يېغىلىق دەۋرى

يېغىلىق دەۋرى

ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بىر قىسىم سۇيۇرغال بەگلىكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ بەگ بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، ھوقۇق تارتىۋېلىش كۈرىشى ئېلىپ باردى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 453-يىلى خەن، جاۋ، ۋېي ئۈچ جەمەت ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ كۈچلۈك بەگلىكنى قۇرغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، چىن، چۇ، چى، يەن، خەن، جاۋ، ۋېيدىن ئىبارەت يەتتە بەگلىكنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشىدەك يېغىلىق دەۋرى ۋەزىيىتى رەسمىي شەكىللەندى.

نامى يېغىلىق دەۋرى
خەنزۇچە نامى 战国时期

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بىر قىسىم سۇيۇرغال بەگلىكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ بەگ بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، ھوقۇق تارتىۋېلىش كۈرىشى ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 453-يىلى خەن، جاۋ، ۋېي ئۈچ جەمەت ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ كۈچلۈك بەگلىكنى قۇرغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، چىن، چۇ، چى، يەن، خەن، جاۋ، ۋېيدىن ئىبارەت يەتتە بەگلىكنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشىدەك يېغىلىق دەۋرى ۋەزىيىتى رەسمىي شەكىللەندى.

يېغىلىق دەۋرىدە ھەرقايسى بەگلىكلەر ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئۆزگەرتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ بالدۇرقىسى − ۋېي بەگلىكىدىكى لى كۈينىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى، ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنى − چىن بەگلىكىدىكى شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ئىدى. شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى نەتىجىسىدە، چىن بەگلىكى بىر سەكرەپلا ئەينى دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك بەگلىككە ئايلاندى. شەرقتىكى ئالتە بەگلىك چىن بەگلىكىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ئىتتىپاق تۈزدى. بۇ، » ئۇزۇنىسىغا تۈزۈلگەن ئىتتىپاق «دەپ ئاتالدى. چىن بەگلىكى يىراقتىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئالتە بەگلىك ئىتتىپاقىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. بۇ، «توغرىسىغا تۈزۈلگەن ئىتتىپاق» دەپ ئاتالدى.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 230-يىلىدىن باشلاپ چىن بېگى يىڭ جېڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەن، جاۋ، يەن، ۋېي، چۇ، چىدىن ئىبارەت ئالتە بەگلىكنى يوقىتىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگودىكى تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالە − چىن سۇلالىسىنى قۇردى. 

ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدە مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللىنىپ، كۇڭزىچىلار، موزىچىلار، تەرىقەتچىلەر، قانۇنچىلار، نامچىلار، دېھقانپەرەسلەر، ئەبجەشلەر، تەبىرچىلەر، مۇزەككەر-مۇھەننەسچىلەر ۋە ھېكايىچىلار قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئېقىملار شەكىللىنىپ، «ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» ۋەزىيىتى شەكىللەندى. كۇڭزى، موزى، لاۋزى، شۈنزى، جۇاڭزى، مېڭزى، زۇيەن، خەن فېي قاتارلىقلار ھەرقايسى ئىلمىي ئېقىملارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى ئىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#