- كۆممىقوناق (خام دورا)
- كۆممىقوناق ()
كۆممىقوناق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۈيدۈك ھەيدەش، ئۆت يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا ساقىلىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئاندىن يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام، ئارپا قىلتىرىقىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى ۋە سۈيدۈك ئازىيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام كۆممىقوناق ساقىلىنى 30 گرام سۆگەت يوپۇرمىقى، 35 گرام قىزىل ماش، 20 گرام كۆك سېغىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساق تاش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 20 گرام، جىنتىيانادىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت يولى تېشى ۋە سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆممىقوناق ساقىلىنى دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
كۆممىقوناقنىڭ ھۆل يىلتىزى ياكى يوپۇرمىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يول تېشى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.