ھەمجىنس

ھەمجىنس

ھەمجىنس بولسا ئۆزى بىلەن جىنسى ئوخشاشلارنى ياخشى كۆرۈپ ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان جىنسى ئىنتىلىشى خاتا بولغان يەنى جىنسى پىسخىكىسى توغرا بولمىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ(مەسىلەن ئايال كىشى ئايال كىشىگە ئاشىق بولۇش دېگەندەك) .ئوخشاش ھەمجىنس (ئوخشاش جىنسلىق) دېگەن بۇ نامنى ئەڭ ئاۋۋال ۋېنگىرىيەلىك يازغۇچى كارل مارىيا بىر پارچە ماقالىسىدا تىلغا ئالغان. بىز ئادەتتە ھەمجىنسنى بەچچىۋاز دەپ ئاتايمىز.

ئۇيغۇرچە نامى ھەمجىنس
ئىنگلىزچە homosexual
خەنزۇچە ئاتىلىشى 同性恋
ئاساسلىق ئالامىتى ئوخشاش جىنىسلىقلار غەيرى مۇناسىۋتتە بولىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەمجىنس بولسا ئۆزى بىلەن جىنسى ئوخشاشلارنى ياخشى كۆرۈپ ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان جىنسى ئىنتىلىشى خاتا بولغان يەنى جىنسى پىسخىكىسى توغرا بولمىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن ئايال كىشى ئايال كىشىگە ئاشىق بولۇش دېگەندەك). ئوخشاش ھەمجىنس (ئوخشاش جىنسلىق) دېگەن بۇ نامنى ئەڭ ئاۋۋال ۋېنگىرىيەلىك يازغۇچى كارل مارىيا بىر پارچە ماقالىسىدا تىلغا ئالغان. بىز ئادەتتە ھەمجىنسنى بەچچىۋاز دەپ ئاتايمىز.

ھەمجىنسلىق ئەرلىك ۋە ئاياللىق گېنىنىڭ خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدە قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن ياكى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ بۇ كېسەللىك ئادەتتە يوشۇرۇن بولۇپ بىمار كىچىك ۋاقتىدا ئاسان بايقالمايدۇ. بۇ كېسەللىك %99 تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ (%1 تى قىزىقىش ياكى كىيىن شۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولۇش). بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى ئەر (ئايال) نىڭ تېنى تۇغۇلۇشىدىن بىنورمال بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ بىنورماللىق جىنسىي بەلگىلەردە ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ .مەسىلەن :ئەرلەردە ئاياللىق جىنسىي ھورمۇن ،ئاياللاردا ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن كۆپلەپ قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا بۇنى شۇ كىشىلەرگە ئامراقلىق دەپ چۈشىنىدۇ ئەمما ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يېتىشىگە ئەگىشىپ جىنسىي ھېسسىيات پەيدا بولۇشقا باشلىغاندا ئۇلار خۇددى بىز يات جىنسلارغا ئىنتىلگەندەك ھەم ئۇلارنى ياخشى كۆرگەندەك ئۇلار ئوخشاش جىنسلىقلارغا قىزىقىشقا ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلاردىكى ئەخلاق ناچارلىشىش مەسىلىسى بولماستىن بەلكى بىرخىل يامان سۈپەتلىك ھازىرچە داۋاسى يوق كېسەلدۇر.

1. بۇ كېسەل ئادەتتە يۇقمايدۇ.

2. بۇ كېسەل كىشى بالىلىق بولسا %95 چوقۇم شۇ كېسەل بىلەن تۇغۇلىدۇ ،ئادەتتىكى ئادەم بىلەن توي قىلسا كېسەل بالا تۇغۇلۇش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەيدۇ.

3. بۇ خىل تىپتىكى كېسەلنى ھازىرچە ساقايتىدىغان داۋا يوق.

4. شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى مەيلى ئەركەك زەدەك بولسۇن ياكى خېنىم مىجەز بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەم جىنس بولۇشى ناتايىن (لېكىن ئېھتىماللىقى يۇقىرى). ھەمجىنسلىق بىلەن باشقا فىزولوگىيەلىك خاتا ئالامەتلەر ئىككىسى ئىككى مەسىلە. مەسىلەن بەزى كىشىلەر ئەركەك زەدەك ياكى خېنىم مىجەز بولمىسىمۇ ھەمجىنىس بولۇشى مۇمكىن.

1. ھەمجىنسلىق كېسىلى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ پاسكىنا ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن پەيدا بولغان.

2. ھەمجىنسلىق كېسىلى خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ ياكى زىيانلىق نۇرلارنىڭ رادىياتسىيەنىڭ تەسىردە گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان.

3. ئاتا-ئانىدىن ياكى بىرىدىن بالىغا يۇققان.

4. ۋاقىتلىق ئەخلاقتا چۈشكۈنلىشىش (بۇنى ھەمجىنىسلارغا قىزىقىش ياكى ئۆزىنى يوقىتىش دەپمۇ ئاتايمىز) بۇ ئاساسلىقى ھەمجىنسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھازىرچە كىلىنىكىدا ھەمجىنسلارنى بايقايدىغان ئۇسۇل يوق، پەقەت شۇ بىمارنىڭ ئۆزىدىكى بەزى ئالامەتلەرگە قاراپ بىلىش مۇمكىن ،شۇڭا جەمئىيەت ھەم جامائەت ئۇلارنى ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك (لېكىن ئۇلار پەرزەنتلىك بولماسلىقى كېرەك). ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ باشقىلاردىن ئۆچ ئېلىشى ياكى نومۇس قىلىپ ئۆزىدىكى كېسەلنى يوشۇرۇپ نورمال ئادەم بىلەن توي قىلىپ نورمال بولمىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشىگە «ھەسسە» قوشۇپ قويۇشى مۇمكىن .ھەم جىنس ئادەمنى تىللاش ،قارغاش ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ياكى ئۇلارنى ئادەم قاتاردا كۆرمەسلىك بۇنداق ئىشلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ خالاس.

ھەمجىنسلار ھەمجىنسلىقى سەۋەبىدىن ئەخلاقسىز سانالماسلىقى كېرەك ئەمما ئۇلار ئالاھىدە كېسەللەردۇر، ئۇنداقتا ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئەخلاققا قارشى تۇرىدۇ ؟ سەۋەبى شۇكى ئۇلار جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەخلاقسىز دەپ قارىلىپ تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئەخلاققا ۋە شۇنى قوغدىغۇچى كىشىلەرگە جىنىنىڭ بارىچە قارشى تۇرىدۇ. ئۇلار باشقا جەھەتتە نورمال ئادەم بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئۇلار باشقا جەھەتتە نورمال ئادەم بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىشى كېرەك .[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#