لوئوقى بادام
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ دورا سۇس سېرىقتىن ساغۇچ جىگەر رەڭگىچە بولغان مەجۇنات بولۇپ، تەمى تاتلىق.
يۇقۇرىقى 6 خىل دورىنى يۇمشاق تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 1000g مەجۇنات تەييارلىنىدۇ.
سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، زۇكام، بەلغەم كۆپۈيۈش، دېمى سىقىلىش، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
بۇ دورىدىن 10g ئېلىپ، 50ml سۇ قوشۇپ ئېرىتىپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى بۆلگۈچى ۋارونكىغا قويۇپ ئىككى قېتىم ئېتىل ئاتسىتات بىلەن (ھەر قېتىم 30ml)چەلگىتىپ چەككىلەپ، ئېتىل ئاتسىتات قىسمىنى بىرلەشتۈرۈپ،قىزدۇرۇپ قۇرۇتۇپ قالدۇقىنى1ml مېنتانول بىلەن ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. چۈچۈك بۇيا سېلىستۇرما دورىسىدىن 0.5g ئېلىپ20ml مېنتانول بىلەن 4سائەت چىلاپ سۈزۈپ،پارلاندۇرۇپ،دورا قالدۇقىنى 1ml مېنتانول بىلەن ئېرىتىپ سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى سىناق ئېرىتمىسىدىنµl15 ، سېلىشتۇرما ئېرىتمىسىدىنµl10 شۈمۈرۈپ ئېلىپ ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ (15:1:1:2)ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتا-مۇز سىركە كىسلاتا-سۇنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرتۇپ، تاختا ئۈستىگە %10 لىك سۇلفات كىسلاتا ئېتانول ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكۇلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃105 لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق ئېرىتمىسىنىڭ رەڭ سىپىكتىرداھەم سېلىشتۇرۇلغۇچى ئېرىتمىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئاستىدا كۈزەتكەندە سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك يالتىراق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.