سىرتلان

سىرتلان

سىرتلان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، ئوتتۇراھال تەن تېپىغا كىرىدۇ، ئافرىقا، ئەرەب يېرىم ئارىلى، ئاسىيا ۋە ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشايدىغان گۆشخور ھايۋان. 

ئۇيغۇرچە نامى سىرتلان
ئىنگلىزچە نامى Hyena
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى سىرتلان ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鬣狗
تارقالغان رايونلار ئەرەب يېرىم ئارىلى، ئاسىيا ۋە ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈركۈمى
تۈرى چىپار سىرتلان، تاغىل سىرتلان، قوڭۇر سىرتلان، پروتېل بۆرىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىرتلانسىرتلان سىرتلان ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان. بەدەن تىپى ئىت قا ئوخشايدۇ، بوينى ئۇزۇن، ئارقا پۇتى ئالدى پۇتىدىن قىسقا ھەم ئاجىز، بەدىنى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، مۈرىسى ئېگىز، ساغرىسى تۆۋەن؛ ئارقا بويۇن  دۈمبە ئوتتۇرا سىزىقىدا يالى بار؛ چىشى چوڭ بولۇپ، يوغان كونۇسسىمان ئالدىنقى ئېزىق چىشى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئېڭەك قىسمى توم ھەم كۈچلۈك، سۆڭەكنى چىشلەپ ئۈزىۋېتەلەيدۇ. سىرتقى شەكلى سەل ئىتقا ئوخشايدۇ، بېشى ئىتنىڭ بېشىدىن قىسقا ھەم يۇمىلاق، يۇڭ رەڭگى قوڭۇر سېرىق رەڭدە ياكى قوڭۇر رەڭدە، نۇرغۇن تەرتىپسىز قارا قوڭۇر داغلار بار، گەۋدىسى تۆۋەن بولغاچقا، يول مېڭىش ۋە يۈگۈرۈش قىياپىتى ئانچە گۈزەل ئەمەس، ئەمما يۈگۈرۈش تېز، چىداملىق. ئۇنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 50− 60 كىلومېتىر، ناھايىتى ئۇزۇن ئارلىققا يۈگۈرسىمۇ، ئاسانلىقچە ھېرىپ قالمايدۇ. 

تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلباغ شالاڭ دەرەخلىك ئوتلاق ۋە چۆللەردە ياشايدۇ. بەزىلىرى دېڭىز ئەتراپىدا ياشايدۇ، كۈندۈزى قويۇق چاتقاللىق، ئوت-چۆپلەر، تاغ جىنىسلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ.

سىرتلان ئائىلىسى جەمئىي 4 خىل بولىدۇ : چىپار سىرتلان، تاغىل سىرتلان، قوڭۇر سىرتلان، پروتېل بۆرىسى.

تۈر 

سىرتلانسىرتلان ئانا جەمەت جەمئىيىتى سىستېمىسىنى ئاساس قىلىدىغان بۇلۇپ، توپلىشىپ ئوۋ ئوۋلاش ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تەرەققىي قىلغان پۇراش سېزىمى ۋە ساغلام چىشىغا تايىنىپ ئوزۇق تاپىدۇ. چىشىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەركىكىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن % 10 ئەتراپىدا ئېغىر. ھەر قېتىملىق ئوۋ ئوۋلاش ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغاندا 100 كىلومېتىر يىراقلىقتا، يارىلانغان سىرتلان ئۆڭكۈردە قېلىپ زېمىن ۋە سىرتلان بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.

ئوۋ ئوۋلاش

سىرتلانسىرتلان كېچىدە ئۇزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، سىرتلان سائىتىگە 65 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۈگۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغىل ئات ياكى مۈڭگۈزلۈك ئاتنى قوغلاپ يېتىشەلەيدۇ. چىپار سىرتلان يالغۇز ، جۈپ ياكى ئۈچى بىللە ئوۋ ئوۋلايدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن توپ بويىچە قورشاپ ئوۋلايدۇ. يەككە ئوۋغا چىققاندا چوسۇلغا ئېرىشمەك تەس، بەش قېتىم ئىچىدە بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ يامان ئەمەس بۇلىدۇ؛ كۆپىنچە توپلىشىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ، سىرتلان يالغۇز ئوۋ ئوۋلاشقا چىققاندا يېمەكلىك بايقىسا توپنى چاقىرىپ كېلىپ بىرلىكتە ئوۋلايدۇ، توپلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندا ئۆزىدىن چوڭ، كۈچلۈك بولغان يىلپىزنى قورقۇتالايدۇ.

سىرتلان بىر خىل كۈچلۈك ئوتتۇرا تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان ، ئۇلار كوللېكتىپ ھالدا ئاھۇ، تاغىل ئات، مۈڭگۈزلۈك ئات قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئوتخور ھايۋانلارنى، ھەتتا يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى ئافرىقا ياۋا سۇ كالىسى ئۆلتۈرگەن ئوۋلايدۇ.

سىرتلانئەركەك سىرتلان دائىم قۇيرۇقىنى پۇلاڭشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چىشى سىرتلانغا مۇھەببەت ئىزھار قىلدۇ. چىشى سىرتلانلارنىڭ بوغاز بولۇش مەزگىلى 3-3.5 ئاي، ھەر قېتىمدا 4 نى تۇغىدۇ. بالىسى تۇغۇلغاندا كۆزى ئوچۇق بۇلىدۇ، ئېغىرلىقى 1.5 كىلوگىرام ئەتراپىدا، تەخمىنەن 11 ئاي ئۆڭكۈردىن چىقماي ياشايدۇ، مۇشۇ مەزگىلدە چىشى سىرتلان دائىم سىرتقا ئوۋغا چىقىدۇ، شۇ ئارقىلىق بالىسىغا يېتەرلىك سۈت ۋە يېمەكلىك تەييارلايدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تۆت ئاي ئىچىدە، پۈتۈنلەي سۈت ئېمىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىش ئۆسۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ، گۆش يېمەيدۇ. تۆت ھەپتە بولغان چاغدا، دائىم يەر يۈزىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. چىشى سىرتلاننىڭ ھوشيارلىقى يۇقىرى، ھەتتا ئەركەك سىرتلاننىڭمۇ ئۇۋىسىغا يېقىن كېلىشىگە يول قويمايدۇ، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا بەزى ئاچ قالغان ئەركەك سىرتلان بالىسىنى يەپ قويىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#