داخىي قەدىمىي شەھىرى
داخىي قەدىمىي شەھىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، شىنجاڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى داخې بازىرى دوڭتوۋچۈ كەنتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
داخىي قەدىمىي شەھىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، شىنجاڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى داخې بازىرى دوڭتوۋچۈ كەنتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتىر. پەس تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، سۇ مەنبەسى مول، يېرى مۇنبەت، تېرىقچىلىققا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى نىڭ جىڭلۇڭ يىللىرىدا بۇ ئارا تۈرۈكتكى ھەربىيلەر تۇرۇشلۇق جاي.
ھازىر قومۇل ۋىلايىتى دىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بولغان خارابە. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1644 مېتىر. شەھەر چاسا شەكىلدە بولۇپ، ئاساسىي شەھەر ۋە كونا شەھەردىن تەركىب تاپقان. ئىككى شەھەر غەربكە قاتار سېلىنغان، ئۆزئارا پەقەت بىرلا تام ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر ئىشىك بولۇپ ئۆز-ئارا ئۆتۈشكىلى بولىدۇ.
خاڭدالغان توپا بىلەن ياسالغان، خاڭدالغان تام قاتلىمنىڭ قېلىنلىقى 10 ~ 15 سانتىمېتىر. ئاساسىي شەھەرنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 210 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 180 مېتىر. سېپىلىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتىر، كەڭلىكى 12 مېتىر كېلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.