تەۋەككۇل كارمان

تەۋەككۇل كارمان

تەۋەككۇل كارمان ئايال، 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ يەمەننىڭ  سىياسىئونى، يەمەن ئەل-ئىسلاھ (Al-Islah) سىياسي پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى، 2005-يىلى كىشەنسىز ئايال مۇخبىرلار تەشكىلاتى (WJWC) نى قۇغان ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تەۋەككۇل كارمان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
كەسپى سىياسىئون
ئەرەپچە ئىسمى توكل كرمان
دۆلەت تەۋەلىكى يەمەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەۋەككۇل كارمان ئايال، 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، تەۋەككۇل كارمان يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى تەئىز شەھرىدە تۇرىدۇ. دادىسى ئىلگىرى پرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللا سالىھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۈچ پەرزەنتى بار.

2005-يىلى تەۋەككۇل كارمان ، يەمەننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بولۇپمۇ «ئەركىن ئىپادىلەش ۋە دېمۇكراتىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش» ئۈچۈن كىشەنسىز ئايال مۇخبىرلار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى قۇردى. ئۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ گېزىتى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇچۇر باشقارمىسى چىقارغان WJWC نىڭ قۇرۇلىشىنى چەكلەشنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار تېلېفون ۋە خەت-چەك ئارقىلىق «تەھدىت ۋە قىزىقتۇرۇش» ئېلىپ بارغان.

2007-يىلدىن 2010-يىلغىچە، تەۋەككۇل كارمان دائىم خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سانا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدىكى ئەركىن خەلق مەيدانىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

2011-يىلى، يەمەندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا، تەۋەككۇل كارمان سانادىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئەلى ئابدۇللا سالىھ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇشقا تەشكىللىگەن.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان قولغا ئېلىنىپ، 30 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان يەنە بىر قېتىم «غەزەپلىك كۈن» نامىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان بىر قېتىملىق نامايىشتا يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنغان. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكىتى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن «خەلق ۋە كۈچ«(People and Power) تېمىسىدىكى خاتىرە فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن.

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، تەۋەككۇل كارمان بىلەن ئېلىن جونسون سېرلىف ۋە لېيماخ گبوۋى «خانىم-قىزلارنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ تىنچلىق قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق بولمىغان كۈرەش» نامىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2011-يىلى 32 ياشلىق تەۋەككۇل كارمان تارىختا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياش ساھىبى بولۇپ قالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#