ئۇزۇنلىقى 2 - 2.6 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 1.2 - 1.5 سانتىمىتىر؛ تۆرەلمە ئوقى سىلىندىر شەكىللىك، بىر ئاز ئىگىلىپ تۇرىدۇ، يېشىل سۆسۈن رەڭ، ئۇزۇنلىقى 40 - 20 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.
باغ - ئورمان ئىشلىتىلىشى
رىزوفورا دەرىخىنىڭ شەكلى ئالاھىدە. نەملىكتىن ساقلىنىش، دېڭىز ساھىلى مۇداپىئە قېشى ئەسلىھەلىرى، كۆكەرتىشتە ناھايىتى ياخشى ماتېرىياللار، قوۋزىقىنىڭ تەركىبىدىكى مول تاننىن قوۋزىقىدىكى تاننىندىن كاۋچۇك ئېلىشقا بولىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.