سومما دەرياسى ئۇرۇشى

سومما دەرياسى ئۇرۇشى

سومما دەرياسى ئۇرۇشى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى چوڭ ھەربىي گۇرۇھنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئۇرۇشتا تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتتى. 

نامى سومما دەرياسى ئۇرۇشى
ئورنى سوم دەرياسى رايونىدا
چەتئەلچە نامى Battle of Somme
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە
ۋاقتى 1916-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سومما دەرياسى ئۇرۇشى1915-يىلىنىڭ ئاخىرىلا ئانتانتا دۆلەتلىرى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ بىرلىشىپ سومما دەرياسى ئۇرۇشى قىلىشىنى قارار قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت فرانسىيىنىڭ شىمالىي رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى بىتچىت قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ۋېردېن ئۇرۇشىنى قوزغاپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆپلىگەن جانلىق كۈچىنى خوراتقان ۋە ئىسكەنجىگە ئالغانلىقتىن، 1916-يىلى 7-ئايدا سومما دەرياسى ئۇرۇشى باشلانغان چاغدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

سومما دەرياسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇھىم ئەسكىرىي كۈچى مۇداپىئە تۈزگەن ئىستىھكام رايونىدۇر. گېرمانىيە ئارمىيىسى سومما دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئېگىزلىكتە گىرەلىشىپ كەتكەن يەر ئاستى ئاكوپ تورى ياساپ، ئاشۇ پۇختا ئىستىھكاملارغا تۇتاشتۇردى. بەزى مۇھىم جايلاردا مۇداپىئە ئاكوپلىرى ھەتتا 7-8 كىلومېتىرغا يەتتى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان مۇداپىئە سىستېمىسىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى يەتتە كۈنگىچە ئېغىر پىلىموت بىلەن توپقا تۇتۇپ، جەمئىي 1 مىليون 500 مىڭ پاي ئوق چىقاردى. 

1916-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى سومما دەرياسىنىڭ شىمالىدا ھۇجۇم قوزغىدى. 1-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى تالاپەتكە ئۇچرىدى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنىگە بارغاندا ئەنگلىيە ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىگە ئاران ئۈچ كىلومېتىرلا ئىلگىرىلەپ كىرەلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش تىركىشىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. 9-ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن سومما دەرياسى ئۇرۇشىنىڭ2-باسقۇچلۇق ھۇجۇمى باشلاندى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى تۇنجى بولۇپ 36 تانكا چىقاردى، ئۇزاق ئۆتمەي گېرمانىيە ئارمىيىسى تانكىغا قارشى زەمبىرەك كەشىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ جان تىكىپ ئېلىشتى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنىلا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى. ئۇرۇش 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توختاپ قالدى، تۆت ئاي داۋاملاشقان سومما دەرياسى ئۇرۇشىدا قىسقىغىنە 40 كىلومېتىر جەڭ لىنىيىسىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەخمىنەن 453 مىڭ ئادەم چىقىم تارتتى، تالاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 204 مىڭغا يەتتى. گېرمانىيە ئارمىيىسى 538 مىڭ ئادەم چىقىم تارتتى. تالاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 500 مىڭغا يەتتى.

ۋېردېن ئۇرۇشى ۋە سومما دەرياسى ئۇرۇشىدا ئىككى تەرەپ ئىنتايىن زور چىقىم تارتتى، گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرەپنىڭ زىيىنى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولدى. ئۇرۇش تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، ئانتانتا دۆلەتلىرى تەرەپ تەدرىجىي ھالدا ئۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىق ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىدى.

سومما دەرياسى ئۇرۇشىئۇدۇل تەرەپتە تار يەر بۆلىكىدە، ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، كۆپ قېتىم زەربە بېرىش ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش بازىسى مۇداپىئە سېپىنىڭ تاكتىكىلىق، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس، بەلكى غايەت زور ئەسكىرىي كۈچ بىلەن خورىدى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ باشقا زوراۋانلىقىنى باشلاپ، تانكا قاتارلىق  ئېغىر تىپلىق ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرى بازىسىنى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ھەمدە تەرەققىيات قارشى تۇرۇش قورال - ياراغ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا تۈرتكە ۋە ئىلھام بەردى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي سانائەت جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى.

بۇ ئۇرۇشتا ئەنگلىيە ئارمىيەسىدىن يارىلانغان 419 مىڭ 654 ئادەم؛ فىرانسىيە ئارمىيەسىدىن ئۆلگەنلىرى 204 مىڭ 253 ئادەم جەمئىي يارىلانغىنى 623 مىڭ 907 ئادەم.  

گېرمانىيە ئارمىيەسى تالاپەت ئۇچىرغانلىرى 629 مىڭ 55 ئادەم؛ 135 مىڭ 945 ئادەم يوقاپ كەتكەن. 300مىڭ ئادەم قېچىپ كەتتى.

سوم دەرياسى جېڭى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تىپىك، ھەر ئىككىلا تەرەپتە تالاپەت ئىنتايىن ئېغىر. مەيلى ئىككى تەرەپ سالغان ئەسكىرىي كۈچى، ھەربىي قورال، ھەممىسى بۇ قېتىمقى ئۇرۇش داۋامىدىكى ئەڭ چوڭ جەڭ. ئەنگلىيە مەبلەغ سېلىپ، ئۇرۇشتا 54، فرانسىيە ئارمىيىسى 32 - شى، گېرمانىيە ئارمىيەسى 67 - شى. فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيە 79 مىليون 4 مىڭ ئادەم، دۈشمەن تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى ، پەقەت 5 ~ 12 كىلومېتىر ئىلگىرى سۈرۈلەلىدى. 

سىياسىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سوم دەرياسى جېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى كابېنت ئالمىشىشنى تېخىمۇ بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقاردى. داۋىد لويد جورج ئەنگلىيە يېڭى باش ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلەندى، يېڭى ئىچكى كابىنتى قۇرۇلدى، ياش چېرچىل ئەزالىرىدىن بىرى بولدى. [0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#