ئادەمسىمان مايمۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئادەمسىمان مايمۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، سىرتقى شەكلى خۇددى مايمۇنغا ئوخشاش چوڭ، ئۇزۇن قۇيرۇقى يوق، ئالاھىدىلىكى ئىنسانلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇرۇقدىشى پرىماتلار ئەترىتى بۇلۇپ ئادەمسىمان مايمۇن باش ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. تۈرى ئىككى خىل بۇلۇپ، بىرى ئادەمسىمان مايمۇن، يەنە بىرى مايمۇن دەپ ئاتىلىدۇ، بىراق ئۇلار بىئولوگىيەدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ھايۋانلار.
ئۇ ئىككىسنىڭ ئاساسلىق پەرقى شۇكى، مايمۇنىڭ قۇيرۇقى بار، ئادەمسىمان مايمۇنىڭ قۇيرۇقى يوق. دەسلەپكى ئادەمسىمان مايمۇن تەخمىنەن 25 مىليون يىل بۇرۇن بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. زامانىۋى كىچىك ئادەمسىمان مايمۇنلار 18 مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان، ئورانگۇتان بولسا 14 مىليون يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن.
ئىنسانلار بىلەن شىمپەنزە بولسا بەش مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان .
ئادەمسىمان مايمۇن بولسا 13 خىل چوڭ تىپتىكى ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغان پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. شىمپەنزە، گورىللا، ئۇزۇن بىلەك ئادەمسىمان مايمۇن ۋە ئورانگۇتان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزىلەر دائىم ئادەمسىمان مايمۇن بىلەن مايمۇننى ئارلاشتۇرۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بەدەن سىرتىدىن قارىغاندا ئادەمسىمان مايمۇنىڭ قۇيرۇقى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمسىمان مايمۇنىڭ بىلكىگە قارىغاندا پۇتى ئۇزۇن. مايمۇن بولسا ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ياشايدۇ.
ئۇزۇن بىلەك ئادەمسىمان مايمۇن
ئۇزۇن بىلەك ئادەمسىمان مايمۇن دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، مايمۇن تۈرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بىر خىلى بولۇپ، ھەرىكەت ئەڭ تېز، جانلىق، دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە جەمئىي يەتتە خىلى بار بۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدە تۆت خىلى بار، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاق ئالىقانلىق ئۇزۇن بىلەك ئادەمسىمان مايمۇن، ئاق قاش ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇن، قارا ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇن ۋە ئاق يۈزلۈك ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇن قاتارلىقلار.
قارا ئادەمسىمان مايمۇن
قارا ئادەمسىمان مايمۇنىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. قارا ئادەمسىمان مايمۇنىنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرام، ئوتتۇرىچە مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقى 400 مىللىلىتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، چوڭ ئادەمسىمان مايمۇن ۋە قوڭۇر ئادەمسىمان مايمۇنغا قارىغاندا، قارا ئادەمسىمان مايمۇن كۆپ كىچىك بۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.