كايسار

رىملىق مەشھۇر ھەربىي قوماندان، سىياسىئون كايسار مىلادىدىن 100-يىل بۇرۇن توغۇلغان. ئەينى مەزگىلدە رىم ئىمپېرىيىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا ئىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كايسار
باشقا نامى Gaius Julius Caesar/Jules César
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 102-يىلى
كەسپى ھەربىي قوماندان، سىياسىئون
خەنزۇچە ئىسمى 盖乌斯·尤利乌斯·恺撒
دۆلەت تەۋەلىكى رىم
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 44-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كايساررىملىق مەشھۇر ھەربىي قوماندان، سىياسىئون كايسار مىلادىدىن 100-يىل بۇرۇن توغۇلغان. ئەينى مەزگىلدە رىم ئىمپېرىيىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا ئىدى. 

مىلادىدىن Ⅱ ئەسىر ئىلگىرى، رىملىقلار پوئېنى ئۇرۇشىدا كارفاگىننى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، كەڭ كۆلەمدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۈيۈك رىم ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش داۋامىدا نۇرغۇن بايلىق ۋەيران قىلىۋېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رىمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، نۇرغۇن دېھقانلار ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلى كىچىك بىر شەھەرنىلا ئىدارە قىلىدىغان رىم سېناتىنىڭ بۇنداق چوڭ ئىمپېرىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قۇدرىتى يەتمەي قالدى. ئۇنىڭ ئۇۈستىگە سىياسىي جەھەتتىن چىرىكلىشىش پۈتۈن ئوتتۇرا دېڭىز تەۋەسىدە ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە، رىم سېناتى بۇنى ئوڭشاشقا ئامالسىز قالدى. 

كايسار رىم دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ھۆكۈمەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن تۇنجى سىياسىي داھىي ئىدى.

كايسار رىمدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ ياشلىق دەۋرىدىلا سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئىشتىياق باغلىغانىدى. كايسار 42 يېشىدا رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى، مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۈچ مەمۇرىي ئۆلكىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، قول ئاستىدا 20 مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن بار ئىدى. 

مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرىدىن مىلادىدىن 51 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقتا، كايسار بۇ قوشۇندىن پايدىلىنىپ گاللىيىگە ھۇجۇم قوزغىدى ھەمدە ئۇنى بويسۇندۇردى، ئەينى يىللاردىكى گالىيە، فرانسىيە، بىلگىيە ۋە شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيىلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. گەرچە كايسارنىڭ قوشۇنىدىكى ئادەم سانى دۈشمەننىڭكىدىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى، ھەربىي ئىشلاردىكى تەدبىرىگە تاينىپ، گاللىيىنىڭ بارلىق زېمىنىنى رىم ئىمپېرىيىسىگە كىرگۈزۈۋالىدۇ. كېيىن كايسار ئىككى قېتىم ئەسكەر تارتىپ چىقىپ برىتانىيىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنى بويسۇندۇرىدۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت ئىگىلەپ تۇرالمايدۇ. 

كايساركايسارنىڭ غەلبىسى رىم سېناتىدىكى سىياسىي رەقىبلىرىنى ئالاقىزادە قىلىدۇ، شۇڭا كايسارنىڭ يالغۇز قايتىپ كېلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كايسار سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، روبىكون دەرياسىدىن ئۆتۈپ رىمغا قايتىدۇ. سېناتقا قاراشلىق قوشۇنلار بىلەن قىلغان تۆت يىللىق ئۇرۇشتا كايسار ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىدۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك ئىستىبداتقا تەيىنلىنىدۇ. مىلادىدىن 44 يىل بۇرۇن 2-ئايدا ئۇنىڭغا تاج كىيگۈزمەكچى بولغاندا، ئۇ رەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۈنۈملۈك، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق دەل رىم ئىمپېرىيىسىگە زۆرۈر بولغان ھۆكۈمرانلىق؛ ئۆزىنى بولسا دەل بۇ خىل ھۆكۈمرانلىقنىڭ ۋەكىلى دەپ ھېسابلايتتى. بىراق ئۇنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى ئۇنىڭدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، كايسار سېناتىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىۋاتقاندا سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

كايسار ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىسلاھات پىلانلىرىنى تۈزۈپ، قېرى ئەسكەرلەر بىلەن رىمدىكى نامرات پۇقرالارنى ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بەزى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى رىم گراژدانلىقىغا كىرگۈزگەن ھەمدە ئىتالىيە شەھەرلىرىنىڭ يەرلىك مەمۇرىي تۈزۈملىرىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىغان. يەنە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش پىلانىنى بېكىتكەن. لېكىن رىمنى ئىدارە قىلىش ئاساسىي قانۇن-تۈزۈملىرىنى بېكىتىلمىگەنىدى، مانا بۇ دەل ئۇنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىدى.

كايسار بىر سىياسىي داھىي. شۇنداقلا خەلق سۆيىدىغان، مەنىۋى كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىدى. ئۇ ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سىياسىئون ئىدى، ھەم ئىقتىدارلىق ھەربىي قوماندان ئىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە زېرەك، پاساھەتلىك ناتىق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ جەڭ كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلەپ يازغان «گاللىيە ئۇرۇشى خاتىرىلىرى» لاتىن كلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى بىرى دەپ قارىلىدۇ، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر كىتاب ئاقىشقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن، كىتابخانى ئەڭ كۆپ بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#