قاراسۇ يېزىسى

قاراسۇ يېزىسى

قاراسۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قاراسۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 81.28 مىڭ مو
ماشىنا كودى يېڭى F
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀拉苏乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999
باشقا نامى قاراسۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراسۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ياقا ئۇلاستاي يېزىسى بىلەن چېگرالانغان، جەنۇبتا قاش دەرياسى، غەربىي تەرىپى سۇپتاي يېزىسى، شىمالدا غۇلجا ناھىيەسى بىلەن قوشنا، ئومۇمىي كۆلىمى 86.28 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە 50 مىڭ مو ئېتىز-ئېرىق (ئىچىدە 30 مىڭ مو سۇلۇق ئېتىز، 20 مىڭ مو قۇرغاق ئېتىز)، ئوتلاق، بەزى تاغ جىنىسلىرى ئېچىلىپ قالغان، سۇ كۆلىمى 81.28 مىڭ مو.

قاراسۇ يېزىسى قاراسۇ يېزىسىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، شىبە، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. قاراسۇ، قازاق تىلىدا، قىشتا مۇز تۇتمايدىغان سۇ دېگەن مەنىدە. بۇ يېزا قازاق قەبىلىلىرىنىڭ قىزاي ئەۋلادىىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى.

18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر، شىبەلەر بۇ جايغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 20-ئەسىردە رۇسلار دەسلەپكى مەزگىلدە قاراسۇغا كۆچۈپ كەلگەن، كۆپىيىپ 50 ئائىلىلىككە يەتكەن. خەنزۇلار 1930-يىلىدىن كېيىن قاراسۇغا كۆچۈپ كەلگەن، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان.

9491-يىلى، شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، قاراسۇ بولسا نىلقا ناھىيىسى 6 رايونىدىكى بىر يېزا بولغان.

1958-يىلى، قاراسۇدا ئىككى ھەمكارلىق كوپىراتىپ قۇرۇلغان. سۈنئىي ھەمراھ كوپىراتىپىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى چوڭ قارا سۇ، ئۇنىڭغا چوڭ-كىچىك قاراسۇ، تۈپچىن، باغۋەنچىلىك، گالتاسېن قاتارلىق رايونلار قاراشلىق بولغان، شەرق شامىلى كوپىراتىپىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى چىگە.

قاراسۇ يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر1959-يىلى، ئىككى كوپىراتىپنى بىرلەشتۈرۈپ «شەرق شامىلى» خەلق گۇڭشېسى قىلغان، تۇرۇشلۇق جايى سۇپتاي.

1963-يىلى، قاراسۇ شەرق شامىلى گۇڭشېسىدىن ئايرىلىپ چىققان، سۈنئىي ھەمراھ خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان، تۇرۇشلۇق جايى قاراسۇ.

1981-يىلى، «سۈنئىي ھەمراھ» خەلق گۇڭشېسى قاراسۇ گۇڭشېسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

1984-يىلى 11-ئايدا، قاراسۇ يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

قاراسۇ يېزىسى قارىمىقىدا قاراسۇ، تاقىرمەھەللە، كىچىك قاراسۇ، كوزىبېشى، جالىنگولى، جارتوغان، چولاقبۇلاق، تۈپچىن، قاراباستاۋ كەنتى قاتارلىقلار بار.

قارا سۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا، نۇرغۇن كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن كۆپەيگەن. ئۇ گېئولوگىيىلىك كەڭ يوپۇرماقلىق كونا ئۈچىنچى دەۋر كەڭ يوپۇرماق قالدۇقى. دۆلەت ئىچىدە، دائىرە بويىچە كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن پەقەت شۇ يەردە، قاش دەرياسى ۋادىسىدا بار، ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ مو. قارا سۇ دەريا بۆلىكى ئىچىدىكى تاقى مەھەللە كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، سوربۇلاق كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن ئىككىلەمچى ئورمانى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى.[0]

قاراسۇ يېزىسى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#