خەن سۇلالىسى

ليۇ باڭ - خەن سۇلالىسى

غەربىي خەن سۇلالىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206-يىلى قۇرۇلۇپ، چاڭئەن (ھازىرقى شەنشىدىكى شىئەن) نى پايتەخت قىلدى، بۇ ھاكىمىيەت «ئالدىنقى خەن سۇلالىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ سۇلالىدە جەمئىي 12 پادىشاھ دەۋر سۈرۈپ، چۇشىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە8-يىلى) غا كەلگەندە يىمىرىلدى، جەمئىي 214 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 

ئۇيغۇرچە نامى خەن سۇلالىسى
ئاساسلىق مىللىتى خەنزۇ
ئاساسلىق دىنى داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى
مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى ئۈچ بەگ توققۇز تۆرە تۈزۈمى
باشقا نامى The Han Dynasty
خەنزۇچە نامى 汉朝
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى چاڭئەن
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەربىي خەن سۇلالىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206-يىلى قۇرۇلۇپ، چاڭئەن (ھازىرقى شەنشىدىكى شىئەن) نى پايتەخت قىلدى، بۇ ھاكىمىيەت «ئالدىنقى خەن سۇلالىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ سۇلالىدە جەمئىي 12 پادىشاھ دەۋر سۈرۈپ، چۇشىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە8-يىلى) غا كەلگەندە يىمىرىلدى، جەمئىي 214 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 

چىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ليۇ باڭ بىلەن شياڭ يۈي ھاكىمىيەت تالىشىپ، تۆت يىلغا سوزۇلغان «چۇ-خەن ئۇرۇشى» نى ئېلىپ باردى. ليۇ باڭ شياۋ خې، جاڭ لياڭ، خەن شىن قاتارلىق سىياسىئون، ھەربىي ئالىملارنى ئىشقا قويۇپ، ئۆزىدىن زور دەرىجىدە كۈچلۈك «غەربىي چۇ ھاكىمبېگى» شياڭ يۈينى مەغلۇپ قىلدى، ئاخىردا خىل قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق شياڭ يۈينى گەيشيا(ھازىرقى ئەنخۇيدىكى لىڭبى ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دا قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالدى. مانا بۇ مەشھۇر «گەيشيا مۇھاسىرىسى» ئىدى. شياڭ يۈي ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، ۋۇجياڭ(ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسى خېشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالى) غا قېچىپ بارغاندىن كېيىن ئۆلۈۋالدى.

خەن سۇلالىسىغەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى شەرقىي جەنۇبتا دېڭىزغا، غەربىي شىمالدا بالقاش كۆلى، پامىر(كۆكئارت) غىچە، غەربىي جەنۇبتا ھازىرقى يۈننەن، گۇاڭشى، ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە، شىمالدا چوڭ قۇملۇققىچە، شەرقىي شىمالدا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە كېڭەيگەنىدى.

خەن سۇلالىسىغەربىي خەن سۇلالىسى سىياسىي جەھەتتە چىن سۇلالىسىنىڭ ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بىر قىسىم تۆھپىكار ئەمەلدارلارغا ھەرقايسى جايلارنىڭ بەگلىكىنى سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. كېيىن ليۇ باڭ ھەر خىل جىنايى بەتناملار بىلەن بۇ بەگلىكلەرنى پەيدىنپەي بىكار قىلىپ، پەقەت ليۇ فامىلىلىكلەرگىلا بەگلىك مەرتىۋىسى بەردى. ۋېندى، جىڭدى زامانىسىدا، ليۇ فامىلىك سۇيۇرغال بەگلەر بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈرلەشتى، ۋۇ، چۇ قاتارلىق يەتتە بەگلىك ئىسيان كۆتۈردى.

خەن سۇلالىسىغەربىي خەن سۇلالىسى ئاساسىي جەھەتتىن چىن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا «خەلقنى ھاللاندۇرۇش» سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى. خەن گاۋزۇدىن كېيىن، خەن ۋېندى بىلەن خەن جىڭدىنىڭ سىياسىي تۆھپىسى ناھايىتى زور بولۇپ، «ۋېندى، جىڭدى يىللىرىدىكى ئادىل سىياسەت» دەۋرى بارلىققا كەلدى. خەن ۋۇدى يەنە تەدبىر قوللىنىپ پادىشاھلىق ھوقۇقى ۋە ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پۇل قۇيۇش ھوقۇقىنى مەركەزگە ئۆتكۈزۈۋالدى، تۇز، تۆمۈرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمىنى ئاشۇردى.

خەن سۇلالىسىغەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئەينى چاغدا، » ئالماشتۇرۇپ تېرىش، بۆلەكلەرگە ئايرىپ تېرىش، ئوغۇتلاپ تېرىش «قاتارلىق ئىلغار دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرى قوللىنىلدى، ھۆكۈمەتمۇ سۇ ئىنشائات ئىشلىرىغا خېلى ئەھمىيەت بەردى. كانچىلىق ۋە مەدەن تاۋلاش قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ تەرەققىي قىلىپ، تۆمۈر بۇيۇملار زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، برونزا بۇيۇملارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئىگىلەپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلاندى. ئەينى چاغدا كىشىلەر گۈللۈك يىپەك بۇيۇملارنى توقۇيالايدىغان، نەپىس سىرلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغانىدى.

غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا، ھونلار دائىم شىمالدىكى چېگرىلارغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك سالاتتى. خەن ۋۇدى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ھونلارغا كەڭ كۆلەمدە قايتۇرما زەربە بەردى، خۇ چۈيبىڭ، ۋېي چىڭ قاتارلىق سەركەردىلەر قوشۇن باشلاپ قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ھونلارنىڭ خان ئوردىسىغىچە ئىچكىرىلەپ كىردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھونلارنىڭ تەھدىتى تۈگىتىلدى. خەن ۋۇدى يەنە جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىپلا قالماي، يىپەك يولىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ يىپەك ماللىرى، ساپال، فار-فۇر ۋە لاكلانغان ساپال بۇيۇم قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئۈزۈلمەستىن غەربكە توشۇلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىندى، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#