گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئارىلى
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى گوللاندىيە مۇستەملىكلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جايلار جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ياقىسىدىكى كوراسو ، ئارۇبا ، بونېي ، قاتارلىق ئۈچ ئارال ھەم كىچىك ئانتىل ئاراللىرىنىڭ شىمالىدىكى سان مارتىن ئارىلىنىڭ جەنۇب ، سابا ، سانت ئېيوستاس قاتارلىق ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئاراللىرىنىڭ مەركىزى ۋىللېمىستار شەھىرى. ئاھالىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ(1983) ، بۇ ئاراللار ئىچىدىكى كوراسو ئارىلىغا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى 1499-يىلى كەلگەن. 1634-يىلى گوللاندىيە ئىگىلىگەن. 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئىگىلىگەن. 1816-يىلى قايتا گوللاندىيە ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن، 1954-يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان . ئاھالىنىڭ كۆپىنى نېگىرلار، ئىندىئانلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئاز ساندىكى ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. %82 ئاھالىسى كاتولىك دىنىغا، قالغانلىرى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدالىرى گوللاندىيە تىلىنى قوللىنىدۇ، يەنە ئىنگلىز ئىسپان تىللىرىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ، بىراق يەرلىك خەلقلەر فاپىمەن يەرلىك تىلىنى ئىشلىتىدۇ .
ئانتىلبۇ ئاراللار ئىقتىسادتا نېفىت سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، كوراسو ۋە ئارۇبا ئاراللىرىدا گوللاندىيە ھەم ئا ق ش كاپىتالى بىلەن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ جايدىكى نېفىت ئايرىش سانائەت ئورۇنلىرى ۋېنسۇئېلادىن ئىمپورت قىلغان نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىدۇ. نېفىت ئايرىش سانائىتىدىن باشقا يەنە نېفىت خىمىيە، توقۇمىچىلىق، تاماكا، ئاليۇمىن تاۋلاش، ئېلېكترون قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
ئاراللارنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ھەربىر ئارالدا پورت، ئايرودروم بار. ئارۇبا، سان مارتېن ئاراللىرىدا خەلقئارا ئايرودرومى، كوراسو ئارىلىدا 120 مىڭ توننىلىق پاراخوتلارنى رېمونت قىلىش ئورۇنلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.