ئاپتاپپەرەس گۈلى
ئاپتاپپەرەس گۈلى ئاپتاپپەرەسنىڭ گۈلى بولۇپ، «ئاپتاپپەرەس گۈلى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ھامىلە چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
گۈلنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىنى توشقاننىڭ قۇلىقىغا تېمىتسا، قان تومۇرنى كېڭەيتىش تەسىرىنى بېرىدۇ. مۈشۈكنىڭ تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىنسا قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، توشقان ۋىناسىغا ئوكۇل قىلىنسا نەپەسنى قوزغىتىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، كىچىك ئۈچەينىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭ تىنكتۇرسى (ئىسپىرتلىق چىلانمىسى) قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ.
1. ئاپتاپپەرەس گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، مۇپاسىل ، يانپاش ئاغرىقى ، خانازىر قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. گۈلى سوسەن ، ھەمىشىباھار، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنىڭ ھۆل گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ، مۇپاسىل ، يانپاش ئاغرىقى، خانازىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. زاراڭزا گۈلى ، ئاپتاپپەرەس گۈلى ، چىلان، ئاق سەندەل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ ، 7 گرام بىنەپشە بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇدا 10 ~ 20 مىنۇت دەملەپ ئىچىپ بەرسە يۇقىرى قان بېسىمغا پايدا قىلىدۇ. 4. ئاپتاپپەرەس گۈلى، زاراڭزا گۈلىدىن 100 گرام ، كۈنجۈتتىن 20 گرام ، سانادىن 15 گىرام ، بىنەپشىدىن 10 گرام ئېلىپ، قائىدە، بويىچە دەملەپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمىدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە ، ھەيىز نى راۋان قىلىدۇ. ھامىلە چۈشۈرىدۇ.
ھەيىزنى راۋانلاشتىرۇش شەربىتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.