731-قىسىم

731قىسىم

كانتون ئارمىيەسىنىڭ مانجۇرىيە 731–تۇرۇشلۇق يۇقۇم مۇداپىئەسىگە سۇ يەتكۈزۈپ بەرگۈچى قىسىم. ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى يىللاردا 731-قىسىم شېنياڭ ئەسىرلەر لاگېرىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى ئىشلىگەن.

ئۇيغۇرچە نامى 731-قىسىم
جىنايەت خارابىسى خاربىن شەھىرى جايلاشقان بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر رايونى
تۇلۇق نامى كانتون ئارمىيەسىنىڭ مانجۇرىيە 731–تۇرۇشلۇق يۇقۇم مۇداپىئەسىگە سۇ يەتكۈزۈپ بەرگۈچى قىسىم
خەنزۇچە نامى 731部队
خىزمەت مەزمۇنى باكتېرىيە ئۇرۇشى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى تەجرىبگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

731قىسىمشېنياڭ شەھىرى دادۇڭ رايونى چېنگۇڭ يولىدىكى جۇڭگو چېخوسلوۋاكىيە دوستلۇق زاۋۇتىنىڭ يېنىدا ياپون باسقۇنچىلىرى دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلغاندا ياسىغان سۇ مۇنارى ۋە ياتاق بىناسى بار. فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ يىلدا ياپونىيىنىڭ كانتون ئارمىيىسى بۇيەرگە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئەسىرگە چۈشكەن 2000 دىن ئارتۇق كىشىنى قامىغان. نۇرغۇن كىشى بۇ جاينى «شەرقتىكى ئوسۋېتسىن» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەسىرلەر كانتون ئارمىيىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى خارلىشىغا ئۇچرىغان.

731قىسىملياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىلىرى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جىلىن، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئارخىپخانىلاردىكى ئارخىپلار ۋە ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئەينى يىللاردىكى ئىشلارغا ئائىت ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى يىللاردا 731-قىسىم شېنياڭ ئەسىرلەر لاگېرىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى ئىشلىگەن. دەسلەپ بايقالغان كانتون ئارمىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ماتېرىيالدا، 1943-يىلى فېۋرالدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى مېيجىن مېيجىلاڭ ئەسىرلەر لاگېرىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئەسىرلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە ئەسىرلەرنىڭ تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، باكتېرىيە تەجرىبىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە كانتون ئارمىيىسىنىڭ ساقلىشى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن. تارىخشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ئادەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە بولسا ئەسىرلەر لاگېرىغا 731-قىسىمدىكىلەرنى ئەۋەتىپ يۈرۈشنىڭ ۋە مەخپىي ھۆججەت چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئاتالمىش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگىنى، ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇلى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئادەم تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى قىلغانىكەن.

731قىسىم731-قىسىم شېنياڭ ئەسىرلەر لاگىرغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى قىلغان. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ شۇ چاغدا شىنياڭ ئەسىرلىرى لاگېرىغا قامالغان بىر ئەسكىرىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، 731-قىسىمدىكىلەر ئەسىرلەرنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن خورلىغان، ئۆلگەندىن كېيىن جەسىتىنى پارچىلاپ تەجرىبە قىلغان. ئامېرىكا ئەسىرلەر جەمئىيىتى باشلىقىنىڭ  دادىسى ئىلگىرى مۇشۇ ئەسىرلەر لاگىرىغا قامالغان بولۇپ، شۇ چاغدا قىسىمدىكىلەر ئۇنىڭ دادىسىغا بىر ئوكۇل ئۇرۇش بىلەن دادىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشكەن نۇرغۇن كىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالغان. شۇ چاغدا ئاق خالات كىيىۋالغان بىر ياپون ئەسكىرى ئۇلارغا ئالدى بىلەن نومۇر سېلىپ، ئاندىن ئوكۇل ئۇرغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆلگەن، ئۇنى قىسىمدىكى ياخشى نىيەتلىك بىر دوختۇر قۇتقۇزۇۋالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#