كانبېررا

كانبېررا

 ئاۋسترالىيىنىڭ پايتەختى ، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى، كانبېررا شەھىرى يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى «پايتەختكە بىۋاسىتە قاراشلىق رايون» غا جايلاشقان. كانبېررا ھەم ياش، ھەم گۈزەل بىر شەھەر. ئۇنى ياش دېيىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ شەھەر 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ قۇرۇلغان؛

نامى كانبېررا
دۆلىتى ئاۋسترالىيە
كىلىماتى سۇبتىروپىك بەلباغ پەسىللىك شاماللىق نەمخۇش كىلىماتى
باشقا نامى ئوكيانىيەدىكى گۈلىستان شەھەر
خەنزۇچە نامى 堪培拉
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
چەتئەلچە نامى Canberra

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كانبېررا

ئاۋسترالىيىنىڭ پايتەختى ، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى، كانبېررا شەھىرى يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى «پايتەختكە بىۋاسىتە قاراشلىق رايون» غا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان مولونگلو دەريا ۋادىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 760 مېتىر كېلىدۇ. كانبېررا شەھىرى شەرقىي شىمالىدىكى سىدنى شەھىرىدىن 240 كىلومېتىر، غەربىي جەنۇبىدىكى مېلبۇرىن شەھىرىدىن 500 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ، بۇ جاي ئەسلى ئادەمزات يوق دالا بولۇپ، مال بېقىلاتتى. 1909-يىلىغا كەلگەندە بۇ يەر پايتەخت قىلىپ بېكىتىلدى. 1913-يىلى شەھەر قۇرۇلۇشى باشلانغان، 1927-يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى مېلبۇرىن شەھىرىدىن بۇ جايغا كۆچۈرۈلگەن. كانبېررا شەھىرى 20 نەچچە يىل نۇقتىلىق قۇرۇلۇش جەريانىدا قۇرۇلۇشى رەتلىك، مەنزىرىسى گۈزەل زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى. كانبېررا شەھىرى كۆكەرتىش جەھەتتە ۋارشاۋادىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىرنەچچە كىچىك شەھەرچىلەر قۇرۇلدى. ئەسلى ئادەمزات يوق بۇ دالىدا ھازىر 210 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە بار. شەھەردە يېنىك سانائەت ئورۇنلىرى، دۆلەتلىك داشۆ، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، رەسەتخانا، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، چوڭ بانكىلار، ئاتاقلىق مېھمانخانىلار بار. ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررا ھەم ياش، ھەم گۈزەل بىر شەھەر. ئۇنى ياش دېيىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ شەھەر 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ قۇرۇلغان؛ 1927-يىلى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى پايتەختنى مېلبۇرندىن كانبېرراغا كۆچۈرگەندە، كانبېررادا 5000 ئەتراپىدىلا نوپۇس بار ئىدى. ئۇنى گۈزەل دېيىشىمىزدىكى سەۋەب كانبېررا دۇنيادىكى مەشھۇر باغچە شەھەر، كۆكەرتىلگەن يەرنىڭ كۆلىمى شەھەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ % 85 ىنى ئىگىلەيدۇ، كوچىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار كەتكەن دەرەخلەر بار، گىلەمگە ئوخشاش چىملىقلار، شۇنداقلا ھەر خىل گۈل تەكچىلەر بىلەن گۈلخانىلار پۈتۈن شەھەرنى تۈرلۈك-تۈمەن خىل زىننەتلەپ، شەھەرگە گۈزەل تۈس قوشقان. كانبېررا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق ئىدارە ۋە ئورۇننىڭ تەستىقسىز قورۇق تام سېلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىسى بار. كانبېررا شەھىرى شۇڭا «قورۇق تام يوق پايتەخت» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

كانبېرراھازىرقى كانبېررا شەھىرى شەھەر قۇرۇلۇشى رەتلىك زامانىۋى پايتەختتۇر. شەھەر رايونىدىكى يوللارنىڭ ھەممىسى رادىئاتسىيە شەكلىدە تەرەپ-تەرەپكە سوزۇلغان، شەھەر رايونىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، يەنى يۇمىلاق شەكىللىك، يايى شەكىللىك، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ۋە ئالتە بۇلۇڭ شەكىللىك قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، شەھەردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىككى قەۋەتلىك ياكى بىر قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلاردۇر. 

كانبېرراشەھەر رايونىدا شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە جايلاشقان، شەھەر لايىھىلىگۈچىسىنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان گرىففىن كۆلى بار، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى11 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى رايونغا ئايرىپ تۇرىدۇ، كۆل بويىدا پارلامېنت بىناسى، فېدېراتسىيە پۇل ياساش زاۋۇتى، دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت، فېدېراتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىنالىرى بار. كۆل مەركىزىگە 137 مېتىر ئېگىزلىكتە سۈنئىي فونتان ياسالغان. شەھەر مەركىزىي رايونى كۆلدىن سەل يىراقراق، بۇ يەردىكى قۇرۇلۇشلار ئومۇميۈزلۈك ئالتە بۇلۇڭ شەكىلدە سېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر جاي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدۇر. 


ئاۋسترالىيىنىڭ پاتەيختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى، كانبېررا شەھىرى يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى «پايتەختكە بىۋاسىتە قاراشلىق رايون» غا جايلاشقان.
ئاۋسترالىيىنىڭ پايتەختى ، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى، كانبېررا شەھىرى يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى «پايتەختكە بىۋاسىتە قاراشلىق رايون» غا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان مولونگلو دەريا ۋادىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 760 مېتىر كېلىدۇ. كانبېررا شەھىرى شەرقىي شىمالىدىكى سىدنى شەھىرىدىن 240 كىلومېتىر، غەربىي جەنۇبىدىكى مېلبۇرىن شەھىرىدىن 500 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ، بۇ جاي ئەسلى ئادەمزات يوق دالا بولۇپ، مال بېقىلاتتى. 1909-يىلىغا كەلگەندە بۇ يەر پايتەخت قىلىپ بېكىتىلدى. 1913-يىلى شەھەر قۇرۇلۇشى باشلانغان، 1927-يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى مېلبۇرىن شەھىرىدىن بۇ جايغا كۆچۈرۈلگەن. كانبېررا شەھىرى 20 نەچچە يىل نۇقتىلىق قۇرۇلۇش جەريانىدا قۇرۇلۇشى رەتلىك، مەنزىرىسى گۈزەل زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى. كانبېررا شەھىرى كۆكەرتىش جەھەتتە ۋارشاۋادىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىرنەچچە كىچىك شەھەرچىلەر قۇرۇلدى. ئەسلى ئادەمزات يوق بۇ دالىدا ھازىر 210 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە بار. شەھەردە يېنىك سانائەت ئورۇنلىرى، دۆلەتلىك داشۆ، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، رەسەتخانا، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، چوڭ بانكىلار، ئاتاقلىق مېھمانخانىلار بار. sfs

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#