تەڭگىسىمان تەمرەتكە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تەڭگىسىمان تەمرەتكە (تىبابەت)
  2. تەڭگىسىمان تەمرەتكە (كېسەل)
تىبابەت

تەڭگىسىمان تەمرەتكە

كالا تەمرەتكىسى

تەڭگىسىمان تەمرەتكە تەڭگىسىمان تەمرەتكە–يەرلىك ئورۇن تېرىسى قېلىنلىشىپ، كۈمۈش رەڭلىك قاسراقسىمان كېپەكلىشىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالا تەمرەتكىسىتەڭگىسىمان تەمرەتكە يەرلىك ئورۇن تېرىسى قېلىنلىشىپ ، كۈمۈش رەڭلىك قاسراقسىمان كېپەكلىشىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى بولۇپ، خەلق ئىچىدە «كالا تەمرەتكىسى » ياكى ( قۇبائى مۇتەقەششەر ) دەپ ئاتىلىدۇ . كلىنىك ئالامىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئاددىي تىپىلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكە، يىرىڭلىق قاپارتقۇ تىپىلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكە، تېرە قىزىرىش تىپىلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكە، بوغۇم تىپلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكە دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشى 

ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى ياكى ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى يېمەك–ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە قان خىلىتى ئوفۇنەتلىنىپ، ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە ۋە تېرە توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر قىلىپ، غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ، تېرىنىڭ ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋۋىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىشدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 سەپرا خىلىتىنىڭ كۆيۈشى

ھەر خىل ئىچكى– تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەپرا خىلىتى نورمال مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، قانغا تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە، بەدەن قان ئايلىنىشى ھەمدە تېرە قان ئايلىنىشى تېزلىشىپ، تېرىگە تەسىر قىلىپ، تېرىدىكى شەكىل ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەتنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىۋىتىشى سەۋەبلىك، يەرلىك ئورۇن تېرىسىنىڭ يېڭىلىنىشى نەچچە ھەسسە تېزلىشىپ كېتىپ بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەلغىمى شورنىڭ تەسىرى

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئى ئۆزگىرىشدىن پەيدا بولغان بەلغىمى شورنىڭ مەلۇم يوللار ئارقىلىق تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىغا بېرىپ چۆكمىگە چۈشۈشى ھەم تەكرار غىدىقلىشى سەۋەبىدىن، تېرىنىڭ ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋۋىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى تەسىرى

بەلغىمى شورنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلىشىدىن، يەرلىك ئورۇن تېرىسنىڭ ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەت بىلەن تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋۋىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنشىدىن بولغان تەڭگىسىمان تەمرەتكىدە: تەڭگىسىمان تەمرەتكنىڭ ھەركەتچان دەۋرى ۋە تېرە قىزىرىش تىپلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكىگە ماس كېلىدۇ، بۇ تىپتا تېرە ئەسۋىسى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ ياكى كېڭىيىدۇ. تېرە زەخمىسى قىزىل بولىدۇ، تەدرىجى تەرەققىى قىلىپ، قېلىن قاسىراقچىلارنى ھاسىل قىلىدۇ (بۇ قېلىن قاسراقچە ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ)، ئەسۋە ئەتراپىدا قىزىل ئايلانما بولىدۇ، تىلى قىزىل، ئۈستىدە سېرىق گەز بولىدۇ. بەزىلىرىدە توڭلاپ تىترەش، قىزىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. قاسراقچىنى يېنىك تاتىلىغاندا قاسراقچىلار تۆكىلىپ پارقىراق نېپىز كۈلرەڭ پەردىنى كۆرگىلى بولىدۇ (بۇ نىپىز پەردە ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ). ئىلگىرلىگەن ھالدا تاتىلىغاندا چېكىتسىمان قان توچكىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ (بۇ توچكىسىمان قان چىقىش ئالامتى دەپ ئاتىلىدۇ). تېرە زەخمىسى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا پەيدا بولىدۇ. كۆپىنچە باش، تۆت مۆچە، غول قىسىملىرىدا پەيدا بولىدۇ، تۆت پەسىلدە ئوخشاشلا كۆرىلىدۇ، كۆپىنچە داۋالاش ۋە داۋالىنىش ۋاقتى توغرا بولمىسا كېسەل تەرەققىى قىلپ، پۈتۈن بەدەن يامىراش خاراكتىرلىك قىزىرىپ ئىششىيدىغان، كۆپ مىقداردا قاسراقلىشىدىغان، زەخمىلەر ئارىسىدىن كىچىك نورمال تېرە ئارالچىلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان زەخمىگە ئۆزگىرىپ تېرە قىزىرىش تىپىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ تىپتا قىزىش، توڭۇپ تىتىرەش، باش ئاغرىش، بوغۇملار ئاغرىش، يۈزەكى لىمفا تۈگۈنچىلىرى ئىششش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىنەرلىك بولىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنشىدىن بولغان تەڭگىسىمان تەمرەتكىدە تومۇرى قاتتىق، دولقۇنلۇق سالىدۇ.

غەيرى تەبىئى سەپرادىن بولغان تەڭگىسىمان تەمرەتكىدە: تەڭگىسىمان تەمرەتكنىڭ ھەركەتچان دەۋرى ۋە تېرە قىزىرىش تىپلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكىگە ماس كېلىدۇ، تېرە زەخمىسى كۆپىنچە چېكىتسىمان ياكى پارچىسىمان بولۇپ ئاستى قىزىل، ئۈستىدە كۈمۈش رەڭلىك قاسراقچە بولىدۇ، تەدىرىجى چوڭىيىپ يۇمۇلاق، ئىللىپىسسىمان ياكى رەتسىز قىزىل داغنى شەكىللەندۈرىدۇ، چېگىرىسى ئېنىق بولىدۇ. زەخمە يۈزىنى قېلىن كۈمۈش رەڭلىك قاسراق قاپلايدۇ، چاچما شەكىلدە ياكى بىرىككەن ھالەتتە بولىدۇ، ئۈچ خىل ئالامەت «قېلىن قاسراقچە ئالامىتى، نىپىز پەردە ئالامىتى، توچكىسىمان قان چىقىش ئالامىتى» ئېنىق كۆرۈلىدۇ، تېرە زەخمىسى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا پەيدا بولىدۇ . تىلى قىزىل، ئۈستىدە نېپىز بىر قەۋەت سېرىق گەز بولىدۇ، كىچىك تەرەت رەڭگى سېرىققا مايىل قىزىق كېلىدۇ، ئېغىز قۇرۇپ ئۇسساش، قەۋزىيەتلىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بۇ تىپى ۋاقتىدا كونترۇل قىلىنمىسا تېرە قىزىرىش تىپىنى پەيدا قىلىدۇ. غەيرى تەبىئى سەپرادىن بولغان تەڭگىسىمان تەمرەتكىدە تومۇرى قاتتىق، تېز سالىدۇ.

بەلغىمى شوردىن بولغان تەڭگىسىمان تەمرەتكىدە : ئادەتتىكى تىپلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكنىڭ تۇراقلىق دەۋرى ۋە بوغۇم تىپلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكىگە ماس كېلىدۇ . ئومۇمى بەدەن تېرىلىرىدە تەڭگە ياكى خەرىتە شەكلىدە تېرە زەخمىسى كۆرۈلۈشتىن باشقا، ئۈچ ئالامەت 《قېلىن قاسراقچە ئالامىتى، نىپىز پەردە ئالامىتى، توچكىسىمان قان چىقىش ئالامىتى》 ئېنىق كۆرۈلىدۇ، تېرە زەخمىسى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا پەيدا بولىدۇ، كۆپىنچە بويۇن، قۇلاق ئارقىسى، قولتۇق، يىرىق، ھوشۇق قاتارلىق ئورۇنلارغا پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىرىدا ئالقان، تاپان ۋە باشقا ئورۇنلاردا يىرىڭلىق قاپارتمىلار پەيدا بولۇپ، يىرىڭلىق تىپنى پەيدا قىلىدۇ. قەۋزىيەتلىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ . تىلى توم، قىزىل، ئۈستىدە ئاققا مايىل سېرىق گەز بولىدۇ. بەلغىمى شوردىن بولغان تەڭگىسىمان تەمرەتكىدە تومۇرى قاتتىق، تېز سالىدۇ.

غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىدىن بولغان تەڭگىسىمان تەمرەتكىدە: ئادەتتىكى تىپلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكنىڭ تۇراقلىق سوزۇلما دەۋرىگە ماس كېلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق بولۇپ، تېرە زەخمىسى كېڭەيمەيدۇ. كۆپىنچە پارچىسىمان ھالدا بولىدۇ. تېرىسى قۇرغاق، قېلىن قاسراقلىق بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل كۆكۈش رەڭدە بولىدۇ، داۋالاش قىيىن بولۇپ ئۇزۇنغىچە ساقايمايدۇ، ئۈچ ئالامەت 《قېلىن قاسراقچە ئالامىتى، نېپىز پەردە ئالامىتى، توچكىسىمان قان چىقىش ئالامىتى》 ئېنىق كۆرۈلىدۇ، تېرە زەخمىسى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا پەيدا بولىدۇ. ئېغىز قۇرۇپ گېلى يىرىكلىشىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، تىل ئۈستىدە نېپىز قارامتۇل گەز بولىدۇ. غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان تەڭگىسىمان تەمرەتكىدە تومۇرى ئاستا، ئىنچكە سالىدۇ .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1079

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#