سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلى

سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلى

سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلى بولسا سازاڭ مەددە پارازىت قۇرتىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى كىچىك ئۈچەيدە پەيدا قىلغان كېسەللىكى بولۇپ، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان پارازىت قۇرت كېسىلىنىڭ بىرى.

غەرب تېبابىتى نامى سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلى
جۇڭيى تىبابىتى نامى قۇرت كېسىلى، ئاسكارىدوز كېسىلى
خەنزۇچە نامى 蛔虫虫病
تەۋە بۆلۈم بالىلار بۆلمى
كېسەللىك ئورنى ئۈچەي
ئاساسلىق ئالامىتى چىشلىرىنى كاراسلىتىپ ئۇخلاش
كېسەللىك سەۋەبى تازلىققا دىققەت قىلماسلىق
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بالىلار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
يۇقۇملىنىش يولى سازاڭ مەددە قۇرت تۇخۇمى چاڭ-توزاڭنى نەپەس ئارقىلىق سۈمۇرۋىلىشتىن يۇقىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىبۇ خىل كېسەل بولسا سازاڭ مەددە پارازىت قۇرتىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى كىچىك ئۈچەيدە پەيدا قىلغان كېسەللىكى بولۇپ، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان پارازىت قۇرت كېسىلىنىڭ بىرى. يېزىلاردا بۇ خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار خېلىلا كۆپ. بۇ كېسەلنىڭ ئەسلى يۇقۇملىنىش مەنبەسى سازاڭ مەددە پارازىت قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بولۇپ، يۇقۇملىنىش يولى ئاساسلىقى مۇشۇ خىل قۇرت بىلەن بۇلغانغان كۆكتات-مېۋىلەرنى يېيىش ئارقىلىق ئېغىز بىلەن، بەزىدە سازاڭ مەددە قۇرت تۇخۇمى چاڭ-توزاڭ ئارقىلىق ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈپ، نەپەس ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ كېتىش تۈپەيلىدىن يۇقىدۇ. بالىلار تازىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە ۋە ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرمىگەچكە، دائىم يەردە ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قولغا سازاڭ مەددە قۇرت چاپلىشىپ قالىدۇ. تاماقتىن بۇرۇن قولنى يۇماي تاماق يېسە، سازاڭ مەددە قۇرت تاماق يېيىش ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرىپ كېتىدۇ-دە، كېيىن ئۈچەي يولىدا كۆپىيىپ، قۇرت بولۇپ شەكىللىنىدۇ. يېتىلگەن قۇرت ئۈچەي يولىدا تۇرۇپ بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئوزۇقلۇق كەم بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم شۇنداقلا سازاڭ مەددە قۇرت يەنە بەدەندە قالايمىقان تۆشۈكلەرنى پەيدا قىلىپ، قالايمىقان ھەرىكەت قىلىپ، خىلمۇخىل كېسەللىكنى قوزغايدۇ. ھەتتا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، سازاڭ مەددە قۇرت كېسىلىگە سەل قارىماسلىق، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قۇرت بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.[0]

سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىبۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

تازىلىق تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش كېرەك. بولۇپمۇ گەندە قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گەندىنى زىيانسىز ھالدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىقىنى ياخشى قىلىپ، بالىلاردا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن، چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولىنى يۇيۇش، بارماقنى شورىماسلىق، خالىغان يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلماسلىق قاتارلىقلار.

 يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدە قەرەللىك ھالدا سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

كېسەللىك سەۋەبى بولسا تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق نەتىجىسىدە سازاڭسىمان مەددە تۇخۇمىنىڭ ئۈچەيگە ئورۇنلىشىپ تىرىلىشى ۋە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بالىلاردا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، چىشلىرىنى كاراسلىتىپ ئۇخلاش، ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شال ئېقىش، بەزىدە قورساق ئاغرىش ۋە ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

سازاڭسىمان مەددە قۇرت تۇخۇمى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن تۇخۇم ئاستا-ئاستا يېتىلگەن قۇرت بولۇپ يېتىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈش باسقۇچىدا سازاڭسىمان مەددە قۇرت پەيدا قىلىدىغان ئىپادىلەرمۇ بىرقانچە خىل بولىدۇ.

سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىلىچىنكا مەزگىلىدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىپادىلەر بولىدۇ: قۇرت تېنىدىكى غەيرىي خاراكتېرلىك ئاقسىل رېئاكسىيە ئىنكاسىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: يەلتاشما، بۇرۇن شىلىمشىق پەردە ياكى يۇتقۇنچاق قىچىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لىچىنكا ئۆپكىنى تېشىپ كىرىپ، ئىنچىكە قان تومۇر ئارقىلىق ئۆپكىدە ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ ۋە يۆتەل، نەپەس سۈرئىتى تېز بولۇش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندا-ساندا لىچىنكا جىگەر، مېڭە، كۆز قاتارلىق ئەزالارغا يۆتكىلىپ، جىگەر يوغىناپ كېتىش، تارتىشىش، كۆز ئىششىپ ئاغرىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

يېتىلگەن قۇرت پەيدا قىلىدىغان ئىپادىلەر تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: ئىشتىھاسىزلىق ياكى قورسىقى ئوڭاي ئېچىپ كېتىش، ئىچى سۈرۈش ۋە قەۋزىيەت شۇنداقلا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىپادىلەر ئاساسەن قورساق ئاغرىش، كىندىكنىڭ ئەتراپى ئاغرىش، ئاغرىغان ۋاقىت تۇراقلىق بولماسلىق، قاتتىق ئاغرىماسلىق، ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن ياخشىلىنىپ كېتىش قاتارلىقلار. ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردىكى سازاڭ مەددە قۇرت بىلەن يۇقۇملانغاندا ئوزۇقلۇقنىڭ ناچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. يەنە روھسىز بولۇش، كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، چىشىنى غۇچۇرلىتىش، غەيرىي يىرىك نەرسىلەرگە ئامراق بولۇپ قېلىش(مەسىلەن: ئۇششاق تاش پارچىلىرى، قۇم قاتارلىقلارنى چايناشقا ئامراق بولۇش) ، چىرايى ئاقىرىپ كېتىش ۋە داغ پەيدا بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەددە قۇرت كېسىلى، سازاڭ مەددە قۇرت تىپىدىكى ئۈچەي توسۇلۇپ قېلىش كېسىلى، ئۈچەي تېشىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىبىمارنىڭ قورسىقى ئاغرىسا، قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاش ياكى قىزىتىش، لۆڭگە بىلەن قورساققا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ھەم قورساق ئاغرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش شۇنداقلا بىمارنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ، بەرداشلىق بېرەلمىسە، ياندۇرسا، ھەتتا سازاڭ مەددە قۇرت تۈكۈرسە، چوڭ تەرەت ۋە يەل كەلمىسە، ئۈچەي توسۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

 ئۈچەي سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. بىراق كونكرېت داۋالاش لايىھىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولۇشى كېرەك.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قەمبىل، بەرەڭگى كابىلى، سەرخەس، دەرمىنى تۈركى، ھەببۇلنىل، تۇربۇت، قىزىل لوۋى، شاپتۇل يوپۇرمىقى ئۇسارىسى 10 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: تۇربۇت، مۇقەل ھەربىرى ئالتە گرامدىن، سەرخەس، بەرەڭگى كابىلى ھەربىرى ئۈچ گرامدىن، ھەسەلدىن 60 گرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرام 200 مىللىلىتىر كالا سۈتى بىلەن ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى:شاپتۇل چېچىكى 15 گرام، شېكەر 50 گرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: شاپتۇل چېچىكىنى بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ، 300 مىللىلىتىر قالغاندا شېكەرنى سېلىپ سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ، ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#