IP كارتوچكىلىق تېلېفون

IP كارتوچكىلىق تېلېفون

IP كارتوچكىلىق تېلېفون، يەنى تورلۇق تېلېفون ياكى ئىنتېرنېت تېلېفون-ئىنتېرنېتتىكى ئاۋاز يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان يېڭى بىر خىل ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى.

ئۇيغۇرچە نامى IP كارتوچكىلىق تېلېفون
ئىنگلىزچە نامى VoiceoverInternetProtocol
ئىنگلىزچە قىسقارتىلما نامى VoIP
خەنزۇچە نامى IP电话
خەنزۇچە باشقا نامى 网络电话、互联网电话等

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىگنال يەتكۈزۈش 

IP كارتوچكىلىق تېلېفونلارIP كارتوچكىلىق تېلېفون، يەنى تورلۇق تېلېفون ياكى ئىنتېرنېت تېلېفون-ئىنتېرنېتتىكى ئاۋاز يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان يېڭى بىر خىل ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى. بۇ-ئاۋاز يوللىغۇچى تەرەپنىڭ ئاۋاز سىگنالى رەقەملەشتۈرۈلۈپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق سىگنال قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە يەتكۈزىدىغان، سىگنال قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ قوبۇل قىلغان سانلىق مەلۇماتنى يېشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەقلىدىي سىگنالغا ئايلاندۇرۇلغان قوش يۆنىلىشلىك ئاۋاز ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان جەريان. بۇنداق ئالاقىلىشىشتە قوللىنىلىدىغان تېخنىكا تور بەلبېغىنىڭ بەك كەڭ بولۇپ كېتىشىنى تېجەپ، تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا IP كارتوچكىلىق تېلېفون ئارقىلىق ئابۇنچىلارنى تېخىمۇ تېجەشلىك بولغان تېلېفون مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

IP كارتوچكىلىق تېلېفون تور ئۆتكىلى، ئۆتكەل ساقلىغۇچ ۋە ئارقا سۇپىدىكى مۇلازىمەتچىدىن تۈزۈلگەن بىر سىستېما.

تور ئۆتكىلى IP تورىنى سۆھبەتلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاۋاز تور ئۆتكىلىدە رەقەملەشتۈرۈلۈپ، كودلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يېتىپ بارماقچى بولغان يەنە بىر ئۇچتىكى تور ئۆتكىلىدە ئەسلىدىكى ئاۋاز سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، تېلېفون تورىغا ئۇلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئۇلىنىش ئېغىزى

پروگرامما تۈزۈلىشىتور ئۆتكىلى ئۆلچەملىك ئۇلىنىش ئېغىزى ئارقىلىق ئۆتكەل ساقلىغۇچقا ئۇلىنىدۇ. ئۆتكەل ساقلىغۇچ سىستېما كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ سىستېمىدا ھالقىلىق ئىقتىدارنى بېكىتىش، مۇندەرىجە يولى، چاقىرىشنى تىزىملاپ ھېسابلاش ۋە ھەق ھېسابلاش قاتارلىق پىروگراممىلارنى ئىجرا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئارقا سۇپىدىكى مۇلازىمەتچى ئارقىلىق تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە چاقىرغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئاۋاز يېتىپ بارىدىغان تور ئۆتكىلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئۇلىنىش ئېغىزىنى چالايدۇ.

ئارقا سۇپىدىكى مۇلازىمەتچى-تېلېگراف كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاماقلار تەمىنلىگەن، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسىغا جايلاشقان ئارقا سۇپىدا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان بىر يۈرۈش زاپچاس بولۇپ، ئۇچۇر توپلاش ۋە تەمىنلەشتە ئىشلىتىلىدۇ.

گەرچە IP تېلېفوننىڭ باھاسى ئەرزان بولسىمۇ ، لېكىن بىر قىسىم تېخنىكا مەسىلىسىنى  ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش 

يېتەرسىز بولغانلىق سەۋەبىدىن ئاۋاز سۈپىتىنىڭ يېتەرلىك ياخشى بولماسلىق ، ئىشلىتىش قولايسىز بولۇشتەك 

كەمچىلىكلەر مەۋجۇت .

1. IP ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن بولىدىغان ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ.

2. QoS قا كاپالەتلىك بېرەلمەسلىكى ، ئاۋاز ئۈنۈمىنى قوبۇل قىلالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

3. بەلباغ كەڭلىكى قوللىنىشنى چەكلەپ قويۇش ، ئۇلاش ۋاسىتىلىرىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق .

4. يۇمشاق دېتال ئۆلچىمى  H.323 نىڭ تالاش - تارتىشى ناھايىتى كۆپ .[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

IP كارتوچكىلىق تېلېفوننىڭ كەمچىلىكى 

http://baike.baidu.com/view/21713.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

IP كارتوچكىلىق تېلېفون

http://baike.baidu.com/view/21713.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#