يۈ دافۇ

يۈ دافۇ

يۈ دافۇ (1896-1945-يىللار) ياپونىيە دە ئوقۇغان، «ئاجىز ئەل پۇقراسى» ھاقارىتىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇ «خارابلىشىش، جەنۇبقا كۆچۈش، كۈل رەڭ ئۆلۈم، ئۇزۇن كېچە، كۇئاموكلىت» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يېزىپ، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىرمۇنچە ياش زىيالىينىڭ ئوبرازىنى ياراتقان، يۈ دافۇ ئۇلارنى «ئېشىندىلار» دەپ ئاتىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يۈ دافۇ
باشقا نامى 郁文、荫生
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1896-يىلى
كەسپى يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 郁达夫
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭنىڭ فۇياڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1945-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈ دافۇيۈ دافۇ (1896-1945-يىللار) ياپونىيە دە ئوقۇغان، «ئاجىز ئەل پۇقراسى» ھاقارىتىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇ «خارابلىشىش، جەنۇبقا كۆچۈش، كۈل رەڭ ئۆلۈم، ئۇزۇن كېچە، كۇئاموكلىت» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يېزىپ، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىرمۇنچە ياش زىيالىينىڭ ئوبرازىنى ياراتقان، يۈ دافۇ ئۇلارنى «ئېشىندىلار» دەپ ئاتىغان. 

بۇ «ئېشىندىلار» ئوخشاش خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇلار مۇھەببەتكە تەشنا بولىدۇ يۇ، مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشىنى مەنسىتمەيدۇ ھەم چىن دوست تاپالمايدۇ، نامۇۋاپىق جەمئىيەتكە نەپرەتلىنىدۇ ھەم قارشى تۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدۇ، ئۇلار غايە-ئىستەككە ئىگە، ئەمما ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ، پۇلنى بۇزۇپ-چېچىپ خەجلىگۈسى كېلىدۇ، لېكىن قولى قىسقىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھەسرەت، غەم بىلەن تولغان، لېكىن ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنى يار-يۆلەكسىز سېزىدۇ. يۈ دافۇ «ئېشىندىلار» نى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ روھسىز ھالىتىنى ئەگىتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىق ۋە فېئوداللىق ئەخلاققا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى نامايان قىلغان. ئۇ «دۈچ كېلىش» دېگەن ھېكايىسىدە باش پېرسوناژنىڭ تىلى بىلەن چۇقان سېلىپ: 

«ۋەتەن، ئاھ ۋەتەن! مېنىڭ ئۆلۈمۈمگە سەن زامىن بولدۇڭ! 

تېزرەك بېيىغىن! قۇدرەت تاپقىن! 

يەنە نۇرغۇن ئوغۇل-قىزىڭ چەكمەكتە ئازاب! » دەيدۇ. 

يۈ دافۇ نۇرغۇن ئەسەرلەردە «ئېشىندىلار» نىڭ شاللاق ۋە غەيرىي نورمال پسىخىكىسىنى يازغان، بەزى جايلىرى مۇۋاپىق بولماي، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ياخشى بولمىغان ئىجتىمائىي رول ئوينىغان، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بەرگەن باھاسى بىردەك ئەمەس، لېكىن بۇ ھېكايىلەرنىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى، قويۇق ھېسسىياتى، ئىچكى دۇنياسىنى چىن، يۈرەكلىك ئاشكارىلىشى ھەممە كىشى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان.

يۈ دافۇ يەنە جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن ئىشچىلار ئوبرازىنى تەسۋىرلىگەن يازغۇچى. «مەستخۇش باھار كېچىسى» دە تاماكا زاۋۇتىدىكى ئايال ئىشچى چىن ئېرمىينى، «ئۇل سېلىش» تا بىر رىكشىچىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئىپادىلىگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#