51-رايون

ئامېرىكا نېۋادا شىتاتىنىڭ جەنوبىدىكى لىنكولىن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى رايون.لاسۋېگاس شەھەر مەركىزىدىن شەرقى جەنوپقا 130 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى بولۇپ، بۇ يەر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئايرۇپىلانلىرىنى تەتقىق ۋە سىناق قىلىدىغان ئورۇن. بۇ يەرنى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر نامەلۇم ئۇچار جىسىم بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇرچە 51-رايون
ئىنگىلىسچە Area 51
تۈرى مەخپى رايون
خەنزۇچە 51区
ئورنى ئامېرىكا
كۆلىمى 155 كۋادىرات كىلومىتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشقى پىلانىتئامېرىكا نېۋادا شىتاتىنىڭ جەنوبىدىكى لىنكولىن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى رايون.لاسۋېگاس شەھەر مەركىزىدىن شەرقى جەنوپقا 130 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى بولۇپ، بۇ يەر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئايرۇپىلانلىرىنى تەتقىق ۋە سىناق قىلىدىغان ئورۇن. بۇ يەرنى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر نامەلۇم ئۇچار جىسىم بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدۇ.

1950-يىلى ئامېرىكا ھەربى تەرەپ نېۋادا شىتاتىدا يادرو سىناق مەركىزى قۇرغاندا 51-رايون بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. ھەربى تەرەپنىڭ خەرىتىسىدە تەجرىبە بازىلىرى سان ئارقىلىق ئىپادىلەنگەچكە «51-رايون » دەپ ئاتالغان.

بۇ بازا ئەتراپىدا دائىم يۇمىلاق شەكىللىك ، ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك ئۇچار جىسىملار پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. بەزى سۈرەت ۋە سىنئالغۇ لېنتلىرى بۇ ھادىسىلەرنى ئسىپاتلىيالايدىكەن. بىر قانچە يىل ئىلگىرى زۇڭتۇڭ بوش بۇ رايوننىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ھازىر بۇ بازا بەش بۇرجەك بىنا ۋە ئامېرىكا ھەربى تەرەپنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشى ئاستىدا. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى ، 10 يىلنىڭ ئالدىدىلا بۇ يەردىن باشقا ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ ئۆتىشى مەنئىي قىلىنغان.

51-رايون لاسۋېگاس شەھىرىدىن 130 كىلومېتىر يىراقلىقتا.« يېشىل ئۆي» مۇشۇ بازىدا دەپ قارىلىدۇ. «يېشىل ئۆي» دەپ ئاتالغان يەر_ دۆلەت رەھبەرلىرى تاشقى پلانت ئادىمىنىڭ توڭلىتىلغان جەسىتىنى كۆرگەن يەر دەپ قارىلىدۇ. ھەربىر زۇڭتۇڭ يېڭى تەختكە چىققاندا بۇ يەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلارمىش. «يېشىل ئۆي»نىڭ ئىچىدە تاشقى پلانت ئادىمىنىڭ جەسىتىلا بولۇپ قالماستىن يەنە نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ پارچىلىرىمۇ بارمىش، بۇ ئۇچار كېمە 1947-يىلى چۈشۈپ كەتكەنىكەن. ناتونۇش ئادەملەرنىڭ بۇ يەرگە كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ھەربىيلەرنىڭ بۇ بازىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىشلارنى ئاشكارلىشى قاتتىق چەكلەنگەن. روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەندىمۇ ، بۇش بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلمىغان.

51-رايوننىڭ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 155 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1350 مېتىر. ئۇ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەشق مەيدانلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئېمىگرانت جىلغىسىنىڭ بىر قىسمى. ئۇ شىمالىدىكى گرۇم تاغ تىزمىلىرى، جەنوبىدىكى پاپوس تاغ تىزمىلىرى، شەرقىدىكى جامبېلېد تېغى ئارىسىدىكى ئويمانلىقىدىكى گرۇم دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇنلىقى 6 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇرۇق كۆلدە (كەڭلىك ئورنى شىمالى كەڭلىك 37 گىرادوس،16 مىنوت،05سىكونت، غەربى مېردىئان 115گىرادۇس47مىنوت58 سىكونت). بېتوندىن ياسالغان ئىككى ئايرۇپىلان يولى بار. 51-رايوننىڭ يېنىدا نېۋادا سىناق بازىسى (Nevada Test Site,NTS )بار . 

مەخپى  ئىشلاربۇ گرۇم كۆلى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئەمەس، ئادەتتىكى خادىملار بۇ يەرگە ئەۋەتىلمەيدۇ. ئۇنى بىر تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىش مەركىزى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئادەتتە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى يېڭى تىپتىكى ئايرۇپىلانلارنى رەسمى ئىشلەتكەندە ئادەتتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلدۇرىدۇ. بىراق بۇ يەردە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لاھىيلىگەن ئايرۇپىلانلار بارلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ ئايرۇپىلانلار بەلكىم تەتقىق قىلىش ۋە مەشق ئۈچۈن ئىشلىتىلسە كېرەك.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىللەردە سوۋىت ئىتتىپاقى سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق بۇ رايوننى سۈرەتكە ئالغان. بىراق ئۇلار پەقەت ئادەتتىكى بىر ھەربى ئىشلار بازىسىنىلا پەرق ئېتەلىگەن، يەر ئاستى بازا توغىرلىق ئاخبىراتلارغا ئېرىشەلمىگەن. كېيىنكى زامانلاردا سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا بۇ بازا ئاز-تولا كېڭەيتىلگەن، لېكىن چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.

U-2 پىلانى

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ يەر توپچى قىسىملارنىڭ مەشق مەيدانى بولۇپ 1955-يىللارغىچە بىكار تاشلىنىپ تۇرغان.Lockhead شېركىتى ( ئامېرىكىنىڭ ئايرۇپىلان، باشقۇرۇلدىغان بومبا ياساش شېركىتى) بۇ يەرنى U-2 تىپلىق ئايرۇپىلان( رازۋېتكا ئايرۇپىلانى )نى تەتقىق ۋە سىناق قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك رايون دەپ قارىغاچقا، بۇ يەردە ۋاقىتلىق بازا قۇرغان. بىرىنچى U-2 تىپلىق ئايرۇپىلان بۇ يەردە 1955-يىلى 8-ئايدا سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇلغان ھەمدە 1956-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن. 1957-يىلى بۇ جاي Plumbbob پىلانى( يادرو پىلانى) جەريانىدىكى رادىئاتسىيە تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇ جاي ۋاقتىلىق تاشلىنىپ قالغان.

U-2 تىپلىق ئايرۇپىلان

قارا قۇش پىلانى

U-2 تېخى پۈتكۈزۈلمەي تۇرۇپلا Lockhead شېركىتى مەزكىزى ئاخبىرات ئىدارىسىنىڭ OXCARTپىلانىغا تۇتۇش قىلدى. بۇ ئايرۇپىلان ئاۋازدىن 3 ھەسسە تېز ئۇچىدىغان رازۋېتكا ئايرۇپىلانى بولۇپ بىز ئادەتتە بىلىدىغان قارا قۇش _SR-71 تىپلىق ئايرۇپىلان ئىدى. قارا قۇشنىڭ A-10、A-11、A-12、RS-71 دەك تىپلىرى بار ئىدى. كېيىن ھۇجۇتقا چىقمىغان YF-12A تىپلىق ھۇجۇمچى ئايرۇپىلانى ۋە D-21 پىلانى بار ئىدى.

Have Blue پىلانىدا تەتقىق قىلىپ چىقىلغان ئايرۇپىلان F-117 نىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1977-يىلى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچۇرۇپ سىناق قىلىندى. بىر يۇرۇش يوقىرى دەرىجىلىك مەخپىيەتلىك بولغان بۇ سىناق ئايرۇپىلانى بۇ يەردە سىناق قىلىندى.1981-يىلىغا كەلگەندە سىناق توختىتىلىپ، F-117 رەسمى ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىدى. كېيىن F-117 تىپلىق ئايرۇپىلانىنىڭ پائالىيەتلىرى يېقىن ئەتراپتىكى Tonopah Test Rangeگە ، كېيىن Holloman ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يۆتكەلدى.

F-117

كىيىنكى ئىشلار

F-117 تىپلىق ئايرۇپىلان 1983-يىلى رەسمى ئىشقا چۈشتى. بۇ بازىدىكى ئۇچۇش يولى توختىماي كېڭەيتىلىدى. نۇرغۇن ئادەم يۆتكەپ كېلىندى. سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان يېقىنقى سۈرەتلەرگە قارىغاندا بۇ يەردە تەخمىنەن 1000دەك ئادەم تۇرۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. 1995-يىلى ئامېرىكا فىدىراتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ بازىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنى ئەتراپتىكى تاغلىق رايونلارغىچە كېڭەيتكەن. بۇ يەردە يەنە يىراقتىن كونتىرول قىلىندىغان ئادەمسىز رازۋېتكا ئايرۇپىلانى D-21 Tagboard، كىچىك تىپتىكى تىك چىقىپ چۈشەلەيدىغان تىرانسپورت ئايرۇپىلانى، ئىز قوغلىغۇچى باشقۇرۇلدىغان بومبا ، شۇنىڭدەك Aurora تىپلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان جاسۇسلۇق ئايرۇپىلانى قاتارلىقلار سىناق قىلىنغان.

51-رايون دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقىلى 30 يىلدىن ئاشتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن 

بۇ بازا ۋە ئۇنىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربى پائالىيەتلەر توغىرسىدا بايانات ئېلان قىلىپ باقمىدى. بەزەن بىر قىززىققۇچىلار ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى بۇ يەرگە يىغىلىپ، تاشقى پىلانت ئادىمى،ZFپىلانى دىگەندەك تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. 1986-يىلى يازدا شۇ يەرلىك كىشىلەر يەرنىڭ تىترىگەن غەلىتە ئاۋازىنى ھەر پەيشەنبە ئەتىگەن سائەت 7 دە ئاڭلاپ تۇرغان. ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى بۇ جاي UFO ھەۋەسكارلىرى تەلپۈنىدىغان سىرلىق جاي بولۇپ كەلدى. سىرتتىن قارىماققا بۇ جاي ئادەتتىكى بىر ئايرۇپىلان سىناق بازىسى. لېكىن بۇ يەردە مەخپى بولغان ئۇچار جىسىملارنىڭ سىناق قىلىنغان ۋە بەزىبىر غەلىتە ھادىسىلەر بولغاچقا، بۇ جاي UFO نى تەتقىق قىلىدىغان ۋە مەخپى پىلان ئېلىپ بېرىلىدىغان سىرلىق ئورۇن دەپ قارالماقتا.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا 51-رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىرلىق ئىشلار:

پاچاقلانغان تاشقى پىلانت ئۇچار كېمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورۇن

سىرتقى ئالەم جانلىقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇن

ئالاھىدە ھاۋارايى قوراللىرى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قوراللار تەتقىق قىلىندىغان ئورۇن

بەزىلەر بۇ ئورۇندا غايەت زور يەر ئاستى بازىسى بولغان، بۇ جايدىكى يوقىرى دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكلەر 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا يۇتا شىتاتىدىكى بازىغا يۆتكەپ كېتىلگەن. بۇ يەر پەقەت كىشلەرنىڭ دىققىتىنى بۇرايدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغان خالاس دەپ ھېساپلايدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#