پىيوڭياڭ

پيوڭياڭ

چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى.

نامى
پيوڭياڭ شەھىرى
دۆلىتى چاۋشىيەن
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
يەر مەيدانى 2630 كىۋادىرات كىلومىتىىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسون ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى
朝鲜
ئۆلكىسى پيوڭياڭ
تەۋە رايون 18 رايۇن
نوپۇسى 3255388(2011)
رايۇن نومۇرى 008502

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پيوڭياڭچاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 2000 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليوندىن ئاشىدۇ(1984) . پيوڭياڭ داتۇڭجاڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. شەھەر بىلەن دېڭىز ئارىلىقى 100 كىلومېتركېلىدۇ. ئۇ قەدىمىي شەھەر، مىلادى 427-يىلى گاۋگۇلى كېنەزلىكى بۇ جاينى مەركەز قىلغان. 

پيوڭياڭ1945-يىلى چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتنىڭ پايتەختى بولغان. 1950-يىلى ئامېرىكا جاھانگىرلىكى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان، ئۇرۇشتىن كېيىن چاۋشيەن ىەلقى پۈتۈن كۈچ بىلەن پايتەختنى يېڭىدىن ئاۋات، گۈزەل شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ھازىر ئۇ شىمالىي چاۋشيەن بويىچە ئەڭ چوڭ زامانىۋى شەھەر بولۇپ قۇرۇلدى. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىي، مائارىپ، قاتناش ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. پيوڭياڭنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4/1 نى تەشكىل قىلىدۇ.

پيوڭياڭشەھەردە ئومۇملاشقان سانائەت تارماقلىرى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنىسازلىق، پولات-تۆمۈر، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پيوڭياڭنىڭ ئەتراپى چاۋشيەن بويىچە يېزا ئىگىلىك تەرەققىي قىلغان رايون. بۇ جايلاردا ئاساسلىق شال، پاختا، مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. پيوڭياڭ چاشيەننىڭ مۇھىم مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى. ئۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سوزۇلغان بىر قانچە تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار، سۇ قاتنىشىمۇ ئوڭاي، ئۇنىڭ سىرتقى پورتى نەنپۇغا چوڭ ئوكيان پاراخوتلىرى كېلىپ توختىيالايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 30 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا يەر ئاستى تۆمۈريولىمۇ بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ %60 تى يەر ئاستى تۆمۈريولى ئارقىلىق يۆتكىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#