ئوچاق
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ‹‹ئوچاق›› ۋە ‹‹تونۇر›› ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوچاق دېگەن سۆزنىڭ شۇ دەۋرلەردىلا ‹‹ئوچاق›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئوچاق ۋە تونۇرنىڭ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بىزدە ئوچاقنىڭ تۈرى كۆپ، ھەرقايسى يۇرتتىكىلەر ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا، تۇرمۇش ئادىتىگە باب كېلىدىغان ئوچاقلاردىن پايدىلىنىدۇ.
شور ئوچاق
بۇنى سېلىشتا ئاۋۋال ئوچاق سېلىنىدىغان ئۆينىڭ تۆر، تۆشۈك، پەگاھ، سۇپىلىرىنى ئوبدان پىلانلاپ، قۇم ئارىلاش توپىدا چىرايلىق ئوچاق قېلىپى ياسىلىدۇ. ئاندىن چۆللۈكتىن كەلتۈرۈلگەن شور قاتتىق يەرگە تۆكۈلۈپ كالتەك، توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ ئېزىلگەندىن كېيىن، ئۆتكەمە – غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يۇمشىقى بۇغداي چەشلىگەندەك چەشلىنىپ، يوغان كاساڭ (تەڭنە)، داسلاردا خېمىر يۇغۇرغاندەك يۇغۇرۇلۇپ، زۇۋۇلا تۇتۇپ راسلانغاندىن كېيىن، ئوچاق قېلىپىنىڭ ئۈستىگە چاك باستۇرۇپ چاپلىنىدۇ. ئوچاق پۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قېلىپى ئېلىۋېتىلىپ، ئوچاق ھەرە كېپىكى، قۇرۇتۇلغان كالا تېزىكى قاتارلىقلار بىلەن ئىسلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ.
خىش(كېسەك)ئوچاق
تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى تۆمۈردە پارچىلىنىدىغان ئەگمە ياساپ، ئۇنى ئوچاق سېلىنىدىغان جايغا قېلىپ ئورنىدا قۇراشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئاندىن كۇلاللار (تاۋاقچىلار) ئىشلىتىدىغان سېغىزنى سوقۇپ، تېرىق غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا توزغاق ياكى غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈلگەن يۇمشاق سامان، سېمونت ئارىلاشتۇرۇپ لاي ئېتىپ، كېسەكنى چاك باستۇرۇپ ياسايمىز.
كۆمەچ ئوچاق
بۇ ئوچاق چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا تام ئىچىگە چىقىرىلغان ‹‹يان مورا››نىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنىدۇ. مورىنىڭ ئۇدۇلى تۈزلىنىپ، ئەتراپى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئېگىزلىتىلگەندىن كېيىن، سوقۇلغان شورغا ئازراق قاتتىق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ لاي ئېتىلىپ، ئوچاق ئىچىگە 10 – 15 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا سىلىق سۇۋىلىدۇ. ئۇ كۆمەچ پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.