پېرلمان

پېرلمان

1964-يىل 3-ئايدا دۇنيا بويىچە مەشھۇر ئېدگار لېۋېنترى ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىدە قولتۇقتاياقلىق بىر مۇزىكانت 19 ياشلىق ئىچاك پېرلمان ئۆزىنىڭ يېتۈك ماھارىتى بىلەن ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ «ئىسكىرىپكا شاھزادىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولدى.  ئۇ 1945-يىلى ئىسرائىلىيىنىڭ تېل ئاۋىۋ دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلدى. تۆت يېشىدا بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ئۆمۈرلۈك مېيىپقا ئايلىنىپ، يول يۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى پېرلمان
باشقا نامى ItzakPerlman
تۇغۇلغان ۋاقتى 1945-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى تېل ئاۋىۋ مۇزىكا ئىنىستىتۇتى
خەنزۇچە ئىسمى 伊扎克·帕尔曼
دۆلەت تەۋەلىكى ئىسرائىلىيە
كەسپى ئىسكىرىپكا مۇتەخەسسىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېرلمان1964-يىل 3-ئايدا دۇنيا بويىچە مەشھۇر ئېدگار لېۋېنترى ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىدە قولتۇقتاياقلىق بىر مۇزىكانت 19 ياشلىق ئىچاك پېرلمان ئۆزىنىڭ يېتۈك ماھارىتى بىلەن ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ «ئىسكىرىپكا شاھزادىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولدى. 

ھالبۇكى، بۇ شاھزادىنىڭ «ئاق ئاتلىق شاھزادە» دەك تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى. ئۇ 1945-يىلى ئىسرائىلىيە نىڭ تېل ئاۋىۋ دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلدى. تۆت يېشىدا بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ئۆمۈرلۈك مېيىپقا ئايلىنىپ، يول يۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇ تەقدىرگە بويۇن ئەگمەي، ئىسكىرىپكا چېلىشنى قەيسەرلىك بىلەن مەشىق قىلدى. 1958-يىلى 13 ياشلىق پېرلمان ئامېرىكا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تاللاندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئاتاقلىق ئىسكىرىپكىچى ستېرىننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى ھەمدە «ئامېرىكا فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇش يۇرتى − جۇلىيات مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇردى. ئۇ بۇ يەردە گالامىئان ۋە دوروسى دېلايلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەندى. 

تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغىنى شۇكى، بۇ ئاددىي ھەتتا باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ كەلگەن يىگىت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يىلىغا 100 مەيداندىن كۆپ مۇزىكا يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. شۇڭا، باشقىلارنىڭ پېرلمان ئىسكىرىپكا چېلىشتا تورېئادورلاردەك قەيسەر روھ، راھىبلاردەك يۈكسەك زېھنىي كۈچتىن تاشقىرى، سېرك ئۆمىكىنىڭ قىزىقچىسىدەك خۇشخۇي ۋە ئۈمىدۋار خاراكتېرنىمۇ يېتىلدۈرۈپتۇ، دېگىنىگە ئەجەبلەنگىلى بولمايتتى.

پېرلمانپېرلمان ئىسكىرىپكا چېلىشتا تېپىلمايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق مۇزىكانت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ تۈرلۈك دەۋردىكى كومپوزىتورلارنىڭ خىلمۇخىل ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلىرىگە بىمالال ماسلىشالايدۇ، تۈرلۈك مۇزىكا مەزمۇنلىرىنى تۈرلۈك ئاۋاز تۈسلىرى بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ: موزارت نىڭ ئەسەرلىرىنى نەپىس، ئېنىق، يارقىن ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئورۇندايدۇ؛ چايكوۋسكىي نىڭ ئەسەرلىرىنى چالغاندا ئۇنىڭدىن غەمكىنلىك، مەيۈسلۈك ياڭرايدۇ؛ ئۇ ئورۇندىغان برامس ئەسەرلىرى قىزغىن ۋە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ناۋا قىلىدۇ. پېرلمان مۇزىكىدا كلاسسىتىزم ئەسەرلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى رومانتىزم قىزغىنلىقى بىلەن مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ، مۇزىكا مەزمۇنىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆزىگە خاس ئورۇنداش ئۇسلۇبىنىمۇ يوقاتمايدۇ. 

بۈگۈنكى كۈندە، پېرلمان ھازىرقى زامان دۇنياسىدىكى 10 مەشھۇر ئىسكىرىپكىچىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر مەجرۇھ ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۇ ئۆز خىراجىتى ئارقىلىق نيۇ يورك، ھاۋانا قاتارلىق جايلاردا مەجرۇھ بالىلار دوختۇرخانىسى قۇرۇپ، مەجرۇھ-مېيىپلار ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ئۇ ھازىر «ئامېرىكا خەلقئارالىق مېيىپلار خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى. بىر قېتىم بىر مېيىپ ئايال ئۇنى ئۇچرىتىپ تەسىرلەنگەن ھالدا: «سىزنى كۆرگىنىمدە مەندىكى ئۆزۈمنى پەس كۆرۈش ھېسسىياتى يوقىلىدۇ، سىزگە راستتىنلا ھەۋەس قىلىمەن» دېگەن. پېرلمان ئۇنىڭغا: «خانىم، مېنىڭ (پالەچ كېسىلىم) پەقەت پۇتۇمدىلا» دەپ يۇمۇرلۇق جاۋاب بەرگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#