يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېلو بىجىرىش سۈپتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن،2000-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区农业机械事故处理程序

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ تەرتىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېلو بىجىرىش سۈپتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قائىدە تۈزۈملەرگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 

2-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا دەرىجە بويىچە  مەسئۇل بولۇش، رەھبەرلىك تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.  

3-ماددا  ئۈچ يىلدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى تەجرىبىسىگە ئىگە، مەخسۇس كەسىپ بويىچە  تەربىيلىنىپ ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش پونكىتى تارقاتقان گۇۋاھنامىنى ئالغان نازارەتچى خادىملار، ئادەتتىكى ھادىسىدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

4-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، پاكىتنى ئاساس، قائىدە-نىزامنى ئۆلچەم قىلىش، قانۇنغا ئاساسەن جاۋابكارلىقنى بېكىتىش، جاۋابكارلىقىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم.  

5-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچى خادىملىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھادىسىگە بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقى، پايدا-زىيان ياكى باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ھادىسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك. بىۋاسىتە ئالاقىدار ياكى ۋاكالەتچىلەرنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار. 

يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى، ناھىيلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلى بەلگىلەيدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى مەسئۇلىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى شۇ ئورۇندىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئاساسلىق باشقۇرۇش مەمۇرىيى تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش قارارى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە چىقىرىلىشى لازىم. 

6-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسى خاراكتېرىگە قاراپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ: 

1. جاۋابكارلىق ھادىسە: يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ياكى توختىتىپ قويۇش جەريانىدا، شوپۇر-مەشغۇلاتچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدە-نىزامى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىشىدىن كىلىپ چىققان يېزا-ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ 

2. تاسادىپىي ھادىسە: شوپۇر-مەشغۇلاتچىلار قارشى تۇرالمايدىغان ياكى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدىغان تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا تاسادىپىي سەۋەب تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ 

3. تېخنىكىلىق ھادىسە: يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى لاھىيلەش، ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە رىمونت قىلىش سۈپتى قاتارلىق مەسىللەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ؛

4. بۇزغىنچىلىق ھادىسە: كىشىلەر قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.

جاۋابكارلىق ھادىسىسى بىكتىلگەندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە بويىچە  بىر تەرەپ قىلىدۇ.  تاسادىپى ھادىسە، تېخنىكىلىق ھادىسە بىكتىلگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە  بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.  بۇزغۇنچىلىق ھادىسىسى بىكتىلگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋىپسىزلىكى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىلىدۇ.  

2-باب  باشقۇرۇش دائىرىسى

7-ماددا  ناھىيىلىك، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.  ۋىلايەت، ئوبلاسىت (شەھەر)لىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆز باشقۇرۇش دائىرىسىدە يۈز بەرگەن دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ ۋە چەت ئەللىكلەرگە چېتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.  

8- ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسى يۈز بەرگەن جاينىڭ تەۋەلىكى ئېنىق بولمىسا، مەلۇم قىلىنغان دېلونى ئەڭ ئاۋۋال بايقىغان ياكى ئەڭ ئاۋۋال قوبۇل قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىدۇ.  تەۋەلىكى بىكتىلگەندىن كېيىن باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 

9-ماددا  باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىدا تالاش-تارتىش بولسا، تالاش تارتىش قىلغان ئىككى تەرەپ كىڭىشىپ ھەل قىلىدۇ. كىڭىشىپمۇ ھەل قىلالمىسا، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا-ئىگىلىك ماشىىنلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بېرىدۇ. 

10-ماددا  يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى تۆۋەن دەرىجلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىنى تۆۋەن دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىر تەرەپ قىلسىمۇ بۇلىدۇ.  

11-ماددا  جاۋابكارنىڭ باشقا خىل جىنايى قىلمىشى بولسا، جامائەت خەۋىپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ دەۋاگەرگە زىيان  تۆلىمى ھەققىدە ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنسا بولىدىغانلىقى ئوقتۇرۇش قىلىنىدۇ. 

12-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە جاۋابكارىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. جاۋابكار ھەربىي بولسا ھەربىي قىسىمنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 

3-باب  نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش

13-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دېلو مەلۇماتىنى ياخشى خاتىرلىشى ھەمدە دەرھال نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىشى لازىم.  ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسە بولسا، دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

14-ماددا  نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسى بولسا، «يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تىزىملاش جەدىۋىلى» تولدۇرۇلىدۇ.

يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسى بولمىسا، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئالاقىدارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.  

15-ماددا  ئادەتتىكى ھادىسىدىن يۇقىرى ھادىسە نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خادىملىرى ئىككى ئادەمدىن كەم بولماسلىقى لازىم.  

16-ماددا  ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسە يۈز بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پونكىتى زۆرۈر دەپ قارىسا نەق مەيداندا يىتەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىش كېرەك.  زۆرۈر بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىشىنى ئىلتىماس قىلىش لازىم.

باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئادەم ئەۋەتىپ نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى قوغداش كېرەك.  

17-ماددا  تەكشۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەش لازىم.  

1. نەق مەيداننى قوغداش، يارىلانغۇچى ۋە مال مۈلۈكىنى جىدددى قۇتقۇرۇشقا تەشكىللەش؛ 

2. تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش، گۇۋاھچى ئىزدەپ ماددىي ئىسپاتلارنى توپلاش. ئەگەر جەسەت ۋە نەرسىلەرنى يۆتكەش زۆرۈر بولسا بەلگە قويۇش لازىم؛  

3. نەق مەيداندا قېلىپ قالغان ماددى بۇيۇملارنى ئېنىقلاپ تىزىملاش، توسالغۇلارنى يوقىتىش، قاتناش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.  

18-ماددا  ھادىسە نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە سۈرەتكە تارتىش ياكى سىنئالغۇغا ئېلىش لازىم. ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەرنى رەڭلىك سۈرەتكە تارتىش كېرەك. سۈرەتنىڭ چۇڭايتىلىشى 60×80 مىللىمېتىردىن كىچىك بولماسلىقى لازىم.  

19-ماددا  ھادىسە نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ نەق مەيدان دەسلەپكى خەرىتىسىنى سىزىۋېلىشى ھەمدە دەسلەپكى خەرىتىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خەرىتىسىنى سىزىش لازىم.  

20-ماددا  ھادىسە نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە، ھەر قايسى ئاساسى ئىزلارنى ئېنىقلاپ، ھادىسە تىگىشىش نوقتىسى ۋە تىگىشىش دائىرىسىنى بەلگىلەش لازىم.

21-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە نەق مەيدان خەرىتىسى سىزىلىپ بولغاندىن كېيىن، تەكشۈرگۈچى ۋە خەرىتە سىزغۇچى خادىملار ھادىسىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى بىلەن نەق مەيدان خەرىتىسىگە ئىمزا قويۇپ تامغىسىنى بېسىش كېرەك.  ئالاقىدارلار نەق مەيداندا بولسا، ئۇلارنىمۇ ئىمزا قويغۇزۇش لازىم؛ ئالاقىدارلار نەق مەيداندا بولمىسا ياكى ئىمزا قۇيۇش ئىقتىدارى بولمىسا، ئىككىدىن ئارتۇق گۇۋاھچى ئىمزا قۇيۇپ تامغىسىنى بېسىش كېرەك؛ گۇۋاھچى بولمىسا ياكى ئالاقىدارلار ئىمزا قۇيۇشنى رەت قىلسا، خاتىرىلەپ ئەنگە ئېلىپ قۇيۇش لازىم.

22-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتسە، ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى دەرھال ئادەم تەشكىللىشى ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنىنى ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلىپ، قاچقۇننى تىزدىن قولغا چۈشۈرىشى، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.  

23-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە نەق مەيداندا قېلىپ قالغان بۇيۇملارنى قوغدىشى، ماددىي پاكىتلاردىن باشقا، مال مۈلۈكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىگىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك؛  ۋاقتىنچە ئىگىسى چىقمىغانلارنى مۇۋاپىق ساقلاش لازىم.   

4-باب  تەكشۈرۈپ پاكىت توپلاش

24-ماددا  ھادىسە نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ پاكىت توپلىغاندا، ھادىسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ماددىي بۇيۇملارنى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن توپلاپ، تۈرلەر بويىچە  جەدىۋەلگە تولدۇرۇشى ۋە تىزىملىشى لازىم.

1. جەسەت، ماشىنا-سايمان، ماشىنا ۋە باشقا بۇيۇملار ئۈستىدىكى چاپلىشىپ قالغان ھادىسىگە مۇناسىۋەتىك ماددىي نەرسىلەرنى ئالغاندا، مەخسۇس قاچىغا ياكى خالتىغا ھىم سېلىشى كېرەك.  ئاسانلا بۇزۇلۇپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ماددى پاكىتلارنى، ئالدىنئالا مۇكەممەل ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، دەرھال ئاپىرىپ تەكشۈرۈش كېرەك.  

2. ماشىنا ياكى ماشىنا سايمانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۈلەكلىرىنىڭ دېتاللىرىنى پارچىلاپ پاكىت ئېلىشتا، ئالدىنئالا ماشىنا ئىگىسىگە چۈشەندۈرۈش لازىم.  

25-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ھادىسە تۇغدۇرغان ماشىنا ۋە ماشىنا سايمانلار ۋە ئۇلارنىڭ كىنىشكا، نومۇر تاختىلىرىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالغاندا، تۇتۇپ قېلىش گۇۋاھنامىسى كېسىپ بېرىش كېرەك.

ماشىنا ۋە ماشىنا-سايمانلار، نومۇر تاختا-كىنىشكىلەرنى تۇتۇپ قېلىش مۇددىتى 20 كۈن بولىدۇ؛ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، بىر دەرىجە يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەستىقلىغاندىن كېيىن 20 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ.  

ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان ماشىنا ۋە ماشىنا-سايمانلارنى بىردەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى بەلگىلىگەن ئورۇندا ئوبدان ساقلاش كېرەك.

ئالاقىدارلارنىڭ باشقا گۇۋاھنامىلىرىنى تەكشۈرۈپ تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن نەق مەيداندا قايتۇرۇپ بىرىش لازىم.

26-ماددا  ئالاقىدار ۋە گۇۋاھچىلارنى چاقىرىپ سۇئال سورىغاندا، خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك.  گۇۋاھچى ۋە ئالاقىدارلار يېزىلغان خاتىرىنى كۆرۈپ خاتالىق سىزىلمىسە، يېزىلغان خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىش كېرەك.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ روخسىتىسىز پاكىت ماتېرىياللارنى سۈرەتكە تارتىشقا ،كۆپەيتىپ بېسىشقا، كۆچۈرۈشكە، ئۈن ۋە سىن ئالغۇغا ئېلىشقا بولمايدۇ.  

27-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە نەق مەيداندىكى ئىز، ماددى پاكىتلارنى توپلاش ۋە ئىگىلەشتە، «يول قاتناش ھادىسسىدىكى  ئىز، ماددىي پاكىتلارنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى»دىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە نەق مەيدانى ۋە ئالاقىدارنىڭ تېنىدىكى ۋاقىت، جاي، ھاۋا رايى تۈپەيلىدىن يوقىلىپ كېتىشى مۈمكىن بولغان ئىز ياكى  پاكىتلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىۋېلىش كېرەك.

5-باب  تەكشۈرۈش ۋە باھالاپ بېكىتىش

28-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىنى بېكىتىش؛ ماشىنا ۋە ماشىنا-سايمانلارنى تېخنىكىلىق باھالاپ بېكىتىش، خادىملارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاپ بېكىتىش، مەشغۇلات مۇھىتىنى باھالاپ بېكىتىش، ئىز ۋە ماددىي پاكىتلارنى باھالاپ بېكىتىش، ماشىنا ۋە ماشىنا-سايمان، ماددى بۇيۇملارنىڭ بۇزۇلۇش ۋە چارۋىلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاپ بېكىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

29-ماددا  مەخسۇس تېخنىكا تارماقلىرىغا ھاۋالە قىلىپ ياكى كەسپىي تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ باھالاپ بېكىتىش ئېلىپ بارغاندا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ھاۋالە قىلىش ياكى تەكلىپ قىلىشقا دائىر خەت ئالاقە چىقىرىش لازىم.  

30-ماددا  باھالاپ بېكىتىش خادىملىرى باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە ماتېرىياللىرىنى ئىگىلەشكە، ھادىسە ئالاقىدارلىرى ۋە گۇۋاھچىلاردىن سۇئال سۇراشقا ھوقۇقلۇق.

باھالاپ بېكىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باھالىغۇچى باھالاش يەكۈنى چىقىرىش ۋە ئىمزاسىنى قۇيۇش لازىم.  

31-ماددا  ھادىسىدە ئۆلگەن، يارلانغان، مېيىپ بولغانلارنى قانۇن دوختۇرى باھالاپ بېكىتىشى لازىم.  قانۇن دوختۇرى بولمىسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن دوختۇرخانا باھالاپ بېكىتسە بولىدۇ. 

جەسەتنى تەكشۈرۈشتە مۇۋاپىق جايغا يوتكەپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. جەسەتنى ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش لازىم.

32-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە ئالاقىدارلىرى ياردار ۋە مېيىپنى باھالاپ بېكىتىش نەتىجىسىگە قايىل بولمىسا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» گە ئاساسەن بىر دەرىجە يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ قايتىدىن باھالاپ بېكىتىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا باھالاپ بىكىتكەن يەكۈنى ئەڭ ئاخىرىقى يەكۈن بولىدۇ. 

33-ماددا  ئىزنى باھالاپ بېكىتكەندە ئىزنىڭ شەكلى، ئورنى، كۆلىمى، چوڭ-كىچىكلىكى، چوڭقۇرلۇقى، ئىزنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شەكىللىنىش سەۋەبى قاتارلىقلارنى بەلگىلەش لازىم. باھالاپ بېكىتىشتىن بۇرۇن سۈرەتكە ئېلىشى ۋە سۈرەت ماتېرىياللارنى مۇكەممەل ساقلاش كېرەك.

34-ماددا  ماشىنا ۋە ماشىنا-سايمان، ماددىي بۇيۇملارنى باھالاپ بېكىتىشكە يوللاشتا، كىلىش مەنبىيى بىلەن تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغان ئورۇننى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك. ئۇپراپ بۇزۇلغان ئورۇن ۋە دېتاللارغا قارىتا بۇزۇلۇش دەرىجىسىنى بەلگىلەپ، رېمونت قىلىش ياكى دېتال ئالماشتۇرۇش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. خوراش خاراكتېرىدىكىلىرىگە مۇكەممەل ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.  

35-ماددا  مەشغۇلات مۇھىتىنى باھالاپ بېكىتىشتە، ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىت ئامىلىنى تەھلىل قىلىشى ھەمدە تەپسىلى خاتىرە يېزىشى لازىم.  

36-ماددا  چارۋىلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاپ بېكىتىشتە، چارۋىلارنىڭ يارىلىنىش دەرىجىسى ۋە مېيىپلەنگەن-مېيىپلەنمىگەن قاتارلىق مەزمۇنلارنى بەلگىلەش لازىم.

6-باب  جاۋابكارلىقنى بېكىتىش

37-ماددا  ھادىسە ئالاقىدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى، ھادىسىدىكى ھەر قايسى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھەر قايسى ئامىللار بىلەن ھادىسە يۈز بېرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۈنۋىرسال ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا بىكتىلىدۇ.

38-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى بېكىتىش، ھادىسە يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ تۆۋەندىكى ۋاقىت چەكلىمىسى بويىچە  ئېلىپ بېرىلىدۇ:

يېنىك ھادىسە بەش كۈن ئىچىدە، ئادەتتىكى ھادىسە 15 كۈن ئىچىدە، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسە 20 كۈن ئىچىدە.  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ جاۋابكارلىقنى ۋاقتىدا بىكىتكىلى بولمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە  ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 كۈن، 15 كۈن، 20 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ. 

يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە جاۋاپكارلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسى جاۋاپكارلىقى ھۆكۈمنامىسى» تۈزۈپ چىقىش كېرەك. 

39-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسى جاۋابكارلىقىنى ئېلان قىشتا، ھەر قايسى ئالاقىدارلارنى بىرلا ۋاقىتتا چاقىرتىپ، مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، جاۋابكارلىقنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش لازىم. ھەر قايسى ئالاقىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەر جاۋابكارلىقنى بېكىتىش ھۆكۈمنامىسىغا ئىمزا قويۇش كېرەك؛ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچى خادىملىرى جاۋابكارلىقنى بېكىتىش ھۆكۈمنامىسىغا ئىزاھالاپ قويۇشى، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسى جاۋابكارلىقى ھۆكۈمنامىسى»نى مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم؛ شۇنداقلا ئالاقىدارلارغا جاۋابكارلىقنى قايتىدىن بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا دائىر ۋاقتى ۋە ئاپپاراتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. 

40-ماددا  ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسە جاۋابكارلىقىنى قايتىدىن بېكىتىش خىزمىتىگە مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ مەسئۇل قىلىشى كېرەك.

41-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسە جاۋابكارلىقىنى قايتىدىن بېكىتىش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسى جاۋابكارلىقىنى قايتىدىن بېكىتىش ھۆكۈمنامىسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، قايتىدىن بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئەسلىدە جاۋابكارلىقنى بېكىتكەن ئاپپاراتقا ئايرىم –ئايرىم يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئەسلىدە جاۋابكارلىقنى بېكىتكەن ئاپپارات «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسى جاۋابكارلىقىنى قايتىدىن بېكىتىش ھۆكۈمنامىسى»نى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 5 كۈن ئىچىدە ھەر قايسى ئالاقىدارلار ياكى ۋاكالەتچىلىرىگە قايتىدىن بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئېلان قىلىشى لازىم. 

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسى جاۋابكارلىقىنى قايتىدىن بېكىتىش قارارى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم بولىدۇ. 

7-باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

42-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جاۋابكارلىرىنى جازالاش زىياننى تۆلەش مۇرەسسەسىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. 

جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان شوپۇر- مەشغۇلاتچىلارنىڭ دېلوسىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاشتىن بۇرۇن، شوپۇرلۇق ياكى مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. 

43-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە جاۋابكارلىرىنى جازالاشتا، ئۇلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى، ھادىسە جاۋابكارلىقى ۋە ھادىسە ئاقىۋىتىگە ئاساسەن ئايرىم ھۆكۈم چىقىرىپ، قۇشۇپ ئىجرا قىلىش كېرەك.

شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش جازاسىنى قوشۇپ ئىجرا قىلغاندا 2 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

44-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىغا شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىشنى ھۆكۈم قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، ھۆكۈمنامە بىلەن شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ھازىرقى تەۋەلىكتىكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ. 

45-ماددا  شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋاقتى جازالاش ھۆكۈمى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.

شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىنمۇ دېلو ئاياقلاشمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. 

46-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسە جاۋابكارلىرىغا جازالاش ئېلىپ بارغاندا، باشقا ئالاقىدارلار ئۈچتىن ئېشىپ كەتسە، جازالاش ھۆكۈمىنى باشقا ئالاقىدارلارغا ئېغىزچە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە خاتىرلەپ قويۇشى لازىم. باشقا ئالاقىدارلارنىڭ قايتىدىن قاراپ چىقىش تەلىپى بولسا، ئۇلارغا ھۆكۈمنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. 

8-باب  تۆلەم ۋە مۇرەسسە

47-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە زىيىنىنى تۆلەش مۇرەسسەسى ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. مۇرەسسەلەشتۈرۈش ۋاقتى، ئورنى، شەكلى قاتارلىقلارنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بېكىتىدۇ. 

48-ماددا  مۇرەسسەلەشتۈرۈش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»دىكى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىككى قېتىملا مۇرەسسەلەشتۈرۈلىدۇ، مۇرەسسەلەشتۈرۈش جەريانىدا خاتىرە قالدۇرۇش لازىم.

49-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرى، ئالاقىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە قاتنىشىشنى ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم. ئادەتتە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، مۇرەسسەلەشتۈرۈش خاتىرسىگە خاتىرلەپ قويۇشى كېرەك.

ئالاقىدارلار ياكى ۋاكالەتچىلەر مەلۇم سەۋەب بىلەن مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە ۋاقتىدا قاتنىشالمايدىغان بولسا، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرىغا ئالدىن خەۋەر قىلىپ، مۇرەسسەلەشتۈرۈش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم؛ مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە مۇۋاپىق سەۋەبى يوق تۇرۇپمۇ قاتناشمىسا ياكى مۇرەسسەلەشتۈرۈش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ئۆزلىكىدىن چىقىپ كەتسە، بىر قېتىم مۇرەسسەلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولىدۇ. 

50-ماددا  مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە قاتنىشىدىغانلار:

1. يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسى ئالاقىدارلىرى؛

2. يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىدە يارلانغان، ئۆلگەنلەرنىڭ يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ياكى باققۇچىلىرى؛ 

3. يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىدىكى ماشىنا ۋە ماشىنا-سايمانلارنىڭ ئىگىلىرى؛

4. قانۇنىي ۋەكالەتچىلەر ۋە ھاۋالە ۋەكالەتچىلىرى؛

5. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قاتنىشىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان خادىملار. 

يۇقىرىقى خادىملار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە قاتنىشالايدۇ. ھەر بىر تەرەپنىڭ قاتنىشىدىغان ئادەم سانى ئۈچتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

51-ماددا  ھاۋالە ۋەكالەتچىلەر مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە قاتنىشىشتا، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرىغا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ياكى تامغىسى بېسىلغان ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ھاۋالىنامىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىش تۈرى ۋە ھوقۇق دائىرسى ئېنىق يېزىلىشى لازىم.

52-ماددا  مۇرەسسەلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئالاقىدار تەرەپلەر مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئادەملىرىنى ئالماشتۇرسا، مۇرەسسەلەشتۈرۈش قېتىم سانى ۋە ۋاقتى ئۇلىنىپ ھېساپلىنىدۇ. ئالاقىدارلار ياكى ۋەكالەتچىلەر مۈمكىنچىلىكى بولمىغان ياكى ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە ۋاقتىدا قاتنىشالمىسا، مۇرەسسەلەشتۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختىتىشى لازىم. 

53-ماددا  ئېغىر ۋە مۇرەككەپ يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، بىر دەرىجە يۇقىرى يېزا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى تەستىقلاش لازىم.

54-ماددا  مۇرەسسەلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئالاقىدارلار ياكى ۋەكالەتچىلەر «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى »دە بەلگىلەنمىگەن تۆلەم تۈرلىرى ۋە تەلپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، مۇرەسسە قىلىنمايدۇ. 

55-ماددا  بېقىلىدىغان ئادەم سانىنى بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بېقىش-بېقىلىشقا دائىر ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى زۆرۈر دەپ قارىسا، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇق ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىش لازىم. 

56-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە زىيىنى تۆلىمى مۇرەسسەسىدە كېلىشىم ھاسىل بولسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇرەسسەنامە تۈزۈشتە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئېنىق يېزىشى لازىم:

1. تۆلەمنىڭ قىسقىچە جەريانى ۋە زىيان ئەھۋالى؛

2. جاۋابكارلىقنى بېكىتىش ئەھۋالى؛

3. زىيان تۆلىمىنىڭ تۈرلىرى ۋە سوممىسى؛

4. زىيان تۆلىمىنى بېرىش شەكلى ۋە دېلو ئاياقلاشقان ۋاقتى. 

57-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە زىيىنى تۆلىمى مۇرەسسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇش يەكۈنىنى تۈزۈش لازىم.

58-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىش دېلوسى ئاياقلاشقاندا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ھادىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر ياكى ۋەكالەتچىلەر يىغىنىنى ئېچىپ، ھادىسسە جەريانىنى تۇنۇشتۇرۇپ، ھادىسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى، يارلانغان، مېيىپلەنگەرنلەرنىڭ دىئاگنوزى ۋە داۋالىنىشى، ئۆلگۈچىنىڭ دەبنە قىلىنىشى، ماشىنا ۋە ماشىنا –سايمانلارنىڭ رېمۇنت قىلىنىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى قاتارلىقلارغا كەتكەن خىراجەتلەرنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى جاكارلاپ، جاۋابكارلىقنىڭ بېكىتىلىشى، مەمۇرى جازا قارارى، ھادىسە مۇرەسسەسىدىكى ئىقتىسادى تۆلەملىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. 

59-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ھادىسە زىيىنى تۆلىمىنىڭ مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى ياكى مۇرەسسەنى ئاياغلاشتۇرۇش يەكۈنىنى، ئالاقىدارلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە 10 كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىش لازىم. 

60-ماددا  قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش پۇلى بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا ئالدىن تاپشۇرۇلىدۇ؛ پۇل تاپشۇرۋىلىنغان تالوننى ئالدىن پۇل تاپشۇرغان ئالاقىدار ئۆزى ساقلايدۇ. ئالدىن پۇل تاپشۇرمىغان ياكى تاپشۇرۇش قۇدرىتى يوق بولسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ھادىسە جاۋابكارىنىڭ ماشىنىسى ياكى ماشىنا سايمانلىرىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ، ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش مۇددىتىنى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) لىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

9-باب  باشقا بەلگىلىمىلەر

61-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسە ئالاقىدارى ئاققۇن بولۇپ، ھادىسنى بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدە ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلسا، ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىن كېپىل بولغۇچىنى تېپىش لازىم؛ كېپىل بولغۇچى كاپالەتنامە بەرگەندىن كېيىن، ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىن ئايرىلسا بولىدۇ. 

62-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سالاھيىتىنى ئېنىقلاشقا مۇمكىن بولمىسا، ۋىلايەت، ئوبلاسىت (شەھەر) دىن يۇقىرى گېزىتلەردە ئادەم ئېزلەش ئېلانى بېرىش لازىم. گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ 10 كۈنگىچە جەسەتنى تۇنۇۋېلىشقا ئادەم كەلمىسە، ناھيىدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىىڭ مەسئۇلى تەستىقلىغاندىن كېيىن جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىشى، خىراجەتنى باشقا ئالاقىدارلار ئالدىن تۆلەپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قېپقالغان بۇيۇملىرىنى ياخشى ساقلىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم. 

63-ماددا  دېلو ئەھۋالى ئاددى، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئېنىق، ئالاقىدارلارنىڭ تالاش-تارتىشى ئانچە چوڭ بولمىغان يېنىك ھادىسىلەرگە،ئاددى تەرتىپ ئىشلىتىش لازىم. 

يېنىك ھادىسە پەيدا قىلغان جاۋابكار ئالاقىدارلارغا نەق مەيداندا جازا بېرىش كېرەك.

زىيان تۆلىمىگە قارىتا مۇرەسسە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، دېلو بېجىرگۈچى نەق مەيداندا مۇرەسسەلەشتۈرسە بولىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلسا، مۇرەسسەنامە تۈزۈش كېرەك. كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇش يەكۈنىنى تۈزۈپ، ئالاقىدارلارغا ئايرىم-ئايرىم بېرىش لازىم. 

ئالاقىدارلار ئاددى تەرتىپ ئىشلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا قۇشۇلمىسا، ئاددى تەرتىپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 

64-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىنىڭ ئارخىپىنى ئۆز ۋاقتىدا تۇرغۇزۇشى، ئارخىپ مەزمۇنى تولۇق بولۇشى لازىم. ئارخىپقا مۇندەرىجە، تەرتىپ نومۇرى قويۇپ، تۈپلەپ ياخشى ساقلاش كېرەك. 

10-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

65-ماددا  بۇ تەرتىپنى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ.

66-ماددا  بۇ تەرتىپ 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#