سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 1955-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان. مەكتەپ نامى سانجى ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. 1966-يىلى «7-ماي» ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1982-يىلى مىللىي، خەنزۇلار ئايرىلىپ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1995-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ھازىرقى نامى قوللىنىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى 9-ئاي
ئورنى سانجى شەھەر ئىچىدە
بۇرۇنقى نامى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپ
مەكتەپ تۈرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1ئوتتۇرا مەكتەپسانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1955-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان. مەكتەپ نامى سانجى ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. 1966-يىلى «7-ماي» ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1982-يىلى مىللىي، خەنزۇلار ئايرىلىپ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1995-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ھازىرقى نامى قوللىنىلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 88000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى

217000 كۋادرات مېتىر. 1999-يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1846 نەپەر. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 194 نەپەر.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1ئوتتۇرا مەكتەپ زامانىۋى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى، دۆلەت بويىچە 1-دەرىجىلىك ئۆلچىمى بويىچە تەسىس قىلىنغان.  كومپيۇتېرخانا ۋە قۇراشتۇرۇلما تەجرىبىخانا تەسىس قىلىنغان. كۈتۈپخانسىدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ساقلانغان كىتابلار ، 800 خىلدىن كۆپرەك گېزىت-ژۇرناللار بار. (كۈتۈپخانا ئىچىدە 8  ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش زالى تەسىس قىلىنغان). مەكتەپ سۈنئىي ھەمراھ تورى، خەلقئارا ئالاقە تورى، مەكتەپ تورى قاتارلىق ئۈچ تورنى بىرلەشتۈرۈش تور سىستېمىسى قۇرۇپ، تور مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە قۇلايلىق بۇلشى ئۈچۈن تىرىشماقتا. مۇسۇلمانچە ئاشخانسىنىڭ تاماق تۈرى كۆپ، دۆلەتنىڭ سەھىيە باشقۇرۇش B دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن. قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقلىرى ئادەتتە ئالتە كىشلىكتىن بۇلۇپ، ھەر بىر ياتاققا بىردىن تېلفۇن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. ياتاق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا 24 سائەتلىك تۈزۈم بويچە باشقۇرۇلدۇ. 

ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا ھازىرقى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى سانى  302 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى بىر نەپەر، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى 117 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى 90 نەپەر بۇلۇپ، بەش نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، 5 نەپەر مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، 3 نەپەر مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى، بىر نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك پەن باشلامچىلىرى بار.11 كىشى ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىلىم - پەن باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەسئۇل مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى،  مەملىكەت بويىچە سەنئەت تەربىيىسىدىكى ئىلغار شەخس قاتارلىقلار مەيدانغا كەلدى. 100 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەت، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان 400 پارچە ئىلمىي ماقالدىن، 50 نەچچە ئوقۇتقۇچى مەملىكەت ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك، ھەر خىل دەرس مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.  

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1ئوتتۇرا مەكتەپبىر ئۆلچەملىك 400 مېتىر ئۇچۇش يولى يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانى، سەككىز ۋاسكېتبول مەيدانى (ئەسلى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، ھازىر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۋاتدۇ) ، ئىككى پۇتبول مەيدانى، 600 كۋادرات مېتىر ئۆي ئىچى ئۇنىۋېرسال مەشىق سارىيى، 400 مېتىر 2 بەدەن مەشىقى ئۆي ۋە بىر مىڭ 200 كۋادرات مېتىر ئۆي سىرتى گىمناستىكا مەيدانى قاتارلىقلار.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#