- مودەنگۈل (خام دورا)
- مودەنگۈل (گۈل، ئۆسۈملۈك)
مودەنگۈل
مودەنگۈل ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، سىيادانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى بەش تالدىن توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سىرتىنى تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، ھارارەتنى پەسەيتىش، قاننى سوۋۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مودەنگۈلمودەنگۈل ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، سىيادانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر-ئىككى مېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى چوڭ، سارغۇچ جىگەر رەڭ، خۇشخۇي پۇرىقى بار؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشپ ئۆسىدۇ، ئىككى قايتىلانغان ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقنىڭ شەكلى دۈگىلەك ياكى تېمىنە شەكلىدە؛ گۈلى چوڭ، يالغۇز بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى يىلىڭ ياكى قات بولۇپ ئېچىلىدۇ؛ رەڭگى قىزىل ياكى قىزغۇچ سۆسۈن ئاق بولىدۇ. غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى بەش تالدىن توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سىرتىنى تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ 3 ~ 5 يىللىق گۈلىنىڭ يىلتىز پوستى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز ياكى ئەتىيازدا يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، يىلتىز پوستىنى سويۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىمىزنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، قاننى سوۋۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مودەن يىلتىزى پوستىدىن 15 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 16 گرام، چۇقىدىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش ۋە بەدەنگە سەپكۈن چىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. مودەن يىلتىزى پوستى، ئالقات يىلتىز پوستى ۋە كۆك ئەمەننىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىلدىن بولغان تۆۋەن قىزىتمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مودەن يىلتىز پوستى، سۇسىز رەۋەن، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقى ۋە شاپتۇل مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سەككىز گرام شور بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئىچىپ بەرسە، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مودەن يىلتىز پوستىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئۇدا ئون كۈن ئىچىپ بەرسە، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مودەن يىلتىزى پوستى، كىرەش ۋە ئەمەن يوپۇرمىقىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەي قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.