ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش نىزامى

ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش نىزامى
ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش نىزامى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ قانۇنلۇق، بىخەتەر بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، قانۇنسىز ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن، نىزام. 

ئۇيغۇرچە نامى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش نىزامى
ئېلان قىلىش ۋاقتى 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋاقتى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
خەنزۇچە نامى 麻醉药品和精神药品管理条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 442-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 442-نومۇرلۇق پەرمانى   

«ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش نىزامى» 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 100-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى. 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2005-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بۇ دورىلارنىڭ قانۇنلۇق، بىخەتەر ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، قانۇنسىز ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، دورا باشقۇرۇش قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىش، ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىقلاردا شۇنىڭدەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىيدورىلار ناركوز دورىلىرى كاتالوگى، روھىي دورىلار كاتالوگى (تۆۋەندە كاتالوگ دېيىلىدۇ)گە كىرگۈزۈلگەن دورىلار ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ. روھىي دورىلار 1-خىلدىكى روھىي دورىلار ۋە 2-خىلدىكى روھىي دورىلار دەپ ئايرىلىدۇ.

كاتالوگنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەييارلايدۇ،تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

بازاردا سېتىلغان بولسىمۇ كاتالوگقا كىرگۈزۈلمىگەن دورىلار ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار ياكى 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپ پەيدا قىلغاندا ياكى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە شۇ دورىلارنى ۋە شۇ ماددىي بۇيۇملارنى ۋاقتىدا كاتالوگقا كىرگۈزۈشى ياكى 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى 1-خىلدىكى روھىي دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

4-ماددا دۆلەت ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى شۇنىڭدەك ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تىزگىنلەيدۇ. بۇ نىزامدا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش شۇنىڭدەك ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە –تەتقىق قىلىش، ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى مەملىكەتنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى قانۇنسىز ئىشلىتىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ مەمۇرىي رايوندا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى قانۇنسىز ئىشلىتىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار ۋە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ساھە جەمئىيىتىگە قانۇن بويىچە قاتناشسا بولىدۇ، ساھە جەمئىيىتى ئۆزىنى قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك.

2-باب تېرىش، تەجرىبە قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەش

7-ماددا دۆلەت ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى داۋالاش، دۆلەت زاپاس ساقلاش ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان خام ئەشيا ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىدۇ، ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەشتە ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارغا بولغان ئومۇمىي ئېھتىياجغا قاراپ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تۈزىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش يىللىق پىلانىنى ناركوز دورىلىرىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانىغا ئاساسەن تۈزىدۇ.

8-ماددا ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىيدىغان كارخانىلار ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىللىق تېرىش پىلانى بويىچە تېرىشى كېرەك.

ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان كارخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا تېرىش ئەھۋالىنى قەرەللىك مەلۇم قىلىشى كېرەك.

9-ماددا ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان كارخانىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بىرلىكتە بېكىتىدۇ، باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

10-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك:

(1) داۋالاش، ئىلمىي تەتقىقات ياكى ئوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىش؛

(2) تەجرىبىگە كېرەكلىك ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(3) ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى زەھەر چەكلەشكە دائىر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئىككى يىلغىچە خىلاپلىق قىلمىغان بولۇش.

11-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىدىغان ئورۇنلار دورا تەستىق-ئىسپات ھۆججىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۆتۈنىدىغانلار گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

12-ماددا دورا تەتقىق قىلىدىغان ئورۇنلاردىن ئادەتتىكى دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن تىزگىنلىنىدىغان دورىنى چىقىرىپ قويغانلىرى تەجرىبە ۋە تەتقىقاتىنى دەرھال توختىتىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ئەھۋالىغا قاراپ، تەجرىبىنى ۋە تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىق ھەققىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.

13-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى كلىنىكىدا تەجرىبە قىلىشتا، ساغلام ئادەملەرگە تەجرىبە قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

14-ماددا دۆلەت ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى بېكىتىلگەن ئورۇندا ئىشلەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى نازكوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار ئومۇمىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەيدىغان كارخانىلارنىڭ سانى ۋە جايلىشىشىنى بېكىتىدۇ ھەمدە يىللىق ئومۇمىي ئېھتىياج مىقدارىغا قاراپ سانى ۋە جايلىشىشىنى تەڭشەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

 15-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەيدىغان كارخانىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى بولۇش؛

(2) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىش تەستىق ھۆججىتى بولۇش؛

(3) بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەيدىغان ئەسلىھەسى، ساقلاش شارائىتى ۋە مۇناسىپ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئەسلىھەسى بولۇش؛

(4) كارخانىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى تور ئارقىلىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرىنى تور ئارقىلىق مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى بولۇش؛

(5) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى بىخەتەر ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(6) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى بىخەتەر ئىشلەش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە تىجارەت كۆلىمى بولۇش؛

(7) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەشنى باشقۇرۇش ۋە سۈپىتىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خادىملىرى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇشقا شۇنىڭدەك زەھەر چەكلەشكە دائىر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارنى پىششىق بىلىدىغان بولۇش؛

(8) ساختا، ناچار دورىنى ئىشلىمىگەن، ساتمىغان ياكى زەھەر چەكلەشكە دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىغان بولۇش؛

(9) گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ئېلان قىلغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار ئىشلەيدىغان كارخانىلارنىڭ سانى ۋە جايلىشىش جەھەتتىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

16-ماددا ناركوز دورىلىرى، 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئىشلەيدىغان شۇنىڭدەك 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنىڭ خام ئەشيا دورىسىنى ئىشلەيدىغان كارخانىلارنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى تەستىقلىشى كېرەك؛ 2-خىلدىكى روھىي دورا ياسالمىسىنى ئىشلەيدىغان كارخانىلارنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى تەستىقلىشى كېرەك.

17-ماددا ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەشتە، دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دورا تەستىق ھۆججىتى نومۇرى ئېلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى مېدىتسىنا، دورىگەرلىك، سوتسىيولوگىيە، ئېتىكا ۋە زەھەر چەكلەش جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشى، بازارغا تۇنجى سېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ ئىجتىمائىي خەۋپى ۋە كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى باھالىشى ھەمدە تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

دورا تەستىق ھۆججىتى نومۇرى ئالماي تۇرۇپ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەشكە يول قويۇلمايدۇ.

18-ماددا زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەنلىكتىن، ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى نورمال ئىشلىيەلمىسە ياكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى دورا ئىشلەيدىغان باشقا كارخانىلارنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلىشىنى ۋاقتىدا قارار قىلىشى كېرەك.

19-ماددا ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەشنى ئورۇنداشتا، يىللىق ئىشلەش پىلانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا ئىشلەش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشىكېرەك.

20-ماددا ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى شۇ دورىلارنى تىجارەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە كارخانىلارغا ياكى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلانغان باشقا ئورۇنلارغا سېتىشى كېرەك.

21-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ يارلىقىدا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بېكىتكەن بەلگە بولۇشى كېرەك.

3-باب تىجارەت قىلىش

22-ماددا دۆلەت ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى بېكىتىلگەن ئورۇندا تىجارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا بولغان ئومۇمىي ئېھتىياجغا قاراپ، ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى بېكىتىلگەن ئورۇندا توپ ساتىدىغان كارخانىلارنىڭ جايلىشىشىنى بېكىتىشى ھەمدە يىللىق ئومۇمىي ئېھتىياجغا قاراپ، كارخانىلارنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشىشى ۋە ئېلان قىلىشى كېرەك.

دورا تىجارەت كارخانىلىرى ناركوز دورىلىرىنى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنىڭ خام ئەشيا دورىسىنى تىجارەت قىلسا بولمايدۇ. لېكىن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان دورىلاردىن داۋالاش، ئىلمىي تەتقىقات، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان كىچىك ئورولۇقلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بېكىتكەن دورا توپ سېتىش كارخانىلىرى تىجارەت قىلسا بولىدۇ.

23-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلار دورا باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دورا تىجارەت كارخانىلىرىنى قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغاندىن باشقا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىمۇ ھازىرلىشى كېرەك.

(1) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ساقلاش شارائىتى بولۇش؛

(2) كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تور ئارقىلىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تىجارەت ئۇچۇرىنى تور ئارقىلىق مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى بولۇش؛

(3) ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى زەھەر چەكلەشكە دائىر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئىككى يىلغىچە خىلاپلىق قىلمىغان بولۇش؛

(4) گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ئېلان قىلغان توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلارنىڭ جايلىشىشى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلار مەسئۇلىيەت رايونى دائىرىسىدە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئېھتىياجلىق ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى ھەمدە ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى بىخەتەر تىجارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇشى كېرەك.

24-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى توپ ساتىدىغان كارخانىلار (تۆۋەندە مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانا دېيىلىدۇ) گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك؛ شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى توپ ساتىدىغان كارخانىلار (تۆۋەندە رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانا دېيىلىدۇ) شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى مەخسۇس توپ ساتىدىغان كارخانىلار شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ۋە رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى توپ ساتسا بولىدۇ.

25-ماددا مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلارغا ياكى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە تەستىق بىلەن ئېرىشكەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا شۇنىڭدەك بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلانغان باشقا ئورۇنلارغا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ساتسا بولىدۇ.

مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى سېتىشتا، داۋالاش ئاپپاراتى بار جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلارنى تەستىقلاشتا، دورا بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان رايوننى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

26-ماددا رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ساتسا بولىدۇ؛ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئالاھىدە بولغانلىقتىن يېقىن ئەتراپتىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ساتىدىغانلار گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلارنى تەستىقلاشتا، دورا بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان رايوننى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ئارا داۋالاش ئېھتىياجى، توشۇش قىيىنچىلىقى قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، تەڭشەپ ئىككى كۈن ئىچىدە ئەھۋالنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

27-ماددا مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئۇنى ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن سېتىۋېلىشى كېرەك.

رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلاردىن سېتىۋالسا بولىدۇ؛ شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئۇنى ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

28-ماددا مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ۋە رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار داۋالاش ئاپپاراتىغا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى سېتىشتا، دورىلارنى داۋالاش ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتى دورىنى ئۆزى ئېلىپ كەلسە بولىدۇ.

29-ماددا 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلار داۋالاش ئاپپاراتىغا، توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلارغا ۋە بۇ نىزامنىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دورىنى پارچە ساتىدىغان كارخانىلارغا شۇنىڭدەك بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلانغان باشقا ئورۇنلارغا 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ساتسا بولىدۇ.

30-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى پارچە سېتىشقا بولمايدۇ.

ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار سودىسىدا نەق پۇل ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. لېكىن شەخسلەرنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى قانۇنلۇق سېتىۋېلىشى بۇنىڭ سىرتىدا.

31-ماددا شۇ جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن،دورىنى بىر تۇتاش كىرگۈزىدىغان، بىر تۇتاش يەتكۈزىدىغان، بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان پارچە سېتىش زەنجىرسىمان كارخانىلىرى 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى پارچە ساتسا بولىدۇ.

32-ماددا 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى پارچە ساتىدىغان كارخانىلار دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرنىڭ رېتسېپىغا قاراپ، 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى بەلگىلەنگەن مىقداردا سېتىشى ھەمدە رېتسېپنى ئىككى يىل ساقلىشى كېرەك؛ 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى مىقداردىن ئاشۇرۇپ سېتىش ياكى رېتسېپسىز سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى سېتىشقا بولمايدۇ.

33-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ باھاسىنى ھۆكۈمەت بېكىتىدۇ، زاۋۇت باھاسى ۋە توپ سېتىش باھاسىنى بېكىتىش ئاساسىدا، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پارچە سېتىش باھاسى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

4-باب ئىشلىتىش

34-ماددا دورا ئىشلەش كارخانىلىرىدىن ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى خام ئەشيا قىلىپ ئادەتتىكى دورىلارنى ئىشلەيدىغانلىرى يىللىق ئېھتىياج پىلانىنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى يىغىنچاقلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن سېتىۋېلىشى كېرەك.

دورا ئىشلەيدىغان كارخانىلار 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى خام ئەشيا قىلىپ ئادەتتىكى دورىلارنى ئىشلەشتە، يىللىق ئېھتىياج پىلانىنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن ياكى ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن سېتىۋېلىشى كېرەك.

35-ماددا يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇچى، گىرىم بۇيۇملىرى، سىر قاتارلىق غەيرىي دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن كوففېئىننى خام ئەشيا قىلىدىغانلىرى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن ياكى ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن سېتىۋېلىشى كېرەك.

ئىلمىي تەتقىقات، ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدىن ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلىتىپ تەجرىبە قىلىدىغان ۋە دەرس ئۆتىدىغانلىرى ئۇلارنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەنتوپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن ياكى ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن سېتىۋېلىشى كېرەك.

ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ ئۆلچەم ۋە سېلىشتۇرما قىلىنىدىغىنىنى ئىشلىتىدىغانلىرى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى تەستىقلىغان ئورۇندىن سېتىۋېلىشى كېرەك.

36-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئىشلىتىدىغانلىرى شۇ جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، ناركوز دورىلىرى ۋە 1– خىلدىكى روھىي دورىلارنى سېتىۋېلىش تامغا كارتىسى (تۆۋەندە تامغا كارتىسى دېيىلىدۇ) نى ئېلىشى كېرەك.داۋالاش ئاپپاراتى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەمۇرىي رايوندىكى توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن تامغا كارتىسى بىلەن سېتىۋېلىشى كېرەك.

رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى داۋالاش ئاپپاراتىغا تامغا كارتىسى بېرىشتە، تامغا كارتىسى ئالىدىغان داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئەھۋالىنى شۇجايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا قوشۇمچە يوللىشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تامغا كارتىسى ئالغان داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تىزىمىنى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

37-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى تامغا كارتىسىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى مەخسۇس باشقۇرىدىغان خادىملىرى بولۇش؛

(2) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرى بولۇش؛

(3) ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى بىخەتەر ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەسلىھەسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش.

38-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆز ئورنىدىكى دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلارنى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلىتىشكە دائىر بىلىملەر بويىچە تەربىيىلىشى ۋە سىنىشى، سىناقتىن ئۆتكەنلەرگە ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتىنى بېرىشى كېرەك. دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلار ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، شۇ داۋالاش ئاپپاراتىدا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارغا رېتسېپ يازسا بولىدۇ، لېكىن، ئۆزىگە شۇنداق رېتسېپ يېزىۋالسا بولمايدۇ.

داۋالاش ئاپپاراتى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتى بولغان دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى شۇ جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغا قەرەللىك ئەۋەتىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققىمۇ يوللىشى كېرەك.

تېببىي خادىملار ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ كلىنىكىدا ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك.

39-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتى ئېلىپ دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلارغا كلىنىكىدا ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە ناركوز دورىلىرى ياكى 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا ھەقىقەتەن موھتاج بولغان كېسەللەرنىڭ مۇۋاپىق دورا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.راك بولۇپ ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان كېسەللەر ۋە باشقا ئېغىر كېسەللەر داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىۋاتقاندا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئالالمىغاندا، كېسەللەر ياكى ئۇنىڭ تۇققانلىرى دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلارغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتى ئېلىپ دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلار تەلىپى ئورۇنلۇق دەپ قارىسا، ئېھتىياجلىق ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى كېسەللەرگە ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

40-ماددا دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلار ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارغا مەخسۇس رېتسېپ ئىشلىتىشى، بىر رېتسېپقا يېزىلغان دورىنىڭ ئەڭ كۆپ مىقدارى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلار رېتسېپنى تەڭشىگۈچى ۋە تەكشۈرگۈچى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئىمزا قويۇشى ھەم تىزىملىشى كېرەك؛ بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تەڭشىگۈچى ۋە تەكشۈرگۈچى دورابەرمەسلىكى كېرەك.

ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنىڭ مەخسۇس رېتسېپىنىڭ نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

41-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار رېتسېپىنى مەخسۇس دەپتەرگە تىزىملاپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ناركوز دورىلىرىرېتسېپىنى ئاز دېگەندە ئۈچ يىل، روھىي دورىلار رېتسېپىنى ئاز دېگەندە ئىككى يىل ساقلىشى كېرەك.

42-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇشتا، جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى شۇ داۋالاش ئاپپاراتى بېرەلمىسە، باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ياكى توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرسا بولىدۇ؛ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئارىيەت ئەھۋالىنى شۇ جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا ۋە سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

43-ماددا كلىنىكىدا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ بازاردا تېپىلمايدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ياساش ئىجازەتنامىسى ۋە تامغا كارتىسى بولغان داۋالاش ئاپپاراتى تەڭشەپ ياسىماقچى بولسا، شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتى ياسىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار ياسالمىسى شۇ داۋالاش ئاپپاراتىدىلا ئىشلىتىلىدۇ، سىرتقا سېتىلمايدۇ.

44-ماددا شەخسلەر كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىئاگنوز قەغىزى، ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن، بىر رېتسېپقا يېزىلغان ئەڭ كۆپ مىقداردىكى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئېلىپ يۈرسە بولىدۇ؛ ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئېلىپ، چېگىرىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنى تاموژنا ئۆزى ئىشلىتىش، مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئۆتكۈزىدۇ.

تېببىي خادىملاردىن داۋالاش ئېھتىياجى بىلەن ئاز مىقداردىكى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئېلىپ چېگرىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلىرىدا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بەرگەن ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئېلىپ يۈرۈش ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. تاموژنا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئېلىپ يۈرۈش ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتكۈزىدۇ.

45-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، زەھەر تاشلىتىش ئاپپاراتلىرى داۋالاپ زەھەر تاشلىتىشنى مەقسەت قىلىپ، مېتادوننى ياكى دۆلەت بېكىتكەن زەھەر تاشلىتىپ داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

5-باب ساقلاش

46-ماددا ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىغۇچى كارخانىلار، ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار، مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ۋە رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار، شۇنىڭدەك دۆلەت قۇرغان ناركوز دورىلىرىنىساقلاش ئورۇنلىرى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ساقلايدىغان مەخسۇس ئامبار قۇرۇشى كېرەك. بۇ مەخسۇس ئامبار تۆۋەندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

(1) قوش قۇلۇپلۇق تۆمۈر ئىشىك ئورنىتىش، ئاچقۇچنى ئىككى ئادەم تۇتۇش؛

(2) مۇناسىپ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى بولۇش؛

(3) كۆزىتىش ئەسلىھەسى ۋە سىگنال سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش.

مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار گوۋۇيۈەن دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرغان دورا ساقلاش نۇقتىلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ناركوز دورىلىرىنى ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار ناركوز دورىسىنىڭ خام ئەشيا دورىسى بىلەن ياسالمىلىرىنى ئايرىپ ساقلىشى كېرەك.

47-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى مەخسۇس ئامبار ياكى مەخسۇس ئىشكاپتا ساقلىشى كېرەك. مەخسۇس ئامبارغا ئوغرىدىن ساقلىنىش ئەسلىھەسى ۋە سىگنال قۇرۇلمىسى ئورنىتىش كېرەك؛ مەخسۇس ئىشكاپ بىخەتەر ئىشكاپ بولۇشى كېرەك. مەخسۇس ئامبار ۋە مەخسۇس ئىشكاپ قوش قۇلۇپلۇق بولۇشى، ئاچقۇچىنى ئىككى ئادەم تۇتۇشى كېرەك.

48-ماددا ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىغۇچى كارخانىلار، ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار، مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ۋە رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار، دۆلەت قۇرغان ناركوز دورىلىرىنى ساقلىغۇچى ئورۇنلار شۇنىڭدەك ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەخسۇس ئادەم قويۇشى ھەمدە ساقلانغان ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلار ئۈچۈن مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى كېرەك. دورىنى ئامبارغا كىرگۈزۈشتە ئىككى ئادەم ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئامباردىن چىقىرىشتا ئىككى ئادەم تەكشۈرۈش، دورا ھېساباتقا ئۇدۇل كېلىشى كېرەك. مەخسۇس ھېسابات دەپتىرىنى ساقلاش مۇددىتى دورىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بەش يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

49-ماددا 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار دورا ئامبىرىغا 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ساقلايدىغان مەخسۇس ئامبار ياكى مەخسۇس ئىشكاپ ياسىشى ھەمدە مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، مەخسۇس ئادەم قويۇپ باشقۇرۇشى كېرەك. مەخسۇس ھېسابات دەپتىرىنى ساقلاش مۇددىتى دورىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بەش يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

6-باب توشۇش

50-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى توشۇتىدىغان، توشۇيدىغان ۋە ئۆزى توشۇيدىغانلار بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قوللىنىپ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ توشۇش داۋامىدا ئوغرى ئېلىش، بۇلاپ كېتىش ۋە يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

51-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى تۆمۈر يولدا توشۇشتا، كونتېينېر ئىشلىتىش ياكى يۈك پويىزىدا توشۇش كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈر يول مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى تۆمۈر يول بولمىغانلىقتىن، تاشيول ياكى سۇ يولىدا توشۇشقا توغرا كەلسە، قاراۋۇللۇققا مەخسۇس ئادەم قويۇش كېرەك.

 52-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى توشۇتقۇچى ياكى ئۆزى توشۇغۇچى ئورۇن شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ توشۇش ئىسپاتى ئېلىشى كېرەك. توشۇش ئىسپاتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ.

توشۇش ئىسپاتىنى مەخسۇس ئادەم ساقلىشى كېرەك، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ۋە ئارىيەت بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

53-ماددا توشۇتقۇچى ناركوز دورىلىرىنى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى توشۇش رەسمىيىتىنى ئۆتەشتە، توشۇش ئىسپاتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى توشۇغۇچىغا بېرىشىكېرەك. توشۇغۇچى توشۇش ئىسپاتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. توشۇش ئىسپاتى بولمىسا ياكى دورىنىڭ ئورۇسى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، توشۇغۇچى توشۇسا بولمايدۇ.

توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا توشۇش ئىسپاتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن يېنىدا ئېلىپ مېڭىشى كېرەك.

54-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى پوچتىدىن ئەۋەتىشتە، ئەۋەتكۈچى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ پوچتىدىن ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلغانلىق ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. پوچتا تىجارەت ئاپپاراتى پوچتىدىن ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلغانلىق ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشى، ساقلىشى كېرەك؛ پوچتىدىن ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلغانلىق ئىسپاتى بولمىسا، پوچتا تىجارەت ئاپپاراتى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ پوچتا مەسئۇل تارمىقى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش شەرتىگە توشىدىغان پوچتا تىجارەت ئاپپاراتىنى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى پوچتىدىن ماڭدۇرۇشقا بېكىتىدۇ. پوچتا تىجارەت ئاپپاراتى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئەۋەتىشكە ئالغاندا، ئۇنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.

ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى پوچتىدىن ئەۋەتىش كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

55-ماددا ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار، مەملىكەت بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ۋە رايون بويىچە توپ ساتىدىغان كارخانىلار ئارا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى توشۇشتا، دورىنى ماڭدۇرغۇچى ماڭدۇرۇشتىن بۇرۇن، شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا شۇ قېتىملىق توشۇشقا ئالاقىدار ئۇچۇرنى يوللىشى كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ توشۇلىدىغانلىرىدا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق دورىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك؛ شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە توشۇلىدىغانلىرىدا، ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق دورىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

7-باب تەستىق تەرتىپى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

56-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى تەستىقلىتىشتا، مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. تەستىقلىغۇچى تارماق ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 40 كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك؛ تەستىقلاش قارارى چىقارغانلىرىدا ئىجازەت ئىسپات ھۆججىتى بېرىش ياكى ئىجازەت ئىسپات ھۆججىتىگە ئىجازەت بېرىلگەن ئىشلارنى يېزىپ قويۇشى كېرەك؛ تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارغانلىرىدا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

 ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار ۋە توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلارنى بېكىتىشتە، تەستىقلىغۇچى تارماق شەرتكە توشقان كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ، جايلىشىش تەلىپى بويىچە، ئادىل رىقابەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك. شەرتكە توشىدىغان باشقا كارخانىلار ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە تەستىقلىغۇچى تارماققا باشقىچە پىكرىنى بەرسە بولىدۇ. تەستىقلىغۇچى تارماق باشقىچە پىكىرنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى ھەمدە تەڭشەش-تەڭشىمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

57-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، ناركوز دورائۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش، شۇنىڭدەك ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىش، ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، توشۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

58-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، كۆزىتىش ئۇچۇر تورى بەرپا قىلىپ، ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار، توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلار ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىئىشلەش، كىرگۈزۈش، سېتىش، ئامباردا ساقلاش ۋە ئىشلىتىلىش مىقدارى ۋە ئورنىنى ۋاقتىدا كۆزىتىشى ھەمدە ئۇچۇردىن تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشى كېرەك.

59-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار، توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلار ۋەئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردىن كۆزىتىش ئۇچۇر تورىغا تۇتاشتۇرۇلمىغانلىرى شۇ ئورۇننىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەش، كىرگۈزۈش، سېتىش، ئامباردا ساقلاش، ئىشلىتىلىش مىقدارى ۋە ئورنىنى ئېلېكترون ئۇچۇر، فاكس، يازما ماتېرىيال قاتارلىقلار ئارقىلىق، شۇ جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ھەر ئايدا مەۇم قىلىشى كېرەك؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرى شۇ جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغىمۇ مەلۇم قىلىشى كېرەك.

رايون بار شەھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق شۇ رايوندىكى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى بىر دەرىجە يۇقىرى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم دوكلات قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

60-ماددا كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىلگەنلىكتىن، ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپ پەيدا قىلغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورا تۈرلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىغا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. دورا ئورنىدا قايتا ئىشلىتىلمەيدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ تەستىق نومۇرى ۋە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بىكار قىلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق، سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلار ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇشتا يوشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنى بايقىسا، دەرھال تۈگىتىشكە ياكى سۈرۈك ئىچىدە تۈگىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك؛ قانۇنسىز ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتى بولسا، دەرھال پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتەك مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يەتتە كۈن ئىچىدە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تامغا كارتىسى ئالغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى سېتىۋېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، تەڭ دەرىجىلىك سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. خەۋەر تاپقان سەھىيە مەسئۇل تارمىقى دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلارنى شۇ داۋالاش ئاپپاراتىغا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى سېتىشىنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

61-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەتكۈچى، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلار ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋاقتى ئۆتكەن، بۇزۇلغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تىزىملىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، تۆپىدە تۇرۇپ كۆيدۈرگۈزۈۋېتىشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتى ئۆزى ساقلاۋاتقان، ۋاقتى ئۆتكەن، بۇزۇلغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئۇنى سەھىيە تارمىقى كۆيدۈرگۈزىدۇ.

قانۇن بويىچە يىغىۋېلىنغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلەتكەنلىرىدىن باشقىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.

62-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

63-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق، سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلار ۋە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىسىملىكى شۇنىڭدەك باشقۇرۇشقا دائىر باشقا ئۇچۇرلىرىدىن بىر-بىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش شۇنىڭدەك ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىش، ئىشلەش، سېتىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىق ھالقىلارنى باشقۇرۇش داۋامىدا تەستىقلانغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىشلاردىن تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورا تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلار، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا ئەنگە ئالدۇرغان ئىشلارنى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغىمۇ يوللىشى كېرەك.

64-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار ئوغرىلىنىش، بۇلاپ كېتىلىش، يوقاپ كېتىش ياكى قانۇنسىز ئىشلىتىلىش ئەھۋالى يۈز بەرگەندە، دېلو سادىر بولغان ئورۇن دەرھال زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دورا نازارەتقىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋال يۈز بەرسە، مەسئۇل تارمىقىغىمۇ مەلۇم قىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەلۇماتنى، پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتى بولغاندا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك، ئالاقىدار ئورۇنغا زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانسىمۇ بولىدۇ.

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق، مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

65-ماددا دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە سەھىيە مەسئۇل تارماقلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) شەرتكە توشمايدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىغا مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقارغانلار؛

 (2) ۋاقتى ئۆتكەن، بۇزۇلغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كۆيدۈرۈشتە تۆپىدە تۇرمىغانلار؛

(3) نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي، بايقايدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىمىغان، بايقىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلمىغان ياكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) مۇشۇ نىزامدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.

66-ماددا ناركوز دورا ئۆسۈملۈكىنى تېرىغۇچى كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تېرىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) ناركوز دورا ئۆسۈملۈكىنى يىللىق تېرىش پىلانى بويىچە تېرىمىغانلار؛

(2) تېرىش ئەھۋالىنى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغانلار؛

(3) ناركوز دورىلىرىنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

67-ماددا ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەم قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنغا خىلاپ ساتقان دورىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېكىتىلگەن ئىشلەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانىغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) ئىشلەش ئەھۋالىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا دوكلات قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى تۇتۇش ۋە ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى سېتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كۆيدۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

68-ماددا توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناركوز دورىلىرى ۋەروھىي دورىلارنى ساتقان ياكى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناركوز دورا خام ئەشيا دورىسىۋە 1-خىلدىكى روھىي دورا خام ئەشيا دورىسى تىجارىتى قىلغانلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەم قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنغا خىلاپ ساتقان دورىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ساتقان دورا قىممىتى سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېكىتىلگەن توپ سېتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.

69-ماددا توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن مۇشۇنىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بېكىتىلگەن توپ سېتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى سېتىۋېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) دورا بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيەت رايونىنى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلمىغانلار؛

(3) داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا دورا يەتكۈزۈپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(4) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كىرگۈزۈش، سېتىش، ئامباردا ساقلاش مىقدارى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى دوكلات قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

 (5) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى تۇتۇش، ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(6) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(7) رايون بويىچە توپ سېتىش كارخانىلىرى ئارا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى تەڭشىگەن ياكى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن تەڭشىگەندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرمىغانلار.

70-ماددا 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى پارچە ساتىدىغان كارخانىلاردىن 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى ساقلاش، سېتىش ياكى كۆيدۈرۈشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنغا خىلاپ ساتقان دورىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى پارچە سېتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.

71-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 34–، 35-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى سېتىۋالغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق مۇسادىرە قىلىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا ياكى ئالاقىدار پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

72-ماددا تامغا كارتىسى ئالغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تامغا كارتىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىدۇ:

(1) ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى سېتىۋېلىش، ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار مەخسۇس رېتسېپىنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى رېتسېپ دەپتىرىگە تىزىملاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كىرگۈزۈش، ئامباردا ساقلاش ۋە ئىشلىتىش مىقدارىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىپ تۇرغاندىن كېيىن ئەنگە ئالدۇرمىغانلار؛

(5) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

73-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يازغان ياكى ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى كلىنىكىدا ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپىدىكى تەلەپ بويىچە ئىشلەتمىگەنلىرىنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتىنى ئۇلار ئىشلەيدىغان داۋالاش ئاپپاراتى بىكارقىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ كەسپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئەسلىي گۇۋاھنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ. دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلاردىن 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى كلىنىكىدا ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە ئىشلەتمەي ياكى 2-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىشتا، مەخسۇس رېتسېپ ئىشلەتمەي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئەسلىي گۇۋاھنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا رېتسېپ يېزىش سالاھىيىتىنى ئالماي دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان دوختۇرلاردىن ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رېتسېپ يازغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، دوختۇرلۇق قىلىشنىتوختىتىپ تۇرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

رېتسېپ تەڭشىگۈچى ۋە تەكشۈرگۈچىلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنىڭ رېتسېپىنى تەكشۈرمەي،ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

74-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى توشۇغانلارنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ۋە ترانسپورت باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى قوبۇل قىلغان پوچتا تىجارەت ئاپپاراتلىرىدىن پوچتىدىن ئەۋەتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى پوچتا مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ناركوز دورىسى ۋە روھىي دورا پوچتا يوللانمىسىنى يوقىتىپ قويغانلىرىنى پوچتىغا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

75-ماددا ساختا ماتېرىيال بېرىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرۇپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىش، ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىۋالغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئەسلىي تەستىقلىغان تارماق بىكار قىلىدۇ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارغا ئالاقىدار ئىلتىماسنى بەش يىلغىچە سۇنۇشقا يول قويۇلمايدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسى، دورا تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى، داۋالاش ئاپپاراتى كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسى بارلىرىنىڭ ئىجازەت ئىسپات ھۆججىتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

76-ماددا دورا تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ئادەتتىكى دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىش ۋە ياساش داۋامىدا، مۇشۇنىزامدا تىزگىنلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ناركوز دورىلىرى ۋەروھىي دورىلارنى ئىشلەپ قويۇپ، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغانلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ياسىغان دورىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى تەجرىبە-تەتقىققىلىش ۋە ياساش پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

77-ماددا دورىنى كلىنىكىدا تەجرىبە قىلىدىغان ئاپپاراتلاردىن ناركوز دورىلىرى ۋە 1-خىلدىكى روھىي دورىلارنى كلىنىكىدا تەجرىبە قىلىشتا، ساغلام ئادەملەرگە تەجرىبە قىلغانلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ دورىنى كلىنكىدا تەجرىبە قىلىش ئاپپاراتىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. تەجرىبە ئوبيېكتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، دورىنى كلىنىكىدا تەجرىبە قىلغۇچى ئاپپارات قانۇن بويىچە داۋالاش جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 78-ماددا ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار، توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلار ۋە 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى پارچە سېتىش كارخانىلىرىدىن ساختا، ناچار ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلىگەن، ساتقانلىرىنىڭ بېكىتىلگەن ئىشلەش سالاھىيىتى، توپ سېتىش سالاھىيىتى ياكى 2-خىلدىكى روھىي دورىلارنى پارچە سېتىش سالاھىيىتىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق بىكار قىلىدۇ ھەمدەئۇلارنى دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ.

79-ماددا ئىشلەش بېكىتىلگەن كارخانىلار، توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلار ۋە باشقا ئورۇنلاردىن ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورا سودىسىدا نەق پۇل ئىشلەتكەنلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ سودا قىلغان دورىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

80-ماددا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار ئوغرىلىنىش، بۇلاپ كېتىلىش ۋە يوقاپ كېتىش دېلوسى يۈز بەرگەن ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغان ياكى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغانلىرىنى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ۋە سەھىيە مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى بارلىرىنىڭ شۇ تارمىقى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىش جازاسى بېرىدۇ.

81-ماددا ناركوز دورا ئۆسۈملۈكىنى تېرىش ياكى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە-تەتقىق قىلىش، ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، توشۇش سالاھىيىتى قاتارلىق سالاھىيەتلەرگە قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئورۇنلاردىن ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار ئىجازەت ئىسپات ھۆججىتىنى ھايىنىغا ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەن ۋە ئۆزگەرتكەنلىرىنىڭ مۇناسىپ ئىجازەت ئىسپات ھۆججىتىنى ئەسلىي تەستىقلىغان تارماق بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

82-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلىتىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، خەۋپ پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ دورا ئىشلەش، تىجارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازەت ھۆججىتىنى ئۇنى بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق، سەھىيە مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى بايقىسا، شۇ جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى دەرھال خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، دېلو ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

83-ماددا بۇ بابتا دورا ناركوز قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بەلگىلىگەن ئىش تەقسىماتى بويىچە قارار قىلىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

84-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تەجرىبە-تەتقىق قىلىش داۋالاش، ئىلمىي تەتقىقات ياكى ئوقۇتۇش مەقسەت قىلىنغان كلىنىكىدىن بۇرۇنقى دورا تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ.

تەستىق ئارقىلىق پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر كلىنىكىدىن داۋالاش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدىغان پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلىتىدىغانلىرى مۇشۇ نىزامدىكى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئىشلىتىشىگە دائىر بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتسە بولىدۇ.

85-ماددا ناركوز دورىلىرى كاتالوگى كۆكنار غوزىسى، جۇڭگوچە دورا تابلېتكىسى ۋە جۇڭگوچە تەييار دورىلارنى ئىشلەشكە شۇنىڭدەك داۋالاش رېتسېپلىرىنى تەييارلاشقىلا ئىشلىتىلىدۇ. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ئايرىم چىقىرىدۇ.

86-ماددا تەركىبىدە ناركوز دورىسى بولغان مۇرەككەپ رېتسېپلىق ياسالمىلارنى ئىشلەش ئۈچۈن، ناركوز دورا خام ئەشيا دورىسىنى سېتىۋالىدىغان، ساقلايدىغان ۋە ئىشلىتىدىغانلار مۇشۇ نىزامدىكى ناركوز دورىلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

87-ماددا ھەربىي داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ناركوز دورىلىرىۋە روھىي دورىلار بىلەن تەمىنلىشى ۋە ئىشلىتىشىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش ئارقا سەپ تەمىنات بۇسى بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ نىزام بويىچە چىقىرىدۇ.

88-ماددا ھايۋانلارغا ئىشلىتىدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە نىزام بويىچە چىقىرىدۇ.

89-ماددا بۇ نىزام 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1987-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان«ناركوز دورىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە 1988-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «روھىي دورىلارنى باشقۇرۇش چارىسى» بىكار قىلىنىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545714_15.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/439258.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#