سوزۇلما سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى

سوزۇلما سىل خاراكتىرلىك قورساق پەردە ياللۇغى

قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت بولۇش ياكى ئىچى سۈرۈش، قورساقتا مونەك پەيدا بولۇش قاتارلىقلار بىلەن بىرگە سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم قورساق بوشلۇقى بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 结核慢性腹膜炎
كېسەللىك ئورنى قورساق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىل جاراسىمىنىڭ قورساق پەردىلىرىگە يامراپ قورساق پەردىلىرىنى يۇقۇملاندۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان كلىنىكىدا قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت بولۇش ياكى ئىچى سۈرۈش، قورساقتا مونەك پەيدا بولۇش قاتارلىقلار بىلەن بىرگە سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە، چوڭلارغا قارىغاندا ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

سوزۇلما سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى سىلى بارىتۇڭ مۇزمەن» دەپ ئاتىلىدۇ.

1. ئۈچەي سىلى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى سىلى، ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنچە سىلى قاتارلىقلار ئاجرىتىپ چىقارغان سىرغىتما ماددىلار بىۋاسىتە قورساق پەردىسىگە يامراپ، سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچەي سىلى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى سىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى چەكلىك دائىرە خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنچە سىلىدا لىمفا تۈگۈنى تۇيۇقسىز يېرىلسا كەڭ دائىرىلىك سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئۆپكە سىلى، كۆكرەك پەردە سىلى ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى سىل كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆپكە سىلى، كۆكرەك پەردە سىلى ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى سىل كېسىلىنىڭ ئۇفۇنەتلىك ماددىلىرى قان ئايلىنىش ئارقىلىق قورساق پەردە توقۇلمىلىرىغا بېرىپ، قورساق پەردىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەللىك ئۆزگىرىشى تۆۋەندىكى ئۈچ تىپقا بۆلىنىدۇ.

قورساق سۈيى تىپى (سىزىپ چىقىش تىپى): قورساق بوشلۇقى ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى سېرىق رەڭلىك دۇغ ياكى قانلىق شىرلىك سىزىپ چىققان سۇيۇقلۇق بولىدۇ. قورساق پەردىسىدە قان تولۇش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان سان-ساناقسىز سېرىق رەڭلىك سىل تۈگۈنچىلىرى بولىدۇ. سۇس ئۆتكۈر ياكى سوزۇلما دەۋرىدە تالا توقۇلمىسى ئۆسكەن بولۇپ، قورساق پەردىسى قېلىنلايدۇ. كىچىك تۈگۈنچىلەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ چوڭ مونەكچىگە ئايلىنىدۇ. ئادەتتە ئۈچەيدە چاپلىشىش بولمايدۇ.

سۈزمىلىشىش تىپى: سۈزمىسىمان نېكروزلىنىش بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاپلىشىش بوللىدۇ. سىزىپ چىققان سۇيۇقلۇق دۇغلىشىپ يىرىڭلىق بولىدۇ. ئاساسلىقى ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنچىسىدىكى سۈزمىسىمان نېكروزلىنىش قورساق بوشلۇقىغا قاراپ يېرىلىشتىن بولىدۇ. دائىم ئۈچەي بۆلەكلىرى ئوتتۇرىسىدا چاپلىشىش بولغاچقا قورساق بوشلۇقى ئىچىدە سۈزمىسىمان نېكروزلىنىش ۋە يىرىڭلىق ماددا بولغان كىچىك خانلارغا ئايرىلىدۇ. كىچىك خانلار ئۈچەي دىۋارى ۋە قورساق دىۋارىغا قاراپ تشىلگەنلىكتىن ئاقما پەيدا بولىدۇ.

چاپلىشىش تىپى: قورساق بوشلۇقىدا شىرنىلىك سۇيۇقلۇق خاراكتېرلىك سىزىپ چىقىش بولمايدۇ. بولغان تەقدىردىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ. قورساق پەردىسىگە كۆپ مىقداردا تالالىق ماددىلار ئۆسۈپ چىقىپ، ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنچىسى ۋە ئۈچەي كانىلى ئارىسىدا چاپلىشىش پەيدا قىلىپ مونەكچە شەكىللەندۈرىدۇ. چوڭ چاۋا قېلىنلىشىپ، قىسقىرىپ قاتىدۇ. ئېغىرلىرىدا ئۆزئارا چاپلىشىپ ئاجرىتىشقا بولمايدىغان بىر پۈتۈن مونەككە ئايلىنىدۇ. مونەكچىنىڭ بېشى ياكى چاپلىشىشىدىن سوزۇلما ئۈچەي توسۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ تىپى باشلىنىشىدىلا چاپلىشىپ قېلىشىمۇ، قورساق سۈيى تىپىدا قورساق سۈيى سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن كۆرۈلۈشىمۇ ياكى سۈزمە تىپى ياخشىلانغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن.

يۇقىرىقى ئۈچ خىل تىپى بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشىمۇ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن

قورساق ئاغرىيدۇ، قورساق ئېسىلىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، قورساقتا مونەك پەيدا بولىدۇ، ئۈچەي توسۇلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەر يەنى سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىدىن قىزىش، كېچىسى تەرلەش، ئۇرۇقلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسىزلىق، ھەيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە ھەرقايسى تىپىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

قورساق سۈيى تىپىنىڭ ئالامىتى

سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە تۇيۇقسىز قورساق قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئىچى سۈرىدۇ ياكى قەۋزىيەت بولىدۇ. قورساق سۈيى كۆپەيگەندە دىئافراگمىنى كۆتۈرۈپ نەپەس قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قورساق ۋېناسىنى بېسىپ تۆۋەنكى مۈچىلەر ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قورساق تېرىسى جىددىيلىشىپ، پارقىراق بولىدۇ. پۈتۈن قورساقنى باسقاندا ئوتتۇرا دەرىجىدە ئاغرىيدۇ، چېكىپ تەكشۈرگەندە يۆتكىلىشچان بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ.

سۈزمىلىشىش تىپىدىكى ئالامىتى

سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى تىپىك بولۇش بىلەن بىرگە كۆرۈنەرلىك ئورۇقلايدۇ. تەرتىپسىز قىزىتما، قورساق ئاغرىش بولىدۇ. بەزىدە ئىچى سۈرۈش كۆرۈلىدۇ، قورساق ئېسىلىدۇ، قورساقنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىق كۈچىيىدۇ، قورساقتا چوڭ-كىچىكلىكى، ئەتراپ قىرلىرى ئېنىق بولمىغان، باسقاندا ئاغرىيدىغان مونەك قولغا ئۇرۇنىدۇ. چەككەندە بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ.

چاپلىشىش تىپىدىكى ئالامىتى

قورساق پەردىسى كۆرۈنەرلىك قېلىنلاشقانلىقى ئۈچۈن قورساق دىۋارىنى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە رېزىنكىنى باسقاندەك سېزىم بولىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا تالالىق توقۇلمىلار ئۆسۈپ چاپلاشقانلىقتىن قورساق قىسمىدا رەتسىز مونەك قولغا ئۇرۇنىدۇ. چوڭ چاۋا چاپلىشىپ يۆگۈلۈپ قىسقارغاندا، يۇقىرى قورساق قىسمىدا ئەتراپ قىرى رەتلىك بولمىغان، سىرتقى يۈزى تەكشى بولمىغان مونەكنى تۇتۇشقا بولىدۇ، دائىم قەۋزىيەت بولىدۇ، ئېغىرلاشقاندا ئۈچەي توسۇلۇش بولىدۇ.

1. تىپىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش، قورساق ئاغرىش، قورساق ئېسىلىش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت بولۇش، قورساققا سۇ چۈشۈش، قورساق مۇسكۇلى رزىنكىدەك بولۇپ قېلىش، قورساقنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىق كۈچىيىش، قورساق ئىچىدە مونەك پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر، ئىلگىرى ئۆپكە سىلى، كۆكرەك پەردە سىلى، ئۈچەي سىلى، ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنچە سىلى، تۇخۇم توشۇش نەيچە سىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قورساقنى فونكسىيە قىلىپ تەكشۈرگەندە سىل جاراسىمى تېپىلىدۇ.

2) قان رايىنى تەكشۈرگەندە قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى ئاشىدۇ.

3) رېنتگېندە تەكشۈرۈش: قورساق قىسمىنى ئادەتتە تەكشۈرگەندە، تالالاشقان سايە كۆرۈلىدۇ. بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ، ئاشقازان، ئۈچەينى تەكشۈرگەندە ئۈچەي توسۇلۇش، قورساق پەردىسى چاپلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

1. جىگەر قېتىشىشتىن بولۇپمۇ دەرۋازا ۋېنا خاراكتېرلىك جىگەر قېتىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

جىگەر قېتىشتىن جىگەر خىزمىتى نورمال بولماسلىق، تارماق قان ئايلىنىش شەكىللىنىش، جىگەر، تال چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىدىن ئىلگىرى سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولماسلىق، قورساقتىكى مونەكچىنىڭ چېگرىسى ئېنىق بولۇش، قورساق مەركىزى قىسمىنى چېكىپ تەكشۈرگەندە بوغۇق تاۋۇش، ئىككى تەرىپدىن دۇمباق تاۋۇش ئاڭلىنىش، يۆتكىلىشچان بوغۇق تاۋۇش بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. قورساق ۋە داس بوشلۇقىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قورساق ۋە داس بوشلۇقىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچراش، مونەكچە نىسبەتەن قاتتىق بولۇش، كېسەللىك تەرەققىياتى تېز بولۇش، قورساق سۈيى قانلىق بولۇش، قورساق سۈيىدىن راك ھۈجەيرىسى تېپىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

4. قورساق ئاغرىشنى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يىرىڭلىق ئىششىقى، ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

5. قورساق سۈيىنى يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قورساققا سۇ چۈشۈش ۋە بۆرەك كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قورساققا سۇ چۈشۈشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

6. يۇقىرى قىزىتما ۋە زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى ئاساس قىلغان سۇسىزلىنىش تىپىنى كېزىكتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. قايسى ئەزا سىل كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل سىل كېسەللىكىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ كېسەللىك سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. ئاغرىق پەسەيتىش، سىپازما بوشىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. توسالغۇلارنى ئىچىش، قورساق ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتلىدۇ.

4. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

5. يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمىسا ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

سوزۇلما سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغىنىڭ دىئاگنوزى مۇقىمدالغاندىن كېيىن ئاغرىق پەسەيتىش، سپازما بوشىتىش مەقسىتىدە خەشخاش شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ھەببى شىپا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن، ھەببى بەزرۇلبەنجى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، قورساق ئىچكى بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئەرق كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، رەۋەن شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ھەببى رەۋەن كۈندە ئىكك−ى ق−ېتىم، تاماقتىن كېيىن ھ−ەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئاسارۇن، دارچىن، ئىزخىر، سۇمبۇل يەتتە گرامدىن، بىخ كەبىر، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان 45 گرام، كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، ئارپىبەدىيان يىلتىزى 100 گرامدىن، ئەنجۈر 150 گرام، قۇرۇق ئۈزۈم 80 گرام، سۇ بەش لىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

شۇمشا 15 گرام، زىرىق، بابۇنە 12 گرامدىن، خىيارشەنبەر 34 گرام، ئىتئۈزۈمى 20 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ياكى دەملەپ شىرىسىنى چىقىرىپ ئىلمان ھالەتتە كلىزما قىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرق چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

شۇمشا، سۇمبۇل، زىغىر، كاللەكبەسەي سۈيى 20 گرامدىن، مىئەسائىلە، بابۇنە، مۇقەل، ئەفسەنتىن، زاراڭزا مېغىزى 10 گرامدىن، ئاقموم، كالا پاچاق يىلىكى بەش گرامدىن، زەيتۇن يېغى، تۇخۇم يېغى بەش مىللىلىتىردىن ئېلىپ، يېلىم دورىلار ۋە ياغلاردىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ، ئاندىن ئارىلاشتۇرۇپ، سۈيى پارغا ئايلىنىپ يېغى قالغاندا توختىتىپ، سىرتىدىن چېپىلىدۇ.

بىنەپشە، ئاق لەيلى گۈلى، بابۇنە، ئاق موم 10 گرامدىن، ئارپا ئۇنى 20 گرام، زىغىر لۇئابى، بابۇنە يېغى 20 مىللىلىتىر ئېلىپ،قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ سىرتىدىن چېپىلىدۇ.

ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، رەيھان ئۇرۇقى، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 12 گرامدىن، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 24 گرامدىن، بابۇنە، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىلللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

جاراھەت پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرسى سەرتان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن، سۇفۇپى سەرتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمىسا قورساقنى يېرىپ، بىرلەمچى كېسەللىك ئوچۇقىنى يوقىتىش ئۈچۈن، مەسىلەن، تۇخۇم توشۇش نەيچە سىلىدا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى ئېلىۋېتىش ھەمدە قورساقنى بېرىپ قورساقتىكى سىرغىتما سۇيۇقلۇقلارنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلاردىن مەجۇنى ئامىلە نۇشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئىتتىرىفىل ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئىتتىرىفخل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى لۇبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، قىزىلگۈل گۈلقەنتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن كالا سۈتى، ئۆچكە سۈتى، پاخلان گۆشى، باچكا گۆشى، چۈجە گۆشى، كەكلىك گۆشى، مائۇللەھمى، شورپا، ئۈگرە، چامغۇر، سەۋزە، پەمىدۇر، ئەنجۈر، ئانار، ئالما قاتارلىقلار مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن، كېسەللىك دىئاگنوزى مۇقىمدالماي تۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى، سېزىمسىزلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=832

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=832

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#