ھامىلىدارلىقتىكى ئېغىر دەرىجىلىك يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتى

قان بېسىمى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ 160/110mmHg دىن ئېشىپ كېتىدىغان، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل +++-++ بولىدىغان، سۈيدۈكتىكى ئاقسىلنىڭ 24 سائەت ئىچىدىكى مىقدارى 5g/ دىن ئېشىپ كېتىدىغان ھەمدە سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلىدارلىقتىكى ئېغىر دەرىجىلىك يۇقىرىقان بېسىم يىغىندى ئالامىتى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملانمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئېھتىمالى بولغان ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى: يۇقارقى بەلگىلەردىن باشقا باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، قۇسۇش، يۇقىرى قورساق قىسمى بىئارام بولۇش، غۇۋا كۆرۈش)كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش( قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا چارە قىلىنمىسا ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى كېلىپ چىقىدۇ. 2. ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى: ئېھتىماللىقى بولغان ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى ئاساسىدا كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، تارتىشىش ياكى ھوشسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۇتقاقلىق تۇتقاندا دەسلەپتە كۆز ئالمىسى بىر نۇقتىغا مۇقىملىشىپ كۆز قارىچۇغى كېڭىيىپ، جاۋغاي ۋە يۈز مۇسكۇللىرى يېنىك مىدىرلايدۇ،ل ئارقىدىنلا پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى كۈچلۈك تارتىشىپ ئىككى بېلىكى ئىگىلىپ، ئىككى قولى چىڭ يۇمۇلىدۇ. ئىككى پۇتى ئىچىگە تولغىشىدۇ. ئېڭىكى بەزىدە ئېچىلىپ بەزىدە يېپىلىپ تۇرىدۇ. ناھايىتى تېزلا پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى تارتىشىپ نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ، چىرايى كۆكىرىپ كېتىدۇ. 03 سېكۇنتتىن 2 مىنۇتقىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تارتىشىش پەيدىنپەي توختاپ، كۆكىرىش يوقىلىپ، نەپەس ئەسلىگە كېلىدۇ. ئاندىن داۋاملىق ھوشسىز ھالەتتە ياتىدۇ.نەپىسى ئېغىرلىشىپ خىرقىراپ، بىر نەچچە مىنۇت ياكى بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ھوشىغا كېلىدۇ. بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە تۇتىدۇ، تۇتۇش قېتىم سانى ۋە ئارىلىق ۋاقتى مۇقىم بولمايدۇ.

1.تىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ

. ئالامىتىدە بىماردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشى، قۇسۇش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش ۋە ئېغىرلاشقاندا تارتىشىپ ۋە ھۇشسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىرىلىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ

1. سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش: سۈيدۈكتىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى ۋە سىلىندىرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە بولىدۇ. سۈيدۈكتىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى 42 سائەت ئىچىدە 0.5g دىن چوڭ بولسا نورمالسىز، ئەگەر 42 سائەت 5g/ دىن يۇقىرى بولسا كېسەللىك ئېغىرلاشقان بولغان بولىدۇ.

2. قان تەكشۈرۈش: قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بېسىلىشى ۋە ھىموگلوبىننى ئۆلچەش ئارقىلىق قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا گىلوتامىك پىروۋۋىك تىرانسامنازا (GPT)، سۈيدۈك كىسلاتاسى، ئۇرىئا، ئازوت، ئاقسىلسىز ئازوت ۋە گىرىئاتىنىن قاتارلىقلارنى ئۆلچەش ئارقىلىق جىگەر، بۆرەك فۇنكسىيىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئېلېكترولىتلارنى، قان ئويۇش فۇنكسىيىسىنى ۋە كاربون (Ⅳ)-ئوكسىدنىڭ بىرىكىش كۈچى ئۆلچىنىدۇ.

3. كۆز تېگىنى تەكشۈرۈش

: كۆز تېگىنى ۋە ئارتېرىيە، ۋېنالارنىڭ دىئامېتىر نىسبىتى كۆزىتىلىدۇ، نورمالنى ھالەتتە 2∶3 گە ئۆزگەرتسە ھەتتا 1∶4 بولسا قان تومۇر سپازمىسىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 4. باشقىلار

: ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈرەكنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلىشكە بولىدۇ. بالا ھەمرىيى فۇنكسىيىسى ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئاساسلىرىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ.

1. ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى تۇتقاقلىق كېسىلىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. تۇتقاقلىق كېسىلىدە تىپىك ئالامەتلىرىگە ئاساسلىنىش، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق ھەپتە سانىغا قاراش، ھامىلىدارمۇ ئەمەسمۇ بۇنى بىلىش كېسەلنى پەرقلەندۈرۈشتە مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.  

2. مېڭىدە قان قېيىشتىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. بۇنىڭدا كېسەلنىڭ تىپىك تىپىك ئالامەتلىتىرگە قاراش بولۇپمۇ قان بېسىمنى ئۆلچەش، بەدەن تەكشۈرۈش، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارىغا قاراش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 3. ھىستىرىيەدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. ھىستىرىيەدە گەرچە بىماردا تارتىشىپ قېلىش، ئېغىرلاشقاندا ھوشىدىن كېتىش بولسىمۇ، لېكىن بۇ كېسەل كۆپىنچە توي قىلمىغان قىزلاردا كۆرۈلىدۇ.

 4. شېكەر سىيىش كېسىلىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. بۇ كېسەلدىكى ھوشسىزلىق كىتۇندىن زەھەرلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا سۈيدۈكتە كىتۇن «+» بولۇپ يۇقىرىلاپ (+++) چىقىدۇ. قان قەنتى يۇقىرى بولىدۇ.

بۇ كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا ئانا-بالىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىلىدۇ. ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىغا گىرىپتار بولغانلار تارتىشقاندىن تاشقىرى قان بېسىمى روشەن ئۆرلەپ mmHg 110/180 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئاز ساندىكى كېسەللەردە mmHg 90/140 دائىرىسىدە كېسەل تۇتىدۇ. سۈيدۈك مىقدارى ئازلايدۇ ياكى بولمايدۇ. سۈيدۈكتىكى ئاقسىل كۆپىيىپ 20% كە يېتىدۇ ھەمدە سىلىندىرلار بولىدۇ. پۈتۈن بەدەندىكى ئىششىق ئېغىرلىشىدۇ، چىرايىدىن تىپىك ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. تۇغۇتتىن ئىلگىرىلىكى ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا تۇغۇت ئاسانلا ئاخىرلىشىدۇ. ئېغىر دەرىجىلىك ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ ھالقىسى-كېسەلنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلىقتىكى تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش، ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ئېيىدىن كېيىن بەلگىلىك مۇددەتتە داۋاملىق تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى، سۇلۇق ئىششىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئاقسىل سىيىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش ھەمدە ئېغىر بولغان كېسەللىكلىرىدە بالا ھەمرىيىنىڭ بۇرۇن سۇيۇلىشى، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش، ئۆتكۈر بۆرەك خىزمىتىنىڭ زەئىپلىشىشى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يامراش خاراكتېرلىك قان تومۇر ئىچىدە قان ئۇيۇش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىگە نىسبەتەن بالا ھەمرىيىنى قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق، بالا ھەمرىيى خىزمىتى تولۇق بولماسلىق ۋە ئانىدىكى قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ھامىلىنىڭ ھاياتى ئېغىر خەۋپكە ئۇچراش كېلىپ چىقىدۇ.

قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئىششىقنى قايتۇرۇش، تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغانلارنى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھامىلىدارلىقتىن توختىش ھەمدە قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئىششىق قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسەللىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە ئىششىغان بولسا ھەمدە سۈيدۈك ئاز بولسا 20% لىك گىلوكوزا ئېرىتمىسىدىن 7000 ~ 500 مىللىگرامغا ۋىتامىن C دىن 1g نى ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە بىر قېتىمدىن ۋىناغا تامچىلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 20%لىك مانىتول ياكى 25% لىك سورىبتالدىن 250ml نى كۈنىگە 2 ~ 1 قېتىم تېز سۈرئەتتە ۋىناغا تېمىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈيدۈك مىقدارىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە 600 مىللىلىتىردىن ئاز بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلىدە ئىشلىتىلگەن دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى تۇتقاندا بىر تەرەپ قىلىش: بىمارنى تىنچ، قاراڭغۇ ئۆيدە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، بېشىنى بىر تەرەپكە سىڭايان قىلىنىدۇ. كېسەل تۇتقاندا تىلىنى چىشلەپ زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن داكا قويۇلغان شىپاتىلنى يۇقىرى-تۆۋەن ئېزىق چىشنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىشلىتىلىدۇ ھەمدە ئوكسېگىن پۇرىتىلىدۇ. داۋاملىق سۈيدۈك ئېلىپ تۇرىلىدۇ. پۈتۈنلەي ھوشىغا كېلىشتىن ئىلگىرى دورا ئىچۈرۈش ۋە تاماق يېگۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ. دورا ئىشلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى ئېھتىمالى بولغان ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.

1. تىنچ ياتقۇزۇش، سىرتقى تەسىرلەردىن ساقلاش، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش يەنى كارىۋاتقا رىشاتكا بېكىتىپ، كارىۋاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

2. قاتتىق كۆزىتىش، ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرە قالدۇرۇش، مەخسۇس كىشى كۈتۈپ ھەر 2 ~ 1 سائەتتە نەپەس، تومۇر سوقۇشى، قان بېسىمى قاتارلىقلارنى بىر قېتىم ئۆلچەپ تۇرۇش لازىم. ئۇندىن باشقا كۈندە ئىككى قېتىم تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، قىزىتمىسى بارلارنى ھەر 4 سائەتتە بىر قېتىم ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك. تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تۇتقاقلىقتا ھامىلىنىڭ يۈرىكىنى ئۆز ۋاقتىدا ئاڭلاپ تۇرۇش، بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش ئەھۋالى جىنسىي يولدىن قان كەلگەن-كەلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش ھەمدە يۇقارقى كۆزىتىش ئەھۋالىدىن تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك.

 3. تازىلىققا دىققەت قىلىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم، يەنى ئېغىز بوشلۇقىنى كۆزىتىش، خەپرۈكنى ۋاقتىدا شۈمۈرتۈۋېلىش، چوڭ تەرەتنى تۇتالمايدىغانلارنىڭ كىرلىكىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ساغرىسىنى پاكىزە يۇيۇپ تۇرۇش، شۇنداقلا سىرتقى جىنسىي ئەزا تۈكىنى چۈشۈرۈپ تۇغۇت قوبۇل قىلىش تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

4. ئىستېمال قىلىنغان ۋە چىقىرىلغان سۇ مىقدارىنى تەپسىلىي خاتىرىلەش لازىم.

5.سۇيۇقلۇق بېرىش سۈرئىتىنىڭ بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش، سۈيدۈك نەيچىسىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1211

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#