ئالاتاۋ تاغ ئېغىزى
ئالاتاۋ تاغ ئېغىزى (ئالاتاۋ شەھىرى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى غا، ئالاتاۋ تېغى بىلەن بارلىق تېغى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالاتاۋ تاغ ئېغىزى (ئالاتاۋ شەھىرى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا، ئالاتاۋ تېغى بىلەن بارلىق تېغى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.
شىمالدا قازاقىستان بىلەن، شەرقتە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئېبىنۇر كۆلى بىلەن، غەربىي تەرىپى بورتالا شەھىرى بىلەن تۇتاشقان.
ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ بورتالا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 79 كىلومېتىر، تۆمۈر يول، تاشيول ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 477 كىلومېتىر ۋە 500 كىلومېتىر، قوشنا قازاقىستان دوستىك چېگرا ئېغىزىغا 12 كىلومېتىر. ئالاتاۋ تاغ ئېغزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1204 كۋادرات كىلومېتىر، 2013-يىلى ئۇنىڭ قارمىقىدا ئېبنۇر كۆلى بازىرى ۋە ئالاتاۋ تاغ ئېغزى كوچىسى بار، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 11 مىڭ ئادەم.
1990-يىلى 6-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئالاتاۋ پورتى تەسىس قىلىنغان.
1991-يىلى 7-ئايدا، پورت ۋاقىتلىق مال ئۆتكۈىۋىلىش تىجارەت باشلانغان.
1992-يىلى 12-ئايدا، 3 دۆلەتكە ئېچىۋېتىلگەن.
1995-يىلى 12-ئايدا، تاشيول پورتى ئېچىۋېتىلگەن.
2003-يىلى، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان ۋە ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان پورت بولغان.
2006-يىلى 7-ئايدا، جۇڭگو-قازاقىستان نېفىت تۇرۇبا يولى 1-قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتۈپ تىجارەت باشلانغان.
2010-يىلى 7-ئايدا، بورتالا ئالاتاۋ تاغ ئېغزى ئايرۇدۇرومى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان.
2011-يىلى 5-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئالاتاۋ تاغ ئېغزى پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇپ تەسىس قىلىنغان.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان.
ئالاتاۋ تاغ ئېغىزىغا (ئالاتاۋ شەھىرى) قاراشلىق جايلار : ئالاتاۋ تاغ ئېغىزى كوچا باشقارمىسى، ئېبنۇر كۆلى بازىرى قاتارلىقلار بار.
سۇ بايلىقى
2013-يىلى، ئالاتاۋ تاغ ئېغىزىنىڭ (ئالاتاۋ شەھىرى) يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 36.8مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2012-يىلىدىكىدىن % 5 ئاشقان، جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 66.1 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012-يىلىدىكىدىن % 22 ئاشقان، 2014-يىلى، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 42 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن % 16 ئاشقان، جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن % 20 ئاشقان، جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك قىممىتى 1 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن % 31 ئاشقان.
سانائەت قوشۇلما قىممىتى 690 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن % 35.2 ئاشقان. 2014-يىلى تاموژنىدىن ئۆتكەن مال 2545 مىڭ توننا بولۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 154.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، تاموژنا باج سوممىسى 103.5 مىليون يۈەن بولغان، پورت ئايرىم-ئايرىم % 46، % 33.4، 60.8% ىنى ئىگەللىگەن.
ئالاتاۋ تاغ ئېغىزىدا (ئالاتاۋ شەھىرى) ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، شارشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، قويتاش مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى، گەنجياخۇ ئاق سۆكسۆك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.