تېرىگە ئېلىپ داۋالاش دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ()
  2. تېرىگە ئېلىپ داۋالاش (تىبابەت)

تېرىگە ئېلىپ داۋالاش

 ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تېخنىكا تەلەپ قىلمايدۇ. كۆرگەن، ئاڭلىغان ئۇسۇل بويىچە كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئائىلىلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تېخنىكا تەلەپ قىلمايدۇ. كۆرگەن، ئاڭلىغان ئۇسۇل بويىچە كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئائىلىلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ.

تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قاچانلاردىن باشلانغانلىقى ھەققىدە يازما ماتېرىياللار كۆپ ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغانلىقىغا قاراپ، ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىنسانلار ئوۋچىلىق دەۋرىدە ھايۋانلارنىڭ زەربىسىدىن دائىم يارىلىنىپ تۇرغان. يەنە كېلىپ ئۇلار ئۆزلىرى ئوۋلىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئۈستىباش قىلىشقان. شۇ جەرياندا تېرىنىڭ بىر قىسىم ئېغىر زەخىملەرگە شىپا قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە بارا – بارا ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەن. قايسى ھايۋان تېرىسىنىڭ قانداق كېسەلگە شىپاھ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان.

قوي تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاش

 قوي تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاشتا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. 1) تۇغۇتلۇق ئايالنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش. ئايال يەڭگىش جەريانىدا ئۇستىخانلىرى ئاجرايدۇ، زەخىملىنىدۇ. ئىششىق پەيدا بولىدۇ. تېرىنىڭ ئاجرىغان، زەخىملەنگەن ئۇستىخاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زەخىملەنگەن ئورۇنغا يىغىلىپ قالغان زەردابنى سۈمۈرۈش، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىز تۇغۇتلۇق ئايالنى تېرىگە ئېلىش ئارقىلىق ئەسلىگە كېلىشنى تېزلەتكەن. تۇغۇتلۇق ئايالنى تېرىگە ئېلىشتا ئايال يەڭگىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تېرىگە ئېلىنىدۇ. تېرىگە ئېلىش ئۇسۇلى مۇنداق: بىر ياشتىن ئاشقان قوينى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى تېز ئاجرىتىۋېلىپ تېرە يۈزىگە سېرىق چېچەك، كاۋاۋىچىن، بوزۇرغا قاتارلىق تەبىئىتى ئىسسىق دورا – دەرمەكلەرنى سېپىپ، تېرىنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۇستىخىنىغا يېپىپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن تېرە ئېلىۋېتىلىدۇ. ئايال تېرىنىڭ ئىچىدە تۇرغان مەزگىلدە تەرلەيدۇ. تېرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى روھلۇق، يېنىك ھېس قىلىدۇ. پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. تېرىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، دورا – دەرمەكلەرنىڭ تەبىئىتى بىلەن بىرلىشىپ تېرىنىڭ ھارارىتى ئاشىدۇ. ئۇنىڭ كېسەلگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق.

زەخىملەنگەن ئورۇننى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش

ئادەتتە كىشىلەر يېقىلىپ چۈشۈش، تاياق زەربىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تاسادىپىي ۋەقەلەر تۈپەيلى بەدىنى ئېغىر زەخىملەنگەندە ئوخشاشلا قوي تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئەمما بۇنداقلارنى تېرىگە ئالغاندا تېرە يۈزىگە ھېچقانداق دورا – دەرمەك سېپىلمايدۇ. قىزىق تېرە ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، زەخىمنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئېغىر زەخىملەنگەن كىشىلەر ئائىلىلەردە دەرھال تېرىگە ئېلىنىپ، ئاندىن سىرتتىن دورا سۈركەپ تېڭىلسا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.

سۇنۇقنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش

تۇرمۇشتىكى تاسادىپىيلىقلار تۈپەيلىدىن ئادەمنىڭ سۆڭەكلىرى سۇنىدىغان ياكى سۆڭەك ئورنىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بەدەن تېز ئىششىيدۇ، كۆكىرىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلگەندە قوي ئۆلتۈرۈپ، ئىسسىق تېرىنى سۇنغان ياكى ئاجراپ كەتكەن جايغا يۆگەپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزسا ئىششىق يېنىپ كۆك يوقايدۇ. ئاندىن سۇنغان ياكى ئاجرىغان سۆڭەك جايىغا كەلتۈرۈلۈپ تېڭىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا سۇنۇق تېز ئەسلىگە كېلىدۇ.

ئوغلاق تېرىسىگە ئېلىش

ئوغلاق تېرىسى بۆرەك كېسىلىنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى. ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا ئوغلاق تېرىسىنىڭ بۆرەك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئائىلىدە داۋالاپ ساقايتقان. بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالاشتا تۇغۇلغىنىغا دەل 40كۈن بولغان ئوغلاقنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى تېز ئاجرىتىۋېلىپ، ئوغلاقنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى تېرىنىڭ يۈزىگە تۆكۈپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى چېچىلغان يەرنى غول ئومۇرتقىسىنىڭ ئاغرىغان يېرىگە مەھكەم چاپلاپ تېرىنى بەلدىن ئايلاندۇرۇپ يۆگەپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ ئاندىن ئېلىۋەتسە، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش سەۋەبىدىن بولغان بەل ئاغرىقىغا تېز شىپا قىلىدۇ.

قارا قوينىڭ تېرىسىگە ئېلىش

 قارا قوينىڭ قۇياش نۇرىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قارا قوينىڭ گۆشى، جىگىرى، تېرىسىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، سوغۇقى ئېشىپ كېتىشتىن بەل، قول – پۇتلار ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ. قارا قوينىڭ تېرىسىگە ئېلىنسا، قاننى قىزىتىپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قارا قوينىڭ تېرىسىنىڭ تەبىئىتى باشقا ئاق ياكى بوز قويلارنىڭ تېرىسىگە قارىغاندا تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.

تاي تېرىسىگە ئېلىش

تاي تېرىسىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ئاساسەن ئوتتۇرا ياش ئاياللارغا ئىشلىتىلىدۇ. بەدىنى سوۋۇپ كەتكەن، پالەچ، لەقۋا كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنى تاي تېرىسىگە ئالسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. يەنى تۇغۇلغىنىغا 100 كۈن ئەتراپىدا بولغان تاينى ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى تېز سۈرئەتتە ئاجرىتىۋېلىپ يۇقارقىدەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنى تېرىگە ئالسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بەدەننى قىزىتىدۇ، ياشارتىدۇ. ئەمما تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئايلىقتىن ئېشىپ كەتكەن تاينىڭ تېرىسىنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا تاي تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاشتا تاينىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئىت تېرىسىگە ئېلىش

 ئىت تېرىسىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە سوغۇقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قېلىش، ئولتۇرۇپ قېلىش، بەدەننىڭ سېزىمى بولماسلىق قاتارلىق ئاغرىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما ئىت تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاش ناھايىتى ئاز قوللىنىلىدۇ. چۈنكى، كېسەلنىڭ خاراكتېرى ئېنىق ئايرىلماي، ئىسسىق مىجەز كىشىلەر ئىت تېرىسىگە ئېلىنسا، دەرھال ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭا ئىت تېرىسىگە ئېلىپ داۋالاشتا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.

 توشقان تېرىسىگە ئېلىش

توشقان تېرىسىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، سۇنۇپ كەتكەن، زەخىملەنگەن ئورۇنغا توشقان تېرىسىنى ياپسا ئىششىقنى ياندۇرۇپ، زەخىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆكنى يوقىتىدۇ. توشقان تېرىسى ئاساسەن بالىلاردىكى سۇنۇق، زەخىمگە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە بالىلارنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا، قوي تېرىسىگە ئالسا ئېغىر كېلىدۇ.

توخۇ تېرىسىگە ئېلىش

توخۇ تېرىسىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، ئاساسەن كۆيۈك يارىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە قايناق سۇ، ھور ۋە ئوتتا كۆيگەن يەرنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ كېتىش، ھۈررەك بولۇپ قېلىش، شەلۋەرەپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا توخۇنى ئۆلتۈرۈپ پەيلىرىنى يۇلۇۋېتىپ، تېرىسىنى ئاجرىتىۋېلىپ كۆيۈككە چاپلىسا كۆيۈك تېز ساقىيىدۇ ۋە كۆيۈك ئورنى تاتۇق بولۇپ قالمايدۇ. ئەجدادلىرىمىز توخۇ تېرىسىنىڭ بۇنداق شىپالىق رولىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىلەردە يۈز بېرىدىغان كۆيۈك يارىسىنى داۋالىغان. بۇ ئۇسۇل ھازىرمۇ يېزىلاردا قوللىنىلماقتا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#