ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى

مائارىپ

ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ھەرقايسى شتاتلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. كالىفورنىيە شتاتىدا 5 ياشتىن (يەسلى) 18 ياشقىچە (ئوتتۇرا مەكتەپ 12 يىللىق )، ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان 13 يىلنى مەجبۇرى مائارىپ ۋاقتى دەپ بەلگىلىگەن. بالىلارنىڭ قابىلىيىتى قاراپ يەسلىدە قايتا ئوقۇش ياكى سىنىپ ئاتلاشقا يول قويۇلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى
خەنزۇچە نامى 美国教育制度

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ھەرقايسى شتاتلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. كالىفورنىيە شتاتىدا 5 ياشتىن (يەسلى) 18 ياشقىچە (ئوتتۇرا مەكتەپ 12 يىللىق ئوقۇغۇچى)، ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان 13 يىلنى مەجبۇرى مائارىپ ۋاقتى دەپ بەلگىلىگەن. بالىلارنىڭ قابىلىيىتى قاراپ يەسلىدە قايتا ئوقۇش ياكى سىنىپ ئاتلاشقا يول قويۇلىدۇ.

ئامېرىكانىڭ مەكتەپكە كىرىش تۈزۈمىنى دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلىمەستىن، مەكتەپ تۇرغان رايونغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەر 6 يىل، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3 يىل، ئوتتۇرا مەكتەپ 6 يىل بولىدۇ.

ئوقۇش يىلىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەملىك كۈننى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ. كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئۆلچەملىك كۈنى بولسا 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپقا ئاجراتقان پۇلنىڭ ئازىيىشى بىلەن يەرلىك ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىشى ئۆلچەملىك كۈننىڭ ئوخشاش بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە.

كالىفورنىيە شتاتىدا 5 ياشتىن باشلاپ يەسلىگە كىرىپ ئوقۇش مەجبۇرى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى

 كىچىكىدىنلا تەييارلىق يەسلى مەكتەپ (Pre Nursery school) ياكى تەييارلىق يەسلى مەكتەپ (Nursery school) لارغا بېرىدۇ.

 '' Pre Nursery school '' بولسا 6 ئايدىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلارنى، '' Nursery school '' بولسا 3 ياشتىن 4 ياشقىچە بولغان بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ. بۇ ئىككى يەسلىنىڭ دۆلەتكە قاراشلىقى ياكى شەخسىگە قاراشلىقى بولىدۇ. دۆلەتكە قاراشلىق يەسلىدە ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ. كىرىمى تۆۋەنلەرنىڭ بالىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئىككى يەسلىنىڭ سىنىپلىرى مەكتەپكە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ھەپتىسىدە 2 كۈن ياكى ھەپتىسىگە 5 كۈن ياكى چۈشتىن بۇرۇن ياكى چۈشتىن كېيىن ئوقۇيدىغان سىنىپلار بولىدۇ.

ئاممىۋى مەكتەپتە ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل ئېلىنماي دەرس ئۆتىلىدۇ. يەسلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقتا بالىلاردىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىنتامى ئېلىنمايدۇ. مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى مەكتەپ ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ياخشى مەكتەپلەرگە بېرىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان ئويلىرىنى ياخشى مەكتەپلەر ئەتراپىدىن ئالىدۇ. مەكتەپنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى، ئۆلچەملىك زېھنى سىناش (Stanfor 9, Sat  قاتارلىق) ئىنتامنىڭ نەتىجىسى، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېكىنىش ئەھۋالى، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئاجراتقان مائارىپ خىراجىتى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ

شەخسى مەكتەپلەر ئوقۇش پۇلى بىلەن ئىئانە پۇلى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ. شۇڭا ئاممىۋى ئاسارەتلەر ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىنىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆگىنىش پروگراممىسى ھەم تەنھەرىكەت قۇلۇپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ پرىنسىپىنى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاممىۋى مەكتەپلەر بىلەن بولغان يەنە بىر پەرقى، ئەنگىلىس تىلىنى ئانا تىلى قىلمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئەنگىلىسچە ئۆگىنىدىغان سىنىپلارنى ئېچىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ.

شەخسى مەكتەپلەرنىڭ تۇرى ھەرخىل بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا 2 چوڭ تۆرگە بۆلىنىدۇ. بىرى تەييارلىق مەكتەپ (Preparatory School)، يەنە بىرى دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەكتەپ (Parochial School.(Parochial School دا كىرىش قىيىن بولغان مەكتەپلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. Parochial School  ھەرخىل دىنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپنى كۆرسەتسىمۇ ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چېركاۋىغا تەۋە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل سەنئەت ياكى پەن-تېخنىكىنى ئالاھىدە كەسىپ قىلغان مەكتەپلەر ياكى جىنسىغا قاراپ ئايرىلغان مەكتەپ قاتارلىقلار بولىدۇ.

كالىفورنىيە شتاتىدا ئائىلە مەكتىپىنى قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى مەكتەپلەر كالىفورنىيە شتاتىدا قانۇنلۇق:

ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى: ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى كالىفورنىيە شتاتى بەلگىلىگەن بالىلارنىڭ ئوقۇش يىلىغا مۇۋاپىق كەلگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاپىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. دەرس مەزمۇنى ئاممىۋى ياكى شەخسى مەكتەپلەر قوللانغان دەرسلىكلەر بىلەن ئوخشاش. دەرس ۋاقتى بىر يىلدا ئاز دېگەندە 175 كۈن بولۇشى، كۈنىگە ئەتتىگىنى 8 دىن چۈشتىن كېيىن 4 كېچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ ئاز دېگەندە 3 سائىتىنى ئىشلىتىلىشى كېرەك.

ئۆي، شەخسى مەكتەپ دەپ قۇرۇلۇپ، شەخسى ۋەدىنامە (Private Affidavit) بىلەن ئۇنىڭدىن باشقا شتاتنىڭ ئاممىۋى ئوقۇتۇش نازارەتچى (State Superintendent of Public Instruction) قاتارلىق ماتېرىياللار تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ بار يوقلۇقى ئانچە مۇھىم ئەمەس.

مۇستەقىل ئۆگىنىش پروگرامما : ئاممىۋى مەكتەپلەردە ئورنى بولغان ئۆي مەكتىپى بولۇپ، ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرى ئاممىۋى مەكتەپلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق ئۆيدە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى چوقۇم بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە تېخنىكىنى مەخسۇس ئۆگىنەي دېگەنلەر بۇ مەكتەپنى تاللايدۇ. ئادەتتە بۇ مەكتەپنى ''Vocational School'' ياكى ''Technical School'' دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىك مەزمۇنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتچان بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز كەسپىدە خىزمەتكە چىقىش ناھايىتى قۇلايلىق. بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ كۆپسانلىقى شەخسى بولىدۇ. ئۇنىڭدا كومپيۇتېر، لايىھە، ھۆسنى تۈزەش، بازار ئىلمى، گۈزەل سەنئەت، سودا، كىنو ئىشلەش، ساياھەتچىلىك، ئەرتىسلىك، مۇزىكا، رەسىمچىلىك، مېھمانخانا باشقۇرغۇچى قاتارلىقلارنى كەسىپ قىلغان كەسىپلەرنى ئۆگىنىدۇ.

ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى 2 يىللىق ياكى 4 يىللىق بولىدۇ. ئاممىۋى Public ئىككى يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنى '' Community College

 ''، شەخسى 2 يىللىق مەكتەپلەرنى '' Junior College '' دەپ ئاتايدۇ. 2 يىللىق ئالى مەكتەپلەرگە ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلار تەيارلىق باكلاۋىرلىق ئۇنۋان (A.A Associate of Arts) نى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار 2 يىللىق ئالىي مەكتەپتە ئاساسلىق دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، 4 يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە نەتىجىلىرىنى يۆتكەپ ئوقۇيدۇ. بۇنداق بۆلىشى 2 يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ئەرزان ھەم مەزمۇنى ئاددىي.

كەسپى دەرىسلىرى كۆپ بولغان 4 يىللىق ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپنى ''University'' ھەم يەككە ئالىي مەكتەپنى ''College'' دەپ ئاتايدۇ. دەرسلىك مەزمۇنى 2 يىللىق ئالىي مەكتەپلەردىن مۇرەككەپ ھەم دەرسلىكمۇ كۆپ بولىدۇ. تەبىئىي پەندە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى (B.S.Bachelor of Science) نى ئېلىش ئۈچۈن، ئىزدىمايى پەندە (B.S.Bachelor of Arts)  ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. ئالىي مەكتەپلەرگە قاراپ ئوقۇش مەۋسۈمى ئىككى مەۋسۈم Semester،  ئۈچ مەۋسۈم (Trimester)،  تۆت مەۋسۈم (Quarter) دەپ ئايرىلىدۇ.

2 مەۋسۇملۇق ئالىي مەكتەپلەر 9-ئاي بىلەن 1-ئايدا دەرس باشلايدۇ. قىشلىق تەتىل بىلەن يازلىق تەتىل ئارىلىقىدىمۇ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ نۇمۇر ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپ.

باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغانلار ئوقۇيدىغان بولۇپ، دەرسلىكنىڭ كەسپىلىگى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ مەكتەپلەرنى ''Graduate School'' ياكى ''Professional School'' دەپ ئاتايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ماگىستىرلىق ئۇنۋانى (Master’s Degree) ياكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى (Doctoral Degree) نى ئالىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى 

http://www.baxtax.cn/matiriyal/silishturma/8195.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#