كۈرەشچى ئايروپىلان
ئايروپىلاننى 1903-يىلى ئاكا-ئۇكا رايتلار كەشىپ قىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئايروپىلاننىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى قىممىتىنى ناھايىتى تېزلا ھېس قىلىشتى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئايروپىلاننى 1903-يىلى ئاكا-ئۇكا رايتلار كەشىپ قىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئايروپىلاننىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى قىممىتىنى ناھايىتى تېزلا ھېس قىلىشتى. 1909-يىلى، ئامېرىكا تۇنجى ھەربىي ئايروپىلاننى قۇراشتۇرۇپ چىقتى. ئەمما، ئەينى چاغدىكى ئايروپىلان ئېگىز ئۇچالمىغاننىڭ ئۈستىگە سۈرئىتىمۇ ئاستا بولۇپ، سائىتىگە تەخمىنەن 50 كىلومېتىرلا ئۇچالايتتى. 1911-يىلى، مېكسىكىدىكى بىر مەيدان ئۇرۇشتا، جەڭ قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئاسماندا تاپانچا بىلەن ئېتىشتى. بۇ تارىختا تۇنجى قېتىملىق ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئېتىشىش ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى ئايروپىلانغا قانداق قىلىپ قورال سەپلەش توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى.
دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەربىي ئايروپىلان ئاساسلىقى رازۋېدكا قىلىش، توشۇش ۋە خەت-ئالاقىلەرنى يەتكۈزۈشكە ئىشلىتەلەيتتى، بەزى چاغلاردا ئاز مىقداردا بومبىلارنى ئېلىپ يۈرۈپ، بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئادا قىلاتتى.
1914-يىلى، قرانسىيە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ھەقىقىي ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ياساپ چىقتى. بۇ خىل ئايروپىلانغا ئىككى ئۇچقۇچى چىقىدىغان بولۇپ، بىرى ھەيدەشكە، يەنە بىرى پىلىموت ئېتىشقا مەسئۇل ئىدى. نەتىجىدە، فرانسىيە ئۇچقۇچىلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانىنى پىلىموت بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ھاۋا ئۇرۇشىدا بىرئۈلگە يارىتىپ بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي ئايروپىلانغا مۇقىم پىلىموت ۋە ئاپتوماتىك ئاتالايدىغان ئاۋىئاتسىيە زەمبىرىكى ئورنىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھاۋا بوشلۇقىدا ھەقىقىي ئېلىشالايدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان بارلىققا كەلدى.
ھازىر كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋادا ئۇرۇش قىلىشتىكى ئاساسلىق قورالى يەنىلا ئاۋىئاتسىيە زەمبىرىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئېتىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، تاق ئىستوۋۇلىنىڭ ھەر مىنۇتىغا ئاتالايدىغان ئوقى 1000 پايدىن كۆپ بولۇپ، ئادەتتىكى زەمبىرەكلەرنىڭ ئېتىش سۈرئىتىدىن ئون ھەسسە يۇقىرى، ئۇنىڭدىن سىرت نۇرغۇن كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا يەنە ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورنىتىلىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىشىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.
كۈرەشچى ئايروپىلانكۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ شەكلى بەك قالتىس بولۇپ ، ئۈستىگە رادار ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلار سەپلەنگەن ، نىشانىنى توغرا ، تېز سۈرئەتتە بايقىيالايدۇ ھەمدە قاقشاتقۇچ زەربە بېرەلەيدۇ . شۇڭا كۈرەشچى ئايروپىلان ئۆزىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش ، تاجاۋۇز قىلپ كىرگەن دۈشمەن ئايروپىلانلىرىنى يوقىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈسىتىگە ئالغان . لېكىن ئەڭ دەسلەپكى كۈرەشىچى ئايروپىلان بەك ئاددىي ئىدى . 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ، فىرانسىيە تۇنجى بولۇپ ئايروپىلانغا پىلموت ئورنىتىپ ، ھاۋا ئۇرۇشىدا ئىشلەتتى . شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى كۈرەشىچى ئايروپىلان بارلىققا كەلدى، ئايروپىلانغا پىلىموت قانچە كۆپ ئورنىتىلغانسېرى ، ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋالىقى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس كۈرەشچى ئايروپىلان تەتقىق قىلىپ ياسىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى . دەسلەپكى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىنچىسى قوش قاناتلىق ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ ، ئايروپىلاننىڭ ئۈستىگە ئايروپىلان چاقپىلىكى بىلەن تەڭ ماسلىشىدىغان پىلىموت ئورنىتىلغان .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.