تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى
بۇ مەكتەپ 1964-يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 123210 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 28000 كۋادرات مېتىر. خەنزۇچە قازاقچە ئىككى تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ 1993-يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈشتە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، «چېگرا گۈلى» دەپ تەرىپىلەنگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ مەكتەپ 1964-يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 123210 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 28000 كۋادرات مېتىر. خەنزۇچە قازاقچە ئىككى تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1999-يىلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 143 نەپەر، كەسپىي ئوقۇتقۇچى 101 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك لېكتور 12 نەپەر. ئوقۇتۇش سىنىپىدىن 25 بار. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1000 دىن ئارتۇق. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 10 مىڭ نەپەردىن كۆپ.
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مىللىي، خەنزۇ بىرلەشمە مەكتەپ، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، موڭغۇل،شىبە، داغۇر، رۇس، تاتار، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق كۆپ مىللەتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان.
مەكتەپ 1993-يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈشتە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ يۇقىرىباھاسىغائېرىشىپ، «چېگرا گۈلى» دەپ تەرىپىلەنگەن.
ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئىلغار ئورۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.