كابۇل
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر دېڭىز يۈزىدىن 1950 مېتىر ئېگىز بولغان تەكشىلىككە جايلاشقان. شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ يېنىدىن ھىندى دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى بولغان كابۇل دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليونغا يېتىدۇ(1984) ، كابۇل 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. بۇ شەھەر 16-ئەسىردىن باشلاپلا سىياسىي مەركەز بولغان، 1773-يىلدىن باشلاپ ئافغانىستاننىڭ مەركىزى بولغان.
كابۇل شەھىرى ئافغانىستان مۇستەقىلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن كېڭەيتى، شەھەردە زامانىۋى قۇرۇلۇشلار قۇرۇلدى. ھازىر بۇ جايدا ھەربىي قورال-ياراغ زاۋۇتى، سۈنئىي ئىلمە-توقۇلما زاۋۇتى، سۇلياۋ، پاختا، يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش زاۋۇتى، ئەينەك زاۋۇتى، يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتلىرى بارلىققا كەلدى. كابۇل ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ جايدا كابۇل داشۆسى قاتارلىق بىرقانچە ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، مۇھىم تارىخىي ئورۇنلار، ئاتالىق مەسچىتلەر بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.