پوچتا قانۇنى

پوچتا قانۇنى

1986–يىلى 12–ئاينىڭ 2–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى پوچتا قانۇنى
خەنزۇچە نامى 邮政法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پوچتا قانۇنى(1986–يىلى 12–ئاينىڭ 2–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن خەت–ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت–ئالاقە مەخپىيەتلىكىنى قوغداش، پوچتا خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پوچتا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى» غا ئاساسەن تۈزۈلدى. 

2–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پوچتا خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ، جايلاردا شۇ جايلارنىڭ پوچتا خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. 

3–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقىغا تەۋە پوچتا كارخانىلىرى پوچتا كەسپىنى باشقۇرىدىغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى جامائەت ئىشلىرى كارخانىلىرىدۇر. 

پوچتا كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، پوچتا كەسپىنى باشقۇرىدىغان شۆبە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. 

4–ماددا خەت–ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت–ئالاقە مەخپىيەتلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى تەپتىش ئورگانلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەر بويىچە، خەت–ئالاقىلەرنى تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھەر قانداق باھانە–سەۋەب بىلەن باشقىلارنىڭ خەت–ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت–ئالاقە مەخپىيەتلىكىگە دەخلى–تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

5–ماددا ئابونېتلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرى، پېرېۋوت قىلغان پۇللىرى ۋە ئامانەت قويغان پۇللىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىدىن باشقىلىرىنى ھەر قانداق تەشكىلار ياكى شەخسنىڭ تەكشۈرۈشىگە، تۇتۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ.

6–ماددا پوچتا كارخانىلىرى ئابونېتلار ئۈچۈن تېز، توغرا، بىخەتەر خىزمەت قىلىشى ۋە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم. 

قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پوچتا كارخانىلىرى ۋە پوچتا خادىملىرىنىڭ ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسكە ئابونېتلارنىڭ پوچتا كەسپىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

7–ماددا پوچتا يوللانمىلىرى ۋە پېرېۋوت قىلىنغانپۇللار تاپشۇرۇۋالغۇچىغا يەتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى يوللانما ياكى پېرېۋوت قىلىنغان پۇل ئەۋەتكۈچىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.

8–ماددا خەت–ئالاقە ۋە خەت–چەك خاراكتېرىگە ئىگە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش كەسپى پوچتا كارخانىلىرى تەرىپىدىن مەخسۇس باشقۇرۇلىدۇ، لېكىن گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

پوچتا كارخانىلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ، باشقا ئورۇنلار ياكى شەخسلەرگە پوچتا كارخانىلىرى مەخسۇس باشقۇرىدىغان كەسىپلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىشكە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى خدىملار پوچتا كەسىپلىرىنى بېجىرگەندە، ئۇلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ پوچتا خادىملىرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى تەتبىقلىنىدۇ. 

9–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پوچتا ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس بەلگىلىرىنى، پوچتا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كىيىم–كېچەكلەرنى ۋە پوچتا ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس بۇيۇملىرىنى يالغاندىن ياسىشى ياكى ساختىپەزلىك بىلەن ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

2–باب پوچتا كارخانىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە پوچتا ئەسلىھەلىرى 

10–ماددا پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئۆلچىمى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 

11–ماددا پوچتا كارخانىلىرى ئاممىغا قۇلايلىق بولغان جايلاردا شۆبە ئاپپارات، پوچتا بوتكىسى، گېزىت–ژۇرنال بوتكىسى، پوچتا خەت ساندۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ياكى كۆچمە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. 

شەھەرلەردىكى ئاھالە بىنالىرىغا شۇ بىنادا ئولتۇرىدىغانلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى تاشۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن خەت–چەك، گېزىت–ژۇرنال ساندۇقى ئورنىتىلىشى كېرەك.

چوڭراق ۋوگزال، ئايرودروم، پورت ۋە مېھمانخانىلاردا پوچتا كەسپىنى بېجىرگۈچى ئورۇن تەسىس قىلىنىشى كېرەك. 

3–باب پوچتا كەسپىنىڭ تۈرلىرى ۋە پوچتا ھەققى 

12–ماددا پوچتا كارخانىلىرى تۆۋەندىكى كەسىپلەرنى باشقۇرىدۇ: 

(1) مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش؛ 

(2) مەملىكەت ئىچىدە گېزىت–ژۇرنال تارقىتىش؛ 

(3) پوچتا پۇل ئامانىتىنى بېجىرىش، پۇل پېرېۋوت قىلىش، ئايرىۋاشلاش؛

(4) گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن، پوچتا كارخانىلىرى باشقۇرۇشقا لايىق كېلىدىغان باشقا كەسىپلەر. 

13–ماددا پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ۋە جايلاردىكى پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىگەن بېجىرىشكە تېگىشلىك پوچتا كەسىپلىرىنى ئۆز مەيلىچە توختىتىپ قويۇشىغا بولمايدۇ. 

يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ ياكى ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى بىر قىسىم پوچتا كەسىپلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا ياكى بېجىرىشنى چەكلەشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى جايلاردىكى پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى لازىم. 

14–ماددا پوچتا كارخانىلىرى گېزىت–ژۇرنال تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەتبۇئات ئورۇنلىرى پوچتا كارخانىلىرىغا گېزىت–ژۇرنال تارقىتىشنى ھاۋالە قىلغاندا، پوچتا كارخانىلىرى بىلەن تارقىتىش توختامى تۈزۈشى لازىم. 

15–ماددا پوچتا كەسپىنىڭ ئاساسىي پوچتا ھەققى گوۋۇيۈەننىڭ مال باھاسىنى باشقۇرۇش تارمىقى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، گوۋڭۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. ئاساسلىق بولمىغان پوچتا ھەققى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 

16–ماددا ھەر خىل پوچتا يوللانمىلىرى ھەققىنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقى پوچتا ھەققى تالونى ياكى پوچتا ھەققى تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تامغا ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. 

17–ماددا پوچتا ماركىسى، پوچتا ھەققى ھېسابلانغان كونۋېرت، پوچتد ھەققى ھېسابلانغان ئاتكرىتكا، پوچتا ھەققى ھېسانلانغان خەت–ماتېرىيال قاتارلىق پوچتا ھەققى ئاساسلىرى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تامىقى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ھەر قارنداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇلارنى يالغاندىن ياسىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

تەقلىد قىلىپ بېسىلغان ماركا سخېمىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 

18–ماددا سېتىلغان پوچتا ھەققى ھېسابلانغان ئاساسلارنى پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرىدىن نەق پۇلغا ئايرىۋاشلاشقا بولمايدۇ. 

ئىشلىتىلىشى توختىتىلغان پوچتا ھەققى ھېسابلانغان ئاساسلار ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ئىشلىتىش توختىتىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئېلان چىقىرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى سېتىشنى توختىتىدۇ، قولىدا ئاساس بولغان كىشىلەر ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن ئېتىبارەن ئالتە ئاي ئىچىدە پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، ئىناۋەتلىك پوچتا ھەققى ھېسابلانغان ئاساسلارغا ئالماشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. 

19–ماددا پوچتا ھەققى ھېسابلانغان تۆۋەندىكى ئاساسلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ: 

(1) گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ئېلان چىقىرىپ ئىشلىتىشتىن توختالغانلىرى؛

(2) تامغا بېسىلغان ياكى سىزىۋېتىلگەنلىرى؛

(3) بۇلغىنىپ كەتكەن، كەمتۈك بولۇپ قالغان ياكى ئۆڭۈپ رەڭگى ئۆزگىرىپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەنلىرى؛ 

(4) پوچتا ھەققى ھېسابلانغان كونۋېرت، پوچتھ ھەققى ھېسابلانغان ئاتكرىتكا، پوچتا ھەققى ھېسابلانغان خەت–ماتېرىياللاردىن قىيىۋېلىنغان پوچتا ماركا سخېمىلىرى. 

4–باب پوچتا يوللانمىلىرىنى ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش 

20–ماددا ئابونېتلار پوچتا يوللانمىلىرىنى پوچتىغا سالغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار ۋە ئەۋەتىش مىقدارى چەكلەنگەن بۇيۇملار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. 

21–ماددا مۇئامىلىدارلار خەت–چەكلەردىن باشقا پوچتا يوللانمىلىرىنى پوچتىغا سالغاندا، پوچتا كارخانىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرىغا بۇ يوللانمىلارنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى يۈز تۇرا تەكشۈرتۈشى كېرەك. تەكشۈرتۈشنى رەت قىلسا قوبۇل قىلىنمايدۇ. 

ئابونېتلار پوچتىغا سالغان خەت–چەكلەرنىڭ مەزمۇنى ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا، ئابونېتلاردىن شۇ خەت–چەكلەرنى چىقىرىپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

22–ماددا پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى پوچتا يوللانمىلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەتكۈزۈشى لازىم.

23–ماددا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئامال بولمىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى ئەۋەتكۈچىگە قايتۇرۇشى كېرەك. 

يەتكۈزۈپ بېرىشكىمۇ، قايتۇرۇشقىمۇ ئامال بولمىغان خەت–چەكلەردىن گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە تونۇپ ئالغۇچىمۇ بولمىغانلىرىنى جايلاردىكى پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى مەسئۇل بولۇپ كۆيدۈرۋېتىدۇ.

يەتكۈزۈپ بېرىشكىمۇ، قايتۇرۇشقىمۇ ئامال بولمىغان ئىمپورت قىلىنغان خەلقئارا پوچتا يوللانما بۇيۇملىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە تونۇۋالغۇچىمۇ بولمىغانلىرىنى تاموژنا ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

يەتكۈزۈپ بېرىشكىمۇ، قايتۇرۇشقىمۇ ئامال بولمىغان باشقا پپوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

24–ماددا پوچتىدىن پېرېۋوت قىلىنغان پۇللارنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار پېرېۋوت پۇل ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە ئىناۋەتلىك ئىسپات بىلەن پوچتا كارخانىلىرىغا ياكى ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ئېلىۋېلىشى كېرەك؛ مۇددەت ئىچىدە ئالمىغانلىرىنىڭ پېرېۋوت قىلىنغان پۇلى پوچتا كارخانىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن ئەۋەتكۈچىگە قايتۇرۇلىدۇ. پېرېۋوت قىلىنغان پۇلنى قايتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتكۈچىنىڭ قولىغا تەككەن كۈندىن باشلاپ ئون ئاي ئىچىدە پېرېۋوت قىلىنغان پۇلنى ئالمىغانلارنىڭ پېرېۋوت قىلىنغان پۇلى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. 

25–ماددا پوچتىغا سېلىنغان يوللانمىلارغا تەدرىجىي ھالدا پوچتا نومۇرى قويۇلىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 

5–باب پوچتا يوللانمىلىرنى توشۇش، تاموژنىدا تەكشۈرۈش ۋە كرانتىن قىلىش 

26–ماددا تۆمۈر تول، تاشيول، سۇ قاتنىشى، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق ترانسپورت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار پوچتا يوللانمىلىرىنى ئاۋۋال توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، كىرا ھەققى جەھەتتىن ئېتىبار بېرىشى لازىم. 

27–ماددا پوچتا كارخانىلىرى ۋوگزال، ئايرودروم، پورتلاردا پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇغاندا، ئالاقىدار ترانسپورت ئورۇنلىرى پوچتا يوللانمىلىرىنى قاچىلاش–چۈشۈرۈش ئورنى، كىرگۈزۈش–چىقىرىش يوللىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى لازىم. 

28–ماددا پوچتا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ئاپتوموبىل–كېمىلىرىگە ۋە پوچتا خادىملىرىغا پورتقا كىرىش–چىقىشتا، كېچىكلەردىن ئۆتۈشتە ئاۋۋال يول بېرىش كېرەك. پوچتا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن پوچتا قاتناش قوراللىرى چەكلەنگەن لىنىيىلەردە مېڭىشقا ياكى چەكلەنگەن ئورۇنلاردا توختاشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تەكشۈرۈپ ئۇلارنىڭ مېڭىشىغا ياكى توختىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. 

29–ماددا پوچتا يوللانمىلىرىنى دېڭىز ئارقىلىق توشۇلغاندا، ئۇلارغا دېڭىز سېلىقى سېلىنمايدۇ. 

30–ماددا خەلقئارا پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بۇيۇملار تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا، پوچتا كارخانىلىرىنىڭ ئۇلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشىگە بولمايدۇ. خەلقئارا پوچتا خالتىلىرىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش–چىقىرىش، ئېچىش ۋە پېچەتلەش ئىشلىرىغا تاموژنا ئورگانلىرى نازارەت قىلىشى كېرەك. پوچتا كارخانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىنى تاموژنا ئورگانلىرىغا ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇشى، تاموژنا ئورەانلىرى ۋاقتىدا ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشكە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

31–ماددا پوچتا يوللانمىلىرىدىن قانۇن بويىچە كارنتىن قىلىنىدىغان ياكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر كارانتىن قىلىنىدىغانلىرىنى تاللاش 

ۋە كارانتىن قىلىش ئىشىغا كارانتىن تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ؛ پوچتا كارخانىلىرىنىڭ ئۇلارنى كارانتىن تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايتۇرۇپ توشۇشى ۋە يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

6–باب زىياننى تۆلەش 

32–ماددا ئابونېتلار پوچتىدىن ئەۋەتكەن بېرىلگەن پوچتا يوللانمىلىرىنى ۋە پوچتىدىن پېرېېۋوت قىلغان پۇللىرىنى پوچتىغا سالغان كۈندىن ئېتىبارەن بىر يىل ئىچىدە قولىدىكى ھۆججەتكە ئاساسەن، تاپشۇرۇۋالغۇچق پوچتا كارخانىسى ياكى ئۇنىڭ شۆبە ئاپپاراتىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ. پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى، بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە سۈرۈشتۈرۈلۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرگۈچىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

سۈرۈشتۈرۈش سۈرۈكى توشقان بولسىمۇ، نەتىجىسى چىقمىغانلارنى پوچتا كارخانىلىرى ئاۋۋال تۆلەپ بېرىشى ياكى ئورنىنى تولدۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. تۆلەپ بېرىلگەن كۈندىن ئېتىبارەن بىر يىل ئىچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 34–ماددىسىنىڭ 2-، 3–تارماقلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانسا، پوچتا كارخانىلىرى تۆلەمنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

33–ماددا پوچتا كارخانىلىرى ھۆججەت بېرىلگەن پوچتا يوللانمىلىرىنى يىتتۈرۈپ قويسا، ۋەيران قىلىۋەتسە، يوللانمىلارنىڭ ئىچىدىكى بۇيۇملار كەم چىقسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ ياكى ئورۇننى تولدۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ: 

(1) زاكاز خەت گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن سومما بويىچە تۆلەپ بېرىلىدۇ؛

(2) قىممىتىگە كېپىللىك قىلىنغان پوچتا يوللانمىلىرى يىتتۈرۈپ قويۇلسا ياكى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلسە، كېپىللىك قىلىنغان سوممىسى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ، يوللانمىلارنىڭ ئىچىدىكى بۇيۇملار كەم چىقسا ياكى قىسمەن ۋەيران بولسا، كېپىللىك قىلىنىدىغان سوممىسى بىلەن پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئەمەلىي زىيان تۆلەپ بېرىلىدۇ؛

(3) قىممىتىگە كېپىللىك قىلىنمىغان پوسۇلكىلار ئەمەلىي زىياننىڭ قىممىتى بويىچە تۆلەپ بېرىلىدۇ. لېكىن، ئەڭ كۆپ بولغاندا گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم؛ 

(4) ھۆججەت بېرىلگەن باشقا پوچتا يوللانمىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئشلىرىغا مەسئۇل تارمىقىى بەلگىلىگەن چارە بويىچە تۆلەپ بېرىلىدۇ ياكى ئورنىنى تولدۇرۇش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. 

34–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پوچتا كارخانىلىرى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ: 

(1) ئادەتتىكى پوچتا يوللانمىلىرى زىيانغا ئۇچرىسا؛ 

(2) ھۆججەت بېرىلگەن پوچتا يوللانمىلىرى مەسئۇلىيىتى ياكى ئەۋەتىلگەن بۇيۇملارنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىسا؛ 

(3) پېرېۋوت قىلىنغان پۇل ۋە قىممىتىگە كېپىللىك قىلىنىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىدىن سىرت، ھۆججەت بېرىلگەن باشقا پوچتا يوللانمىلىرى يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىسا؛ 

(4) ئابونېتلار پوچتىدىن ئەۋەتكەن ھۆججەت بېرىلگەن پوچتا يوللانمىلىرىنى ياكى پوچتىدىن پېرېۋوت قىلغان پۇللىرىنى پوچتىدىن سالغان كۈندىن ئېتىبارەن بىر يىلغىچە سۈرۈشتە قىلمىغان ياكى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىغان بولسا. 

35–ماددا ئابونېتلار بىلەن پوچتا كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا زىياننى تۆلەش ئۈستىدە تالاش–تارتىش يۈز بەرسە، پوچتا كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلىشقا قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

7–باب جازالاش قائىدىسى

36–ماددا باشقىلارنىڭ خەت–چەكلىرىنى يۇشۇرغان، يىرتىپ تاشلىغان ياكى قانۇنسىز ھالدا ئېچىپ كۆرۈپ، پۇقرالارنىڭ خەت–ئالاقە ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 149–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايى جازاغا توشمايدىغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى» نىڭ 22–ماددىسىدىكى بەلگىلىمگە بويىچە جازالىنىدۇ. 

37–ماددا پوچتا خادىملىرى پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئاچسا، يوشۇرسا ياكى يىرتىپ تاشلىسا، ئۇلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 191–ماددا 1–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

يۇقىرىدىكى تارماقتا ئېيتىلغان جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، نەرسىلەرنى ئوغرىلىۋالغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 191–ماددا 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خىيانەتچى دەپ قارىلىپ، ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 

38–ماددا پوچتا ساندۇقى قاتارلىق پوچتا جامائەت ئەسلىھەلىرىنى قەستەن بۇزغان، لېكىن جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى» نىڭ 25–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 156–مادداىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

39–ماددا پوچتا خادىملىرى قانۇن بويىچە بېجىرىشكە تېگىشلىك پوچتا كەسىپلىرىنى بېجىرىشتىن باش تارتسا، پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈشنى قەستەن كەينىگە سۈرسە، ئۇلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. پوچتا خدىملىرى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئومۇمنىڭ مال–مۈلكى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 187–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

40–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 8–ماددىسىدكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەت–چەك ۋە خەت–چەك خاراكتېرىگە ئىگە باشقا بۇيۇملارنى ئەۋەتىش–يەتكۈزۈش كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار سودا–سانائەت مەمۇرىيىتى تاماقلىرى تەرىپىدىن شۇ يەتكۈزۈشكە ئالغان خەت–چەكلەر ۋە خەت–چەك خاراكتېرىگە ئىگە باشقا بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك ئالغان پوچتا ھەققىنى ئەۋەتكۈچىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 

ئالاقىدار تەرەپ جازالاش قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكۈچە ئەرز قىلمىسا ھەم جازا قارارىنى ئادا قىلمىسا، سودا–سانائەت مەمۇرىيىتى تارماقلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

8–باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

41–ماددا مۇشۇ قانۇندا ئىشلىتىلگەن تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى:

(1) پوچتا يوللانمىلىرى: بۇ پوچتا كارخانىلىرى ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان خەت–چەك، باسما ماتېرىياللىرى، پوسۇلكا، پېرېۋوت قىلىنغان پۇل ئۇقتۇرۇشى، گېزىت–ژۇرنال قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ 

(2) خەت–چەك: بۇ، خەت ۋە ئاتكرىتكىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ 

(3) ئادەتتىكى پوچتا يوللانمىلىرى: بۇ، پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى قوبۇل قىلغاندا ھۆججەت بېرىلمىگەن، يەتكۈزگەندە تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ قول قويۇشى تەلەپ قىلىنمايدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ 

(4) ھۆججەت بېرىلگەن پوچتا يوللانمىلىرى: بۇ زاكاز خەت، پوسۇلكا، قىممىتىگە كېپىللىك قىلىنىدىغان پوچتا يوللانمىلىرى قاتارلىق پوچتا كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى قوبۇل قىلغاندا ھۆججەت بېرىدىغان، يەتكۈزگەندە تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ قول قويۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ 

(5) خەلقئارا پوچتا يوللانما بۇيۇملىرى: بۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىەلن باشقا دۆلەت ۋە رايولاردىكى ئابونېتلار ئۆزئارا ئەۋەتىشىدىغان باسما ماتېرىياللىرىنى ۋە پوسۇلكاكىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ 

(6) مەخسۇس پوچتا يوللانمىلىرى: بۇ پوچتا كۈنلۈك تامغىسى، پوچتا قىسقۇچلىرى ۋە پوچتا خالتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

42–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا پوچتا ئىشلىرىغا دائىر خەلقئارا شەرتنامىلەردە مۇشۇ قانۇندىكىگە ئوخشاش بولمىغان بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتامىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆز پىكرىدە قېلىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا. 

43–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، بۇ قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

44–ماددا بۇ قانۇن 1987–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#