ئۈچ تاش
ئۈچ تاش بولسا، ئۇلۇغچات ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمالى چېگراسىدىكى بىر پارچە سۈرەتتەك كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل يايلاق بار، ئۇ بولسىمۇ ئۈچ تاش يايلىقى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈچ تاش بولسا، ئۇلۇغچات ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمالى چېگراسىدىكى بىر پارچە سۈرەتتەك كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل يايلاق بار، ئۇ بولسىمۇ ئۈچ تاش يايلىقى. ئۇنىڭ ئۆزگىچە بولغان يېزا قىشلاق شېئىرى كەبى مەنزىرىسى «جۇڭگودىكى مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىلەر گۈلزارى» دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.
ئۈچ تاشئۈچ تاش، ئەسلىي مەنىسى «ئۈچ تال تاش» دېگەن مەنىدە. شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە ئۈچ تاش، ئۈچ قارلىق تېغى ئارىلىقىغا جايلاشقان يايلاق دېگەن مەنىدە. بۇ ئۈچ قارلىق تاغ، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4500 مېتىردىن ئاشىدۇ، تاغ چوققىسىدىكى قار يىل بويى ئېرىمەي توپلىنىپ تۇرىدۇ، ئۈچ كۈمۈش رەڭ سۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تەبىئىي يايلاق بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 200 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، قاپلىنىش نىسبىتى %80 كە يەتكەن. ئوت-چۆپ سۈپىتى ياخشى، مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئادەتتە ئوت-چۆپ ئېگىزلىكى 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ يايلاق ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ تاش ئوتلىقى تاغ ئېتىكىنىڭ تۆۋىنىدە، يېرى كەڭ، تۇپرىقى مۇنبەت، تۇپراق ھاسىل قىلغان قالدۇق چۆكۈندىلەر، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر مول، سېلەۋ، تەلۋە كەتىرا، كوبرىزىيە ئوتى، غاز تاپان، مامكاپ قاتارلىقلار بار.
ئۈچ تاش تاغ بىلەن قورشالغان، يېشىل چېغىر، ياپيېشىل، كۆز يەتكۈسىز، خۇددى يېشىل زىلچا گىلەم دۇكىنى يىراقتىكى ئاسمانغا سوزۇلغاندەك. بۇ زىلچا گىلەم ئۈستىدە يەنە نۇرغۇن ئاق، سېرىق، بىنەپشە رەڭلىك تاغ گۈللىرى بەس-بەس بىلەن ئۆسكەن،جۇڭگونىڭ چېگرا يايلىقىنى مۇشۇنداق گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن. ھەر قېتىم مەيىن شامال چىققاندا، ئوت-چۆپ مەيىن سىلكىنىپ، گۈللەر كۈلگەندەك، قوي-كالا توپى يايلاقتا يۈگۈرۈپ، كىشىلەرگە گۈزەل تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.