ئۇلۇغچات يېزىسى
ئۇلۇغچات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇلۇغچات يېزىسى«ئۇلۇغچات» قىرغىز تىلىدا ھەيۋەتلىك تاغ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ناھىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يامۇل مەھكىمىسى مۇشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان. 1950-يىلى ئۇلۇغچات يېزىسى تەسىس قىلىنغان، 1958-يىلى گۇڭشې بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1960-يىلى نامى «شەرق شامىلى» گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1984-يىلى قايتا ئۇلۇغچان يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 74 كىلومېتىر، شىمالى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.چېگرا مۇداپىئە تاشيولى يېزا ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ.
پۈتۈن يېزا ئاھالىسى 883 ئائىلە، 4154 ئادەم، يېزا نوپۇسى 3234 ئادەم، شەھەر نوپۇسى 920 ئادەم. ئۇلۇغچات يېزىسى چارۋىچىلىق يېزىسى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 485.34 يۈەن.
ئۇلۇغچات يېزىسىئۇلۇغچات يېزىسى قىزىلسۇ دەرياسى بىلەن يۇلتۇز دەرياسى كېسىشكەن يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى ئۈستىگە جايلاشقان، تۆت ئەتراپى قاتمۇقات تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىكى يەر شەكلى تۈز، سايدا مىڭ مودىن ئارتۇق تەبىئىي ئىككىلەمچى ئورمان بار. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 61 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 52 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي شىمال تەرىپى تۇيۇن يېزىسى، قىزىلئۆي يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى، غەربتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوقسالۇر يېزىسى، جىغىن يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 86.5 كىلومېتىر، كۆلىمى 1749.6 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2913 مو. دەرەخ تۈرلىرىدىن جىغان، ئارچا، قېيىن قاتارلىقلار بار. ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.
ئۇلۇغچات يېزىسى نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ غەرب تەرەپتىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىسى.
ئۇلۇغچات يېزىسىئۇلۇغچات يېزىسىدا ياۋايى ھايۋانلاردىن ئارقار، بۆرە، موڭغۇل جەرىنى، تۈلكە، ئۇلار قاتارلىقلار بار، قېزىلما بايلىق بىر قەدەر مول، ئاساسلىقى كۆمۈر، مىس، تۆمۈر، گۈڭگۈرت، قوغۇشۇن، سىنىك قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.