ئىمىنجان تۇردى

ئىمىنجان تۇردى

 ئىمىنجان تۇردى 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان، بىزگە تونۇشلۇق بولغان شىنجاڭ كىنولىرىدىن (لوقمان)، (ئاۋۇت پالاكەت)، (پۇشايمان) قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق كىنو -فىلىملەردە رول ئالغان.

ئىسمى ئىمىنجان تۇردى
تۇغۇلغان جايى كۈنەس ناھىيەسىى شوربۇلاق 72-تۈەن
كەسپى رىژىسسور
تۇغۇلغان ۋاقتى 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
قىزىقىشى كىنو كۆرۈش، فىلىم ئىشلەش
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىمىجان تۇردىئىسىم فامىلىسى: ئىمىنجان تۇردى

تۇغۇلغان ۋاقتى : 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى: 1.78cm

ئېغىرلىقى: 70kg

يۇلتۇز تۈركۈمى: چايان

تۇغۇلغان جايى: كۈنەس ناھىيەسىى شوربۇلاق 72-تۈەن

پۈتتۈرگەن مەكتىپى: بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتى.

قىزىقىشى : كىنو كۆرۈش، فىلىم ئىشلەش.

ياقتۇرىدىغان كىنو، ئارتىسى: قەيسەر يۈرەك -brave heart -مىرجىپسىن.گىلادىياتۇر - gladiator - رۇسكىلاۋ.ئۇستاز -father - ئارپاشنۇ.

ئىمىنجان تۇردى2006-يىلى (追风筝的人) (لەگلەك ئۇچۇرغۇچى) بالىنىڭ مۇئاۋىن رىژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 2007-يىلى كىنو (木乃伊3) (مومىيا3) نىڭ شىنجاڭ تەرەپتىكى فىلىم ئىشلەش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2008-يىلى رەقەملىك كىنو ‹铁人›، ‹تۆمۈر ئادەم› نىڭ فىلىم مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

2009-يىلى كورىيە 50 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى (善德女王) نىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 2009-يىلى كىنو (心跳戈壁)، (خەتەرلىك چۆل) نىڭ ئىجرائىي رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 2010-يىلى كىنو (玛依拉的天池)، (ماھىرەنىڭ بۇغدا كۆلى) دە ئىمىنجاننىڭ رولىنى ئالغان.

2010-يىلى (关云长) (گۈەنيۈنجاڭ) نىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى، شۇ يىلى يەنە كىنو (盛开的向日葵)(ئاپتاپپەرەس ئېچىلغاندا) نىڭ ئىجرائىي رېژىسسورلۇقىنى ئۆتىگەن.

2010-يىلى 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى (雪域昆仑) (قارلىق كوئىنلۇن) دا قەيسەرنىڭ رولىنى ئالغان.

2011-يىلى 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى (阿娜尔罕) (ئانارخان) دا سادىقنىڭ رولىنى ئالغان.

2011-يىلى (忠烈杨家将)، (سادىق قەھرىمان ياڭ ئائىلىسى)، كىنو (大盘鸡)، (توخۇ قورۇمىسى) نىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورلۇقىنى ئۆتىگەن. 2012-يىلى كىنو (西域铁骑) (غەربىي يۇرتتىكى ئاتلىق قىسىم) دا ئىمىنجان رولىنى ئالغان . 2012-يىلى كىنو (界碑下的村庄) (چېگرا تېشى ئاستىدىكى كەنت) دىكى باش رول روزى رولىنى، يەنە شۇ يىلى كىنو (伊宁不眠夜) (غۇلجىنىڭ ئۇيقۇسىز كېچىسى) دە ھەسەن رولىنى ئالغان. 2013-يىلى كىنو (天将雄狮) دا ۋۇسۇن ئاتاماننىڭ رولىنى ئالغان. 2013-يىلى كىنو (倒霉的一天) (نەس باسقان بىر كۈن) دا كامال رولىنى ئالغان. 2014-يىلى كىنو (鹰笛雪莲) نىڭ ئىجرائىي رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان.

2014-يىلى كىنو (明天我要嫁给你了) (ئەتە سىزگە ياتلىق بولىمەن) نىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان.

2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم تەشكىلى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەر ۋە يېزا-كەنت باش تېما قىلىنغان 100 قىسىملىق ئۆي ئىچى تىياتىرى (村里的故事) (كەنتتىكى ئىشلار) دا باش پېرسوناژ ئازات شۇجىنىڭ رولىنى ئالغان.

2015-يىلى 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى (丝绸之路传奇) (يىپەك يولىدىكى رىۋايەت) تە غوپۇرنىڭ رولىنى ئالغان.

2015-يىلى مىكرو كىنو (天山儿女) (تەڭرىتاغ ئوغۇل قىزلىرى) دا باش پېرسوناژ غەيرەتنىڭ رولىنى ئالغان.

2015-يىلى مىكرو كىنو (达坂城之恋) (داۋانچىڭغا مۇھەببەت) تە باش رول كېرەمنىڭ رولىنى ئالغان. 

ئىمىنجان تۇردى

2015-يىلى ئاسىيا خەلقئارا كىنو بايرىمىدا مۇنەۋەر ئەر ئارتىس بولۇپ باھالانغان. يەنە رىم خەلىقئارا كىنو بايرىمى، لوس ئانجىلىس خەلقئارا مىكرو كىنو بايرىمى، پولشا خەلقئارا كىنو بايرىمى، ئاۋمېن خەلقئارا كىنو بايرىمى، ئاسىيا خەلقئارا مىكرو كىنو سەنئەت بايرىمى، شەرق ئىتتىپاقى خەلقئارا مىكرو كىنو بايرىمى، پىڭياۋ خەلىقئارا مىكرو كىنو بايرىمى، بېيجىڭ خەلىقئارا مىكرو كىنو بايرىمى قاتارلىق چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ھەم تاللانغان.

(تەڭرىتاغ ئوغۇل قىزلىرى) تېخى ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ ئامېرىكا 2015-يىللىق خەلقئارا يەككە كىنو مۇكاپاتى ئەڭ مۇنەۋەر قىسقا فىلىم ئاق ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. رېژىسسور ۋاڭ يىمىن ئەڭ مۇنەۋەر رېژىسسور ئاق ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىمىنجانمۇ بۇ قېتىمقى كىنو مۇكاپاتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرىسى!

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#