گۈلبازات

گۈلبازات

گۈلبازات تاشسامساق ئائىلىسى، ئاق گۈللۈك تاشسامساق ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆپ يىللىق، يوغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەنە بىر خىل ئاتىلىشى ئاسىيا مەرۋايىتگۈلى، 18 ئۆلىما، يېشىل توسما گۈل قاتارلىقلار.

ئۇيغۇرچە نامى گۈلبازات
تارقالغان رايونلار ئەسلىي ماكانى تروپىك بەلۋاغ، ئاسىيا قىتئەسى. جۇڭگو تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە ياۋا تۈرى بار.
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈرى ئاق گۈللۈك تاشسامساق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 文殊兰
تىپى ئىشىك يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى تاشسامساق ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۈلبازاتگۈلبازات، بىر خىل ئاتىلىشى ئاسىيا مەرۋايىتگۈلى، 18 ئۆلىما، يېشىل توسما گۈل قاتارلىقلار، تاشسامساق ئائىلىسى، ئاق گۈللۈك تاشسامساق ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك. گۈلبازات ئادەمگە بۇ سورت بىر تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك دېگەن خاتا چۈشەنچىنى بېرىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ سورت تاشسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يوغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. چېچەكلەش مەزگىلى 8-6 ئايغىچە، كەچقۇرۇن خۇش پۇراق چىقىرىدۇ. گۈل يېپىنچىسى ئاق، يىپ شەكىللىك، يىپسىمان، ئاتىلىقى سۇس قىزىل، چاڭدان يىپسىمان، چوققا تەرىپى تەدىرىجى ئۇچلۇق، ئۇرۇقدان ئۇرچۇقسىمان كېلىدۇ. مېۋىسى شارسىمان بولۇپ  ئادەتتە 1 تال ئۇرۇقى بار. يوپۇرماق، يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى بار؛ يىقىلىپ-ئۇرۇلۇشتىن بولغان زەخىملىنىش، ساراڭ ئىسسىق، باش ئاغرىش، ئىسسىق زەھەر يارىسى ئىششىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي جۇڭگو رايونىغا كۆپرەك تارقالغان بولۇپ، دېڭىز بويى رايونلىرى ياكى دەريا بويىدىكى قۇملۇقتا ئۆسىدۇ.

گۈلبازاتگۈلبازات كۆپ يىللىق، يوغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەڭگىچە غولى تۈۋرۈكسىمان. 30 − 20 تال يوپۇرماق بار، يوپۇرماقلىرى تاسمىسىمان تۆمۈنە شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىرغا يېتىدۇ ، كەڭلىكى 7-12 سانتىمېتىر ياكى تېخىمۇ كەڭ، چوققا تەرىپى تەدىرىجى ئۇچلۇق، بىرتال ئۇچلۇق ئۇچى بار ، گىربەكلىرى دولقۇنسىمان، قارامتۇل يېشىل رەڭدە.

گۈل شېخى تىك ئۆسىدۇ، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە 24-10 تال گۈل بار، چوڭ ئورىغۇچى يوپۇرماق شەكىللىك ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 6 سانتىمېتىر، پەردىسىمان نېپىز پوستلۇق، كىچىك ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تار يىپسىمان، ئۇزۇنلۇقى 7 سانتىمېتىر؛ گۈل سېپى ئۇزۇنلۇقى 2.5-0.5 سانتىمېتىر؛ گۈل يېپىنچا نەيچىسى ئىنچىكە، تۈپتۈز، ئۇزۇنلىقى 10 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 5.1 مىللىمېتىر بولۇپ، ئاچ يېشىل رەڭدە، يىپسىمان گۈل يېپىنچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 9-4.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى9-6مىللىمېتىر، ئۇچىغا تەدرىجىي تارايغان، ئاق رەڭلىك؛ ئاتىلىق سۇس قىزىل، گۈل يىپى ئۇزۇنلۇقى 5-4 سانتىمېتىر، چاڭدان يىپسىمان، چوققا تەرىپى تەدىرىجى ئۇچلۇق، ئۇزۇنلۇقى 1.5 سانتىمېتىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ؛ ئۇرۇقدان ئۇرچۇقسىمان، ئۇزۇنلۇقى 2 سانتىمېتىرغا يەتمەيدۇ. 

مىۋىسى شار شەكىللىك، دىئامېتىرى 5 سانتىمېتىر؛ ئادەتتە بىر تال ئۇرۇق بولىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلى يازدا بۇلىدۇ.

گۈلبازاتگۈلبازات ئىللىق، نەم، كۈن نۇرى يېتەرلىك، مۇنبەت قۇمساڭغۇ تۇپراق مۇھىتىدا ئۆسىدۇ، سوغوققا چىدامسىز، شور تۇپراققا چىداملىق، بىراق مايسا مەزگىلىدە كۈچلۈك نۇردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك، ياشىشىغا مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىسى℃ 20 ~ ℃ 15 ، قىش پەسلىدە تەڭگىچە غولى ئۇيقۇ مەزگىلىدە بۇلىدۇ، مۇۋاپىق ساقلاش تېمپېراتۇرىسى ℃ 8 ئەتراپىدا. 

تەشتەكتە ئۆستۈرۈشكە چىرىندىلەر كۆپ، بوش مۇنبەت، ئۆتكۈزۈشچانلىق يۇقىرى قۇملۇق تۇپراق مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

گۈلبازاتياز پەسلىدە يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش، داس توپا نەملىكىنى ساقلاش؛ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم، شالاڭ، سۇيۇق ئوغۇتتا ئوغۇتلاش، گۈل شېخى چىقىرىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كالتسىي سۇپېر فوسفات ئوغۇتىدا ئوغۇتلاش. گۈلى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا گۈل سېپىنى كېسىپ تاشلاش. 4~ 3 ئايدا  قاسراقسىمان غۇلىنى 25 ~ 20 سانتىمېتىر بولغان داس ئىچىگە  تىكىش، تىكىپ بولغاندىن كېيىن يېتەرلىك سۇغىرىش، سايە يەرگە قويۇش. ھەر 3 ~ 2 يىلدا بىر قېتىم بۆلۈپ تىكىش كېرەك، غولىنىڭ كۈچلۈك، باراقسان چېچەكلىشىنى ساقلاش كېرەك.

دورىلىق قىممىتى 

شىپالىق رولى 

گۈلبازاتيوپۇرماق ۋە تەڭگىچە غولى دورا قىلىنىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، يىقىلىپ-ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىشنى داۋالاش رولى بار، ئىسسىق تۇتۇپ باش ئاغرىش ئىسسىق زەھەر يارىسى ئىششىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. 

مەنزىرە قىممىتى 

گۈلبازاتگۈلبازاتنىڭ يوپۇرمىقى گۈزەل، يۇقىرى ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە، باغ-ئورمان مەنزىرە رايونى قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئۇنىۋېرسىتېت، ئورگان يېشىللىق رايونى، ئولتۇراق رايونلاردا، ئارامگاھلاردا زىننەت گۈلى قىلىشقا بۇلىدۇ، يەنە ئۆي ئەتراپىدىكى چىتلاق قىلىشقا بولىدۇ؛ يەنە مەسىلەن، تەشتەكتە قويۇپ يىغىن زالى بەرپا قىلىشقا، ھەشەمەتلىك مېھمانخانا، زىياپەت زالى ئىشىك ئالدىغا قويۇشقا بۇلىدۇ.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#