دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنى

دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنى

«دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنى» 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان «مەمۇرلار قانۇنى» نى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى ئوڭۇشلۇق ماقۇللىغان.  

ئۇيغۇرچە نامى دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە نامى 国家公务员法
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنى» مەمۇرلارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەمۇرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، يۇقىرى ساپالىق مەمۇرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلغان. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەمۇرلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان، مائاش-پاراۋانلىقىغا دۆلەت مالىيەسى تەرىپىدىن  دۆلەتنىڭ مەمۇرىي شىتاتىغا كىرگۈزۈلگەن خىزمەتچى خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. مەمۇرلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇلىشى مۇشۇ قانۇن تەتبىق قىلىنىدۇ.[1] 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن مەمۇرلارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەمۇرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ساپالىق مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش، تىرىشچانلىق، پاكلىققا تۈرتكە بولۇش، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەمۇرلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي شىتاتىغا كىرگۈزۈلگەن، مائاش-پاراۋانلىقىغا دۆلەت مالىيىسى ئىگە بولىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا مەمۇرلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇشى مۇشۇ قانۇن بويىچە بولىدۇ.

قانۇندا مەمۇرلار ئىچىدىكى رەھبەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، تەمىنلەش-قالدۇرۇش، نازارەت قىلىش، شۇنىڭدەك سودىيە، پروكراتور قاتارلىقلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇلۇشى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

4-ماددا مەمۇرلار تۈزۈمىدە ماركسىزىم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىتڭ تۇرۇلىدۇ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كادىرلار لۇشيەنى ۋە فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

5-ماددا مەمۇرلارنى باشقۇرۇشتا، ئاشكارا، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈش، ياخشىلىرىنى تاللاش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، شەرت، ئۆلچەم ۋە تەرتىپكە ئەمەل قىلىنىدۇ.

6-ماددا مەمۇرلارنى باشقۇرۇشتا، نازارەت قىلىش، چەكلەش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

7-ماددا مەمۇرلارنى ئىشلىتىشتە، ياخشىلىرىنى تاللاش، ئەخلاقىغىمۇ، قابىلىيىتىگىمۇ قاراش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، خىزمەت نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

8-ماددا دۆلەت مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

9-مادا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇندا قوغدىلىدۇ.

10-ماددا مەركەزنىڭ مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەمۇرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق تەۋەسىدىكى مەمۇرلارنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقنىڭ مەمۇرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلار تەڭ دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ مەمۇرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

2-باب مەمۇرلارنىڭ شەرتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى

11-ماددا مەمۇرلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولۇش؛

(2) يېشى 18 گە توشۇش؛

(3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛

(4) پەزىلەتلىك بولۇش؛

(5) سالامەتلىكى مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلىشقا يار بېرىش؛

(6) ئەمەل تەلىپىگە لايىق مەلۇماتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بولۇش؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

12-ماددا مەمۇرلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش؛

(2) مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئەستايىدىل ئادا قىلىش، خىزمەت ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛

(3) جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش؛

(4) دۆلەتنىڭ خەپسىزلىكى، شان-شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش؛

(5) ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، يۇقىرىنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان قارار، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش؛

(6) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە خىزمەت مەخپىيىتىنى ساقلاش؛

(7) ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش؛

(8) پاك-دىيانەتلىك، ئادىل، دۇرۇس بولۇش؛

(9) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

13-ماددا مەمۇرلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىغىدەك خىزمەت شارائىتىغا ئېرىشىش؛

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەب كۆرسىتىلمەي، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلماسلىق، ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىلمەسلىك، ئىشتىن بوشىتىلماسلىق ياكى چارە كۆرۈلمەسلىك؛

(3) مائاش-ئىش ھەققى ئېلىش، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش؛

(4) تەربىيىلىنىش؛

(5) ئورگان خىزمىتى ۋە رەھبەرلەرگە تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش؛

(6) ئەرز-شىكايەت قىلىش؛

(7) ئىستېپا سوراش؛

(8) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

3-باب ۋەزىپە ئۆتەش ۋە دەرىجە

14-ماددا دۆلەت مەمۇرلارغا ئەمەل تۈرى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

مەمۇرلارنىڭ ئەمەل تۈرى ئەمىلىنىڭ خاراكتېرىنى، ئالاھىدىلىكى ۋە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكىلەر، كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكىلەر ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكىلەر دەپ ئايرىلىدۇ. گوۋۇيۈن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئەمەلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئايرىم باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان مەمۇرلارغا باشقا ئەمەل تۈرىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. ئەمەل تۈرىنىڭ دائىرىسىنى دۆلەت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

15-ماددا دۆلەت مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپە تۈرىنى ئۇلارنىڭ ئەمەل تۈرىگە قاراپ بېكىتىدۇ.

16-ماددا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئايرىلىدۇ.

رەھبەرلىك ۋەزىپىسى مۇنۇ قاتلاملارغا ئايرىلىدۇ: دۆلەت دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، دۆلەت دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە، ئۆلكە-مىنىستىرلىك دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، ئۆلكە-مىنسىتىرلىك دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە، نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە.

بىرەھبەرلىك ۋەزىپە قاتلىمى نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىكتىن تۆۋەندە تەسىس قىلىنىدۇ.

17-ماددا ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئاساسىي قانۇن، ئالاقىدار قانۇنلار، ۋەزىپە قاتلىمى ۋە ئاپپاراتلارنىڭ دەرىجىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسى مۇنۇلارغا ئايرىلىدۇ: كۆزەتكۈچى، مۇئاۋىن كۆزەتكۈچى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، بۆلۈم ئەزاسى، ئىش بېجىرگۈچى.

ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىن باشقا ئەمەل تۈرىدىكى مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپە تۈرىنى دۆلەت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

18-ماددا ئورگانلار بېكىتىلگەن فۇنكىسىيىسى، دەرىجىسى، شىتاتى، ۋەزىپە سانى، شۇنىڭدەك قۇرۇلما نىسبىتى بويىچە، مەمۇرلىرىنىڭ كونكرېت ئەمىلىنى بېكىتىدۇ ھەم شۇ ئەمەلدىكىلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيەت شەرتىنى بېكىتىدۇ.

19-ماددا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇناسىپ دەرىجىگە چۈشۈشى كېرەك. مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپسى بىلەن دەرىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسى ئۇلارنىڭ مائاشى ۋە باشقا تەمىناتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

مەمۇرلارنىڭ دەرىجىسى ۋەزىپىسىگە، شۇنىڭدەك ئەخلاقى، قابىلىيىتى، خىزمەت نەتىجىسى ۋە ستاژىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئوخشاش ۋەزىپىدىكى مەمۇرلارنىڭ دەرىجىسىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

20-ماددا دۆلەت خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋە تاموژنا، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپراتلىرىدىكى مەمۇرلارنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىگە لايىق ئۇنۋان دەرىجىسىنى بېكىتىدۇ.

4-باب قوبۇل قىلىش

21-ماددا مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن تۆۋەن مەمۇرلارنى شۇنىڭدەك مۇناسىپ ۋەزىپە قاتلىمىغا چۈشىدىغان بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىكى باشقا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش، قاتتىق تەكشۈرۈش، باراۋەر رىقابەتلەشتۈرۈش، ياخشىلىرىنى تاللاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

مىللىي ئاپتونوم جايلاردا ئالدىنقى تارماقتىى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قانۇن ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ.

22-ماددا مەركەزدىكى ئورگانلار ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا مەركەزنىڭ مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرلار تارمىقى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىغا ھوقۇق بەرسە بولىدۇ. 

23-ماددا مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىدىغانلار مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن سىرت، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن تەيىنلىنىدىغان ئەمەل تەلىپىگە لايىق سالاھىيەت شەرتىنىمۇ ھازىرلىشى كېرەك.

24-ماددا تۆۋەندىكىلەرنى مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ:

(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلار؛

(2) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر؛

(3) قانۇندا مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋالى بولغانلار.

25-ماددا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا، بەلگىلەنگەن شتات ئىچىدە قوبۇل قىلىش ۋە مۇناسىپ بوش ئورۇن بولۇش شەرت.

26-ماددا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا، ئىمتىھان ئېلېنى چىقىرىش كېرەك. ئىمتىھان ئېلانىغا ئەمەل، سان، سالاھىيەت شەرتى، تاپشۇرىدىغان ئىلتىماس ماتېرىيالى شۇنىڭدەك بىلىشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلارنى يېزىش كېرەك.

قوبۇل قىلغۇچى ئورگان تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئىمتىھان بېرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

27-ماددا قوبۇل قىلغۇچى ئورگان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىلتىماسىنى ئىمتىھان بېرىش سالاھىيەت شەرتى بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالى راست، توغرا بولۇشى كېرەك.

28-ماددا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا، يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان مەزمۇنى مەمۇرلار ھازىرلايدىغان ئاساسىي ئىقتىدار ۋە ئەمەل تۈرىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ.

29-ماددا قوبۇل قىلغۇچى ئورگان نامزاتنى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىنى قايتا قاراپ چىقىدۇ، تەكشۈرىدۇ ۋە سالامەتلىكىنى تەكشۈرىدۇ،

سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرى ۋە ئۆلچىمى ئەمەل تەلىپىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى مەركەزنىڭ مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

30-ماددا قوبۇل قىلغۇچى ئورگان قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئىمتىھان نەتىجىسى، تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

ئېلان مۆھلىتى توشقاندا، مەركەز دەرىجىلىك قوبۇل قىلغۇچى ئورگان قوبۇل قىلىنىدىغانلار ئىسىملىكىنى مەركەزنىڭ مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قوبۇل قىلغۇچى ئورگانلار قوبۇل قىلىنىدىغانلار ئىسىملىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ياكى رايون دەرىجىلىك مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

31-ماددا ئالاھىدە ئەمەلگە مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا ياكى باشقا باھالاش چارىسىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

32-ماددا يېڭى قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلارنىڭ سىناق مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. سىناق مۇددىتى توشۇپ لاياقەتلىك بولغانلىرى تەيىنلىنىدۇ، لاياقەتسىزلىرى قايتۇرۇۋېتىلىدۇ.

5-باب باھالاش

33-ماددا مەمۇرلار باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئەخلاق، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق، نەتىجە ۋە پاكلىق جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك باھالىنىدۇ، خىزمەت نەتىجىسى جەھەتتە نۇقتىلىق باھالىنىدۇ.

34-ماددا مەمۇرلارنى باھالاش ئادەتتىكى باھالاش ۋە قەرەللىك باھالاش دەپ ئايرىلىدۇ. قەرەللىك باھالاشتا ئادەتتىكى باھالاش ئاساس قىلىنىدۇ.

35-ماددا بىرەھبەرلىك ۋەزىپىدىكى مەمۇرلارنى قەرەللىك باھالاشتا، يىللىق باھالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار تەرەپ بويىچە خۇلاسىلەيدۇ، مەسئۇل رەھبەر ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن باھا دەرىجە تەكلىپى بېرىدۇ، باھا دەرىجىسىنى شۇ ئورگاننىڭ مەسئۇلى ياكى ھوقۇق بېرىلگەن باھالاش ھەيئىتى بېكىتىدۇ. رەھبەرلەرنى مەسئۇل ئورگان ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قەرەللىك باھالايدۇ.

36-ماددا قەرەللىك باھالاش نەتىجىسى مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك، ئاساسەن لاياقەتلىك ۋە لاياقەتسىز دەپ 4 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.

قەرەللىك باھالاش نەتىجىسىنى مەمۇرنىڭ ئۆزىگە يازما ئۇقتۇرۇش كېرەك.

37-ماددا قەرەللىك باھالاش نەتىجىسى مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى، دەرىجىسى ۋە مائاشىنى تەڭشەش شۇنىڭدەك ئۇلارنى مۇكاپاتلاش، تەربىيىلەش، چېكىندۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

6-باب تەيىنلەش-قالدۇرۇش

38-ماددا مەمۇرلارنى ۋەزىپىگە قويۇشتا، سايلاش تۈزۈمى ۋە تەيىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

رەھبەرلەرنى ۋەزىپىگە قويۇشتا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋەزىپە مۇددىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

39-ماددا سايلاش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلار سايلام نەتىجىسى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ؛ ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان ياكى ۋەزىپە مۇددىتىدە ئىستېپا بەرگەن، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن، ئېلىپ تاشلانغانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىدۇ.

40-ماددا تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلاردىن سىناق مۇددىتى توشۇپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان، ۋەزىپىسىدە ئۆزگىرىش بولغان، مەمۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان، شۇنىڭدەك باشقا ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن تەيىنلەش-قالدۇرۇش زۆرر بولغانلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەيىنلەش-قالدۇرۇش كېرەك.

41-ماددا مەمۇرلارنى بەلگىلەنگەن شتات ۋە ۋەزىپە سانى ئىچىدە تەيىنلەش ھەم مۇناسىپ بوش ئورۇن بولۇش شەرت.

42-ماددا مەمۇرلاردىن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن، ئورگان سىرتىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىرى ئالاقىدار ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىشى ھەم قوشۇمچە ھەق ئالماسلىقى كېرەك.

7-باب ئۆستۈرۈش ۋە تۆۋەنلىتىش

43-ماددا ئۆستۈرۈلىدىغان مەمۇرلار تەيىنلىنىدىغان ۋەزىپىدە تەلەپ قىلىنغان ئىدىيىۋى-سىياسىي ساپا، خىزمەت ئىقتىدارى، مەلۇمات ۋە ئۆتىگەن ۋەزىپە قاتارلىق شەرت ۋە سالاھىيەتنى ھازىرلىشى كېرەك.

مەمۇرلارنى ئۆستۈرۈشتە دەرىجىمۇدەرىجە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ياكى خىزمەتتە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغانلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئاتلىتىپ ياكى بىر دەرىجە ئاتلىتىپ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

44-ماددا مەمۇرلار رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۆستۈرۈلىدۇ:

(1) دېموكراتىك كۆرسىتىش يولى بىلەن، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىش؛

(2) تەكشۈرۈپ، تەيىنلەش تەكلىپ لايىھىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ مەلۇم دائىرىدە غۇلغۇلا قىلىش؛

(3) باشقۇرۇش ھوقۇقى دائىرىسى بويىچە مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش؛

(4) تەيىنلەش رەسمىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتەش.

مەمۇرلار بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن پايدىلىنىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

45-ماددا ئورگاننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئاپپاراتلاردا نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن رەھبەرلىك ئورنى بوش قالغاندا، تەيىنلەيدىغان نامزاتنى شۇ ئورگان ياكى شۇ سىستېمىدىكىلەردىن رىقابەتلەشتۈرۈپ چىقىش ئۇسۇلى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن رەھبەرلىك ئورنى ياكى مۇئاۋىن تەكشۈرۈش تەتىق قىلغۇچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى، شۇنىڭدەك مۇناسىپ ۋەزىپە قاتلىمىدىكى باشقا بىرەھبەرلىك ۋەزىپىدىكىلەرنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، تەيىنلەيدىغان نامزاتنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا تاللاشقا بولىدۇ.

تۇنجى سودىيە، تۇنجى پروكوراتورلار نامزاتى جەمئىيەتتىكى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سالاھىيەتكە ئېرىشكەنلەر ئىچىدىن ئاشكارا تاللاپ بېكىتىلسە بولىدۇ.

46-ماددا مەمۇرلارنى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئۆستۈرۈشتە، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەيىنلىنىدىغانلارنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى ۋە ۋەزىپىدە سىناش مۇددىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

47-ماددا مەمۇرلاردىن قەرەللىك باھالاشتا لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەنلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر قاتلام تۆۋەنلىتىلىدۇ.

8-باب مۇكاپاتلاش

48-ماددا خىزمەتتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە تۆھپە ياراتقان ياكى باشقا گەۋدىلىك ئىش ئىزى بولغان مەمۇرلار ياكى مەمۇرلار كوللېكتىپى مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپاتلاشتا مەنىۋى مۇكاپات بىلەن ماددىي مۇكاپاتنى بىرلەشتۈرۈش، مەنىۋى مۇكاپاتنى ئاساس قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

مەمۇرلار كوللېكتىپى مۇكاپاى شتات تۈرى بويىچە قۇرۇلغان ئاپپارات ياكى مەخسۇس ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن خىزمەت كوللېكتىپىغا بېرىلىدۇ.

49-ماددا مەمۇرلاردىن ياكى مەمۇرلار كوللېكتىپىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى مۇكاپاتلىنىدۇ:

(1) ۋەزىپىگە سادىق بولغان، ئاكتىپ ئىشلىگەن، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار؛

(2) ئىنتىزامغا رىئايە قىلغان،پاك، دىيانەتلىك، ئىستىلى دۇرۇس بولغان، ئادىل ئىشلىگەن، نەمۇنىلىك رولى گەۋدىلىك بولغانلار؛

(3) خىزمەتتە كەشپىيات يارىتىپ ياكى مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىپ، كۆرىنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياكى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلار؛

(4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش يولىدا گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقانلار؛

(5) جامائەت مۈلكىنى ئاسراش، دۆلەت مەبلىغىنى تېجەشتە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقانلار؛

(6) ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە خىزمەت كۆرسىتىپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زىياندىن ساقلاپ قالغان ياكى زىياننى ئازايتقانلار؛

(7) خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇئەييەن مۇھىتتا ھايات-ماماتىغا قارىماي تۆھپە ياراتقانلار؛

(8) قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارشى كۈربشتە نەتىجە ياراتقانلار؛

(9) تاشقى ئالاقىدە دۆلەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ۋە مەنپەئەت يەتكۈزگەنلەر؛

(10) باشقا گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقانلار.

50-ماددا مۇكاپات تۆۋەندىكىلەرگە بۆلۈنىدۇ: تەقدىرلەش، 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش، 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش، 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش، شەرەپ نام بېرىش.

مۇكاپاتلانغان مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار كوللېكتىپى تەقدىرلىنىدۇ ھەم بىر يولىلا مۇكاپات پۇلى بېرىلىدۇ ياكى باشقا تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ.

51-ماددا مەمۇرلار ياكى مەمۇرلار كوللېكتىپىنى مۇكاپاتلاش بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە قارار قىلىنىدۇ ياكى تەستىقلىتىلىدۇ.

52-ماددا مەمۇرلاردىن ياكى مەمۇرلار كوللېكتىپىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ مۇكاپاتى بىكار قىلىنىدۇ.

(1) ساختىپەزلىك قىلىپ مۇكاپات ئېلىۋالغانلار؛

(2) مۇكاپاتلاشقا مەلۇم قىلىشتا ئېغىر خاتالىقىنى يوشۇرغان ياكى بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلار؛

(3) قانۇن-نىزاملاردا مۇكاپاتلاشنى بىكار قىلىش بەلگىلەنگەندىن باشقا ئەھۋال كۆرۈلگەنلەر.

9-باب جازالاش

53-ماددا مەمۇرلار ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىق شەرت:

(1) دۆلەتنىڭ شۆھرىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىش، دۆلەتكە قارشى يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش؛

(2) قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش، ئىش تاشلاشقا تەشكىللەش ياكى قاتنىشىش؛

(3) بىپەرۋالىق قىلىپ، ئىشنى ئاقسىتىش؛

(4) يۇقىرىنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان قارار، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلماسلىق؛

(5) تەنقىدنى بېسىش، ئۆچ ئېلىش؛

(6) ساختىپەزلىك قىلىپ، رەھبەرلىك ۋە جامائەتنى خاتا يېتەكلەش ۋە ئالداش؛

(7) خىيانەتچىلىك قىلىش، پارا بېرىش، پارا ئېلىش، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش؛

(8) مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەبلىغىنى ئىسراپ قىلىش؛

(9) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

(10) دۆلەت مەخپىيىتى ياكى خىزمەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(11) تاشقى ئالاقىدە دۆلەتنىڭ شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش؛

(12) شەھۋانىيلىق، زەھەر چېكىش، قىمارۋازلىق، خۇراپىيلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ياكى ئۇنى قوللاش؛

(13) كەسىپ ئەخلاقىغا ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىش؛

(14) پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش، كارخانا ياكى پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى باشقا تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش؛

(15) ئىشقا كەلمەسلىك ياكى كاماندىروپكا، رۇخسەت ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، قەرەلدە قايتماسلىق؛

(16) ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

54-ماددا مەمۇرلار ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا يۇقىرىنىڭ قارارى ياكى بۇيرۇقىنى خاتا دەپ قارىسا، يۇقىرىغا شۇ قارار ياكى بۇيرۇقنى تۈزىتىش ياكى بىكار قىلىش پىكرىنى بەرسە بولىدۇ؛ يۇقىرى بۇ قارار ياكى بۇيرۇقنى ئۆزگەرتمىسە ياكى دەرھال ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، مەمۇرلار بۇ قارار ياكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئىجرا ئاقىۋىتىگە يۇقىرى مەسئۇل مەسئۇل بولىدۇ، مەمۇرلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ لېكىن، مەمۇرلاردىن ئوچۇقتىن-ئوچۇق قانۇنغا خىلاپ قارار ياكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغانلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

55-ماددا مەمۇرلاردىن قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتىزام جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرىغا بۇ قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى يېنىكلىرىدىن تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن تۈزەتكەنلىرىگە چارە كۆرۈلمىسىمۇ بولىدۇ.

56-ماددا چارە ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن قوغلاشقا ئايرىلىدۇ.

57-ماددا مەمۇرلارغا چارە كۆرۈشتە، پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق، خاراكتېرىنىڭ بېكىتىلىشى توغرا، بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇۋاپىق، تەرتىپ قانۇنلۇق، رەسمىيەت مۇكەممەل بولۇشى كېرەك.

مەمۇرلاردىن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى چارە كۆرۈشنى قارار قىلغان ئورگان بېكىتىشى ھەم تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىتنى ۋە كۆرۈلىدىغان چارىنىڭ ئاساسىنى شۇ مەمۇرغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. مەمۇرلار پىكرىنى بايان قىلىشقا ۋە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق.

چارە كۆرۈشنى قارار قىلغۇچى ئورگانلاردىن مەمۇرلارغا چارە كۆرۈشنى لايىق تاپقانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە چارە كۆرۈش قارارى چىقىرىشى كېرەك. چارە كۆرۈش قارارى ھەققىدە شۇ مەمۇرغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىشى كېرەك.

58-ماددا چارە كۆرۈلگەن مەزگىلدە مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ.

كۆرۈلىدىغان چارىنىڭ ۋاقتى: ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ 6 ئاي، گۇناھ يېزىشنىڭ 12 ئاي، چوڭ گۇناھ يېزىشنىڭ 18 ئاي، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىڭ 24 ئاي بولىدۇ.

ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلگەنلەرنىڭ دەرىجىسى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەنلىتىلىدۇ.

59-ماددا خىزمەتتىن قوغلاشتىن باشقا چارە كۆرۈلگەن مەمۇرلاردىن چارە كۆرۈلگەن مەزگىلدە توۋا قىلغانلىرى ھەم ئىنتىزامغا قايتا خىلاپلىق قىلمىغانلىرىغا كۆرۈلگەن چارىنى چارە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، چارە كۆرۈشنى قارار قىلغۇچى ئورگان بىكار قىلىدۇ ھەمدە شۇ كىشىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

چارە بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، مائاشى، دەرىجىسى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش ئەسلىي كۆرۈلگەن چارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى بىكار قىلىنغانلىرىنىڭ ئەسلىي دەرىجىسى ۋە ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى دەپ ھېسابلانمايدۇ.

10-باب تەربىيىلەش

60-ماددا ئورگانلار مەمۇرلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە قويۇلغان تەلەپكە ۋە ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا قاراپ، مەمۇرلارنى دەرىجە ۋە تۈر بويىچە تەربىيىلەيدۇ.

دۆلەت مەمۇرلارنى مەخسۇس تەربىيىلەيدىغان ئاپپاراەت قۇرىدۇ. ئورگانلار مەمۇرلارنى تەربىيىلەپ بېرىشنى ئېھتىياجىغا قاراپ باشقا تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

61-ماددا ئورگانلار يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغانلارنى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە دەسلەپكى قەدەمدە تەربىيىلىشى؛ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئۆستۈرۈلگەن مەمۇرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇن ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە تەربىيىلىشى؛ مەخسۇس خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەمۇرلارنى كەسپىي جەھەتتە مەخسۇس تەربىيىلىشى؛ بارلىق مەمۇرلارنى ئۆز ئورنىدا بىلىمىنى يېڭىلاش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تەربىيىلىشى؛ بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەمۇرلارنى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش تەلىپى بويىچە كەسپىي تېخنىكا جەھەتتە تەربىيىلىشى كېرەك.

دۆلەت زاپاس رەھبەرلەرنى تەربىيىلەشنى پىلانلىق كۈچەيتىدۇ.

62-ماددا مەمۇرلارنى تەربىيىلەشتە، تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلىدۇ.

مەمۇرلارنىڭ تەربىيىلىنىش ۋاقتىنى مەمۇرلار خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىكى تەربىيىلەش تەلىپى بويىچە بېكىتىدۇ.

مەمۇرلارنىڭ تەربىيىلىنىش ئەھۋالى، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۇلارنى باھالاش مەزمۇنى ۋە تەيىنلەش، ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ئاساسى قىلىنىدۇ.

11-ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە چەتلىشىش

63-ماددا دۆلەت مەمۇرلارنى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

مەمۇرلار مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئالماشتۇرۇلسىمۇ، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىلەن ئالماشتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.

ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى يۆتكەپ تەيىنلەش، ئالماشتۇرۇپ تەيىنلەش ۋە ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

64-ماددا دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئورگانغا يۆتكەپ رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ياكى مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىدىن يۇقىرى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىپ ۋەزىپە قاتلىمىدىكى بىرەھبەرلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە بولىدۇ. يۆتكەپ تەيىنلىنىدىغانلار مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە شۇ ئەمەل تەلىپىگە لايىق سالاھىيەت، شەرتنى ھازىرلىشى ھەم ئۇلاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 24 ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولماسلىقى كېرەك.يۆتكەپ تەيىنلىگۈچى ئورگان يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يۆتكەپ تەيىنلىگۈچىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى ھەم باشقۇرۇش ھوقۇقى دائىرىسى بويىچە تەستىقلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا يۆتكەپ تەيىنلىگۈچىدىن ئىمتىھان ئالسىمۇ بولىدۇ.

65-ماددا مەمۇرلاردىن ئەمەل ئالماشتۇرۇپ تەيىنلىنىدىغانلىرى تەيىنلىنىدىغان ئەمەل تەلىپىگە لايىق سالاھىيەت ۋە شەرتنى ھازىرلىشى، بەلگىلەنگەن شتات ۋە ۋەزىپە سانى ئىچىدە بولۇشى كېرەك.

ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك باش ۋەزىپىدىن تۆۋەن ۋەزىپىدىكى رەھبەرلەرنى پىلانلىق، نۇقتىلىق ھالدا رايون، تارماقلار ئارا ئالماشتۇرۇپ تەيىنلەش كېرەك.

مەمۇرلاردىن ئورگاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاپپاراتتا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە خىزمەت خاراكتېرى ئالاھىدە بولغان بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىرىنى شۇ ئورگاننىڭ ئىچكى قىسمىدا پىلانلىق ھالدا ئالماشتۇرۇپ تەيىنلەش كېرەك.

66-ماددا مەمۇرلار تەربىيىلەش-چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگان ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا، باشقا جايدىكى ئورگانغا، شۇنىڭدەك دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا تاللاپ ئەۋەتىلسە بولىدۇ.

مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئەسلىي ئورگىنى بىلەن بولغان كادىرلىق مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

67-ماددا مەمۇرلار ئورگانىك ئالماشتۇرۇش قارارىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

مەمۇرلار ئۆزى ئالمىشىشنى ئىلتىماس قىلسا، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىتىلىدۇ.

68-ماددا مەمۇرلاردىن ئەر-خوتۇنلۇق، بىۋاسىتە قانداشلىق، ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى، شۇنىڭدەك يېقىن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتى بولغانلىرى بىر ئورگاندا ئىككىيلەن بىر رەھبەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇندا ۋەزىپە ئۆتسە ياكى بىۋاسىتە يۇقىرى-تۆۋەن رەھبەرلىك مۇناسىۋىتى بار ۋەزىپىسى ئۆتىسە بولمايدۇ، ئۇلاردىن بىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئورگاندا تەشكىلات، كادىرلار، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە مالىيە خىزمىتىنى ئىشلىسىمۇ بولمايدۇ.

جاي ياكى خىزمەت خاراكتېرى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، چەتلىشىش بەلگىلىمىسىنى باشقىچە ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بەلگىلەيدۇ.

69-ماددا مەمۇرلاردىن يېزا دەرىجىلىك ئورگاندا، ناھىيە دەرىجىلىك ئورگاندا ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدا ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىرىنى جايلار ئارا چەتلىتىش كېرەك. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

70-ماددا مەمۇرلاردىن ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك:

(1) ئۆزى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلىرى؛

(2) بۇ قانۇننىڭ 68-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن تۇغقانلىرى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلىرى؛

(3) ۋەزىپىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋال بولغانلىرى.

71-ماددا مەمۇرلاردىن چەتلەپ تۇرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرى چەتلەپ تۇرۇشنى ئۆزى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ مەنپەئەتدارلار مەمۇرلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باشقا كىشىلەر مەمۇرلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىغا تېگىشلىك ئەھۋالنى ئورگانغا ئېيتسا بولىدۇ.

ئورگانلار مەمۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى مەنپەئەتدارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، تەكشۈرگەندىن كېيىن، چەتلەپ تۇرۇش-تۇرماسلىقنى قارار قىلىدۇ، ئىلتىماس قىلمىغان ئەھۋالدا، چەتلەپ تۇرۇش قارارىنى بىۋاسىتە چىقارسىمۇ بولىدۇ.

72-ماددا قانۇندا مەمۇرلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

12-باب مائاش، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا

73-ماددا مەمۇرلارغا دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ۋەزىپە بىلەن دەرىجە بىرلەشتۈرۈلگەن مائاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

مەمۇرلارنىڭ مائاش تۈزۈمىدە ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. خىزمەت مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ئىقتىدارى، خىزمەت نەتىجىسى، ستاژى قاتارلىق ئامىللار ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، ئوخشىمىغان ۋەزىپە، دەرىجە ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق مائاش پەرقى بولىدۇ.

دۆلەت مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ.

74-ماددا مەمۇرلارنىڭ مائاشى ئاساسىي مائاش، قوشۇمچە پۇل، ياردەم پۇل ۋە مۇكاپات پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەمۇرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە رايون قوشۇمچە پۇلى، جاپالىق، چەت-ياقا چېگرا رايون قوشۇمچە پۇلى، ئىش ئورنى قوشۇمچە پۇلى قاتارلىق قوشۇمچە پۇللاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەمۇرلار ئۆي، داۋالىتىش قاتارلىقلاردا دۆلەت بېكىتكەن تولۇقلىما پۇل، ياردەم پۇدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەمۇرلاردىن قەرەللىك باھالاشتا مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك دەپ باھالانغانلىرى دۆلەت بېكىتكەن يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىش كېرەك.

75-ماددا مەمۇرلارنىڭ مائاش سەۋىيىسىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

دۆلەت مائاش تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەمۇرلار ۋە كارخانىلاردىكى مەمۇرلارغا باراۋەر كىشىلەرنىڭ مائاش سەۋىيىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرىدۇ ھەم تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىنى مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ.

76-ماددا مەمۇرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت مەمۇرلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە قاراپ ئۆستۈرىدۇ.

مەمۇرلارغا دۆلەت بەلگىلىگەن ئىش ۋاقتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوتپوسكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەمۇرلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش كۈنىدىن سىرت ئىشلىگەنلىرىگە مۇناسىپ دەپ ئېلىش بېرىلسە بولىدۇ.

77-ماددا دۆلەت مەمۇرلار سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەمۇرلارنىڭ پېنسىيىگە چىقىش، ئاغرىپ قېلىش، ئىشتا يارىلىنىش، پەرزەنت كۆرۈش، ئىشسىز قېلىشتەك ئەھۋالدا ياردەم ۋە تولۇقلىما ئېلىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

مەمۇرلاردىن ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن مېيىپلىك تەمىناتىدىن بەرىمەن بولىدۇ. مەمۇرلاردىن ئىشتا قۇربان بولغان، ئۆلۈپ كەتكەن ياكى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن نەپىقە ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

78-ماددا ھەرقانداق ئورگاننىڭ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرلارغا قارىتىلغان مائاش، پاراۋانلىق سۇغۇرتا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىۋېلىشىغا، مەمۇرلارنىڭ مائاش، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆستۈرۈۋېلىشىغا ياكى تۆۋەنلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق ئورگاننىڭ مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشىغا، كېمەيتىشىگە ياكى نېسى قالدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

79-ماددا مەمۇرلارنىڭ مائاشى، پاراۋانلىقى، سۇغۇرتىسى، پېنسىيە پۇلى شۇنىڭدەك ئۇلارنى قوبۇل قىلىش، تەربىيىلەش، مۇكاپاتلاش، بوشىتىش قاتارلىقلارغا كېتىدىغان خىراجەتنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

13-باب ئىستېپا بېرىش، بوشىتىش

80-ماددا مەمۇرلار ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشتە، تەيىنلىگۈچى-قالدۇرغۇچى ئورگانغا يازما ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.تەيىنلىگۈچى- قالدۇرغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستېپا ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە تەستىقلىشى كېرەك.

81-ماددا مەمۇرلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالىدىن بىرى بولغانلىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە بولمايدۇ:

(1) دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن خىزمەت يىل چەكلىمىسىگە توشمىغان بولسا؛

(2) دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ياكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ۋاقتى دۆلەت بەلگىلىگەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىگە يەتمىگەن بولسا؛

(3) مۇھىم ۋەزىپىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كىشىنىڭ داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كەلگەن بولسا؛

(4) ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەپتىش قىلىنىۋاتقان، ئىنتىزام جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان ياكى جىنايەتكە چېتىشلىق بولغان، قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولسا؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

82-ماددا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەمۇرلاردىن خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىرى ئىستېپا رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەمۇرلار شەخسىي سەۋەب ياكى باشقا سەۋەب بىلەن رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستېپا بەرسە بولىدۇ.

رەھبەرلەردىن خىزمەتتە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، زور زىيان پەيدا قىلغانلىرى ياكى جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىرى ۋە ياكى زور ۋەقەدە رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بارلىرى گۇناھىنى تونۇپ، رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك.

رەھبەرلەردىن گۇناھىنى تونۇپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ ياكى باشقا سەۋەب بىلەن ھازىرقى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن ئۆزى ئىستېپا سورىمىغانلىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ.

83-ماددا مەمۇرلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلىرى بوشىتىلىدۇ:

(1) يىللىق باھالاشتا ئۇدا 2 يىل لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەنلەر؛

(2) ھازىرقى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ بويسۇنمىغانلار؛

(3) ئۆز ئورگىنىنى تەڭشەش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىش ياكى شىتات قىسقارتىش سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىنى تەڭشەشكە توغرا كەلگەندە، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلغانلار؛

(4) مەمۇرلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلمىغان، تەربىيە بېرىلسىمۇ ئۆزگەرمىگەن، ئورگاندا داۋاملىق ئىشلەشكە ماس كەلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى بېرىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلار؛

(5) سەۋەبسىز ئىشقا كەلمىگەن ياكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن سىرتقا چىققان، رۇخسەت سورىغان ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ ئىشقا كەلمىگەن ۋاقتى ئۇدا 15 كۈندىن ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى بىر يىل ئىچىدە 30 كۈندىن ئېشىپ كەتكەنلەر.

84-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغان مەمۇرلارنى بوشىتىشقا بولمايدۇ:

(1) ئىشتا مېيىپ بولغانلىقتىن، خىزمەت ئىقتىدارىدىنقالغان ياكى قىسمەن قالغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىرى؛

(2) كېسەل بولۇپ ياكى يارىلىنىپ بەلگىلەنگەن مۇددەتتە داۋالىنىۋاتقانلىرى؛

(3) ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق، بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال مەمۇرلار؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن بوشىتىشقا بولمايدىغان باشقا ئەھۋال بولغانلار.

85-ماددا مەمۇرلارنى بوشىتىش باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىنىدۇ. بوشىتىش قارارىنى بوشىتىلىدىغان مەمۇرغا يازما ئۇقتۇرۇش كېرەك.

بوشىتىلغان مەمۇرلار بوشىتىلىش ھەققى ئالسا ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

86-ماددا مەمۇرلاردىين خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىرى ياكى بوشىتىلغانلىرى خىزمەتتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئىشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

14-باب پېنسىيىگە چىقىش

87-ماددا مەمۇرلاردىن دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيە يېشىغا توشقانلىرى ياكى خىزمەت ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلىرى پېنسىيىگە چىقىشى كېرەك.

88-ماددا مەمۇرلاردىن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى بىرىگە توشۇپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلغانلىرى تەيىنلىگۈچى ئورگاننىڭ تەستىقى بىلەن بالدۇر پىنسىيىگە چىقسا بولىدۇ:

(1) ستاژى 30 يىلغا توشقانلار؛

(2) دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيە يېشىغا 5 يىل قالغان ھەمدە ستاژى 20 يىلغا توشقانلار؛

(3) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە بويىچە بالدۇر پېنسىيىگە چىقىشقا بولىدىغان باشقا ئەھۋال بولغانلار.

89-ماددا مەمۇرلار پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيە پۇلىدىن ۋە باشقا تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، دۆلەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك مۇلازىمەت ۋە ياردەم قىلىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

15-باب ئەرز-شىكايەت قىلىش

90-ماددا مەمۇرلاردىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كادىرلار ئىشلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنىشىغا قايىل بولمىغانلىرى بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىي بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىگە قايىل بولمىغانلىرى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەڭ دەرىجىلىك مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىغا ياكى كادىرلار ئىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلغۇچى شۇ ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا بەلگىلىمە بويىچە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمايلا، بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە بىۋاسىتە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ:

(1) چارە كۆرۈش؛

(2) خىزمەتتىن بوشىتىش ياكى قايتۇرۇۋېتىش؛

(3) ۋەزىپىنى تۆۋەنلىتىش؛

(4) قەرەللىك باھالاشتا لاياقەتسىز دەپ بېكىتىش؛

(5) ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش؛

(6) ئىستېپا ئىلتىماسى، بالدۇر پېنسىيىگە چىقىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىماسلىق؛

(7) بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، مائاش، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا تەمىناتى بېكىتىش ياكى تۇتۇپ قېلىش، كېمەيتىش؛

(8) قانۇن-نىزاملاردا ئەرز قىلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلارنىڭ ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار شۇ قارارنى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارنىڭ كۆرۈلگەن چارىگە قايىل بولماي مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا قىلغان ئەرزى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

91-ماددا ئەسلىي بىر تەرەپ قىلغان ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. قوبۇل قىلغۇچى ئورگان مەمۇرلارنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك؛ ئەھۋالى مۇرەككەپ بولسا، ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى ۋە ئەرز سۈرۈكىدە كادىرلار ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

92-ماددا مەمۇرلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغۇچ ئورگان كادىرلار ئىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشتا خاتالىق بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتسە، ئەسلىي بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورگان ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

93-ماددا مەمۇرلاردىن ئورگان ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلدى دەپ قارىغانلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا ياكى ئالاقىدار مەخسۇس ئورگانغا قانۇن بويىچە شىكايەت قىلسا بولىدۇ. شىكايەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگان بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

94-ماددا ئەرز-شىكايەت قىلىشتا، مەمۇرلارنىڭ پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارغا قارا چاپلىشى ۋە زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

16-باب تەكلىپلىك تەيىنلەش

95-ماددا ئورگانلار خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، كەسپىيلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك ئەمەل ۋە ياردەمچى ئەمەلگە تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەمەللەردىن دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلغانلىرىدا تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلمايدۇ.

96-ماددا ئورگانلار مەمۇرلارنى تەكلىپلىك تەيىنلەشتە، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش تەرتىپىدىن پايدىلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلسىمۇ، شەرتكە توشىدىغانلاردىن بىۋاسىتە تاللاپ تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئورگانلار بەلگىلىگەن شتات ۋە مائاش، خىراجەتكە قاراپ، مەمۇرلارنى تەكلىپلىك تەيىنلىشى كېرەك.

97-ماددا ئورگانلار مەمۇرلارنى تەكلىپلىك تەيىنلەشتە، باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەكلىپلىك تەيىنلەش توختامى تۈزۈپ، ئورگان ۋە تەكلىپلىك تەيىنلەنگەن مەمۇرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بېكىتىشى كېرەك. 2 تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، تەكلىپلىك تەيىنلەش توختامىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا بولىدۇ.

تەكلىپلىك تەيىنلەش توختامىنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشتا، تەڭ دەرىجىلىك مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

98-ماددا تەكلىپلىك تەيىنلەش توختامىدا توختام مۇددىتى، ئەمەل ۋە مەسئۇلىيەت تەلىپى، مائاش، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا تەمىناتى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ماددىلار بولۇشى كېرەك.

تەكلىپلىك تەيىنلەش توختامىنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن 5 يىلغىچە بولىدۇ. تەكلىپلىك تەيىنلەش توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى پۈتۈشۈلسە بولىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بىر ئايدىن 6 ئايغىچە بولىدۇ.

تەكلىپلىك تەيىنلىگەن مەمۇرلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كېلىشىم مائاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى مەركەزنىڭ مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

99-ماددا ئورگانلار تەكلىپلىك تەيىنلىگەن مەمۇرلارنى مۇشۇ قانۇن ۋە تەكلىپلىك تەيىنلەش توختامى بويىچە باشقۇرىدۇ.

100-ماددا دۆلەت كادىرلار ئىشىغا ئائىت تالاش-تارتىش كېسىم تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

كادىرلار ئىشىغا ئائىت تالاش-تارتىشنى كېسىم قىلىشتا، قانۇنلۇق بولۇش، ئادىل بولۇش، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تالاش-تارتىش قىلغۇچى 2 تەرەپنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

كادىرلار ئىشىغا ئائىت تالاش-تارتىش كېسىم كومىتېتى ئېھتىياجغا قاراپ قۇرۇلىدۇ. كادىرلار ئىشىغا ئائىت تالاش-تارېتىش كېسىم كومىتېتى مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتنىڭ ۋەكىلى، تەكلىپلىك ئىشلەتكۈچى ئورگاننىڭ ۋەكىلى، تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلار ۋەكىلى ۋە قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلار بىلەن ئۇلار ئىشلەۋاتقان ئورگان ئوتتۇرىسىدا تەكلىپلىك تەيىنلەش توختامىنى ئادا قىلىشتا تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، تالاش-تارتىش كۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە كادىرلار ئىشىغا ئائىت تالاش-تارتىش كېسىم كومىتېتىغا كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. كېسىم قارارى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بىر تەرەپ ئىجرا قىلمىسا، يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

17-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

101-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي ئورگان ياكى مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئەھۋالغا قاراپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىدۇ؛ جاۋابكار رەھبەرگە ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ياكى چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ تەيىنلەش، ئالماشتۇرۇپ تەيىنلەش، تەكلىپلىك تەيىنلەش ۋە ئۆستۈرۈشتە، شتات، ۋەزىپە سانى ياكى تەيىنلەش سالاھىيەت شەرتىگە قارىمىغانلار؛

(2) مەمۇرلارنى مۇكاپاتلاش- جازالاش ، چەتلىشىش ۋە پېنسىيىگە چىقىرىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ تەيىنلەش، ئالماشتۇرۇپ تەيىنلەش، تەكلىپلىك تەيىنلەش، ئۆستۈرۈش، رىقابلەشتۈرۈپ ئىشقا قويۇش، ئاشكارا تاللاش ۋە باھالاش، مۇكاپاتلاش - جازالاشتا، بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرلارنىڭ مائاش، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا تەمىنات ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتكەنلەر؛

(5) قوبۇل قىلىش، رىقابەتلەشتۈرۈپ ئىشقا قويۇش، ئاشكارا تاللاشتا، ئىمتىھان سوئالىنى ئاشكارىلاپ قويغان، ئىمتىھان مەيدانىنى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلار ۋە ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋال بولغانلار؛ 

(6) مەمۇرلارنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(7) بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا ئەھۋال بولغانلار.

102-ماددا ئىستېپا بەرگەن ياكى پېنسىيىگە چىققان مەمۇرلاردىن رەھبەر بولغانلىرىنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ 3 يىل ئىچىدە باشقا مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ 2 يىل ئىچىدە، ئەسلىي خىزمىتى، كەسپىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كارخانا ياكى پايدا ئالىدىغان باشقا تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئەسلىي خىزمىتى، كەسپىيگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك پايدا ئالىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئىستېپا بەرگەن ياكى پېنسىيىگە چىققان مەمۇرلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىنى ئەسلىي ئورگىنى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن شۇ كىشىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدىكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوبۇل قىلغۇچى ئورۇننى شۇ كىشىنى قايتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنغا جازالانغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

103-ماددا ئورگانلاردىن كونكرېت كادىرلار ئىشىنى خاتا بىر تەرەپ قىلىپ، مەمۇرلارنىڭ نامىغا داغ تەككۈزگەنلىرى ئەپۇ سورىشى، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەسىرىنى تۈگىتىشى؛ ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلۈشى كېرەك.

104-ماددا مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىقانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە چارە كۆرۈلىدۇ.

18-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

105-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان رەھبەرلەر ئورگان رەھبەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئورگاىنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

106-ماددا قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ، جامائەت ئىشلىرنى باشقۇرۇش فونكىسىيىسى بار كەسپىي ئورۇنلاردىكى قارا خىزمەتچىلەردىن باشقا خادىملار تەستىقلىتىلغاندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ.

107-ماددا بۇ قانۇن 2006-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1957-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تەستىقلىغان، گوۋۇيۈەن 1957-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان «گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى خادىملىرىنى مۇكاپاتلاش-جازالاش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، 1993-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «دۆلەت مەمۇرلىرى ۋاقىتلىق نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#